قارلىغاچ (داۋامى 2)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-26 19:18
 
زەنجىر 
 
بۈگۈن شەنبە كۈنى ئىدى،ئىليار  مەرزىيەنىڭ يەنە " ۋاختىدا كەلمەيدىغان بوپ كەتتىڭىز " دىيىشىدىن ئەنسىرەپ يولغا چىقتى، ئۇ تىببى ئىنىستىتۇتنىڭ يېنىدىكى كىچىك بازاردا ئاپتوۋوز ئالمىشىش ئۈچۈن بىكەتتە تۇرغان ئىدى، تۇيۇقسىز قۇلىقىغىغا ئاڭلانغان تونۇش ئاۋازدىن چۆچۈپ كەينىگە قايرىلدى، بىكەت يېنىدىكى بىر كىچىك زىبۇ زىننەت دۇكىنىنىڭ دېرىزىسى ئالدىدا ئادىلە بىلەن ئامىنە نىمگىدۇر قاراپ تۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتى. 
----- بۇ زەنجىرنى چوقۇم بىر كۈنى ئېلىۋالىمەن!--- دىدى ئادىلە 
----- ئۇنداق دىگىنىڭگە ئىككى يىل بولدى دوستەك! ھېلىمۇ سېتىلىپ كەتمەيدىغان زەنجىركەن بۇ! 
---- شۇ ئللاھ ماڭا بۇيرىغان گەپ! بۇ ئەتراپتا ھەممىسى ئوقۇغۇچى تۇرسا،ئالدىراپ ئۇنى ئالمايدۇ. مەن ئالغىچە سېتىلىپ كەتسە مۇشۇ يەردە يىغلاپ يېتىۋالىمەن! 
---- مەن ئىشىنىمەن، چوقۇم شۇنداق قىلىسەن! مۇشۇ دېرىزىگە تولا قارىغىنىمىزغا،سېتىلىپ كەتسە مەنمۇ يېتىپ يىغلايمەن. 
---- ئاشۇنداق كىچىك قارلىغاچنى ياساپ چىقالىغانغا ھەيران قالىمەن جۇمۇ! 
---- بولدى ماڭايلى، قاراۋەرسەڭمۇ بەرىبىر بەرمەيدۇ،ئاشخانىنى ئېتىۋەتسە، بۇنىڭغا يىغىۋاتقان پۇلۇڭ  ئازلاپ كېتىدۇ جۇمۇ! 
ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ بىكەتكە كەلدى،ئىليار چاققانلىق بىلەن ئۇدۇلدىكى دۇكانغا كىرىپ كەتتى. قىزلارنىڭ ئاپتوۋوزدا كەتكىنىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاستا چىقىپ ياندىكى زىبۇ- زىننەتبۇيۇملىرى دۇكىنىغا كىردى.مەتۇگۈلنىڭ كۆزى چۈشكەن بۇ زەنجىرگە ئۇ قىزىقىپ قالغان ئىدى. ئۇ مۇلازىمەتچى قىز ئارقىلىق دەرىزىگە تىزىقلىق قارلىغاچ زەنجىرىنى ئېلىپ قاراشقا باشلىدى.كۈمۈش زەنجىرگە ئاجايىپ ئىنچىكىلىك بىلەن قىيىلغان بىر خىرىستال  كىچىك قارلىغاچ ئېسىلغان ئىدى. " مەتۇگۈلنىڭ خېلى كۆزى بار ئىكەن " دىگەن خىيال ئۇنىڭ كۆڭلىدىن تېزلا كەچتى .  
----- بۇ زەنجىر قانچە پۇل ؟ 
-----1000 يۇەن  
----- مۇشۇ مىكروسكۇپ بىلەن ئاران كۆرگىلى بولىدىغان قارلىغاچمۇ؟ 
------ بۇ دىگەن خۇرۇستال ،زەنجىرى كۈمۈش تۇرسا! 
ئىليار زەنجىرنى قايتۇرۇپ بېرىپ يولىغا ماڭدى،ئادىلەنىڭ " سېتىلىپ كەتسە يىغلايمەن " دىگەن گېپى ئۇنىڭ مىڭىسىنى غىدىقلاۋاتقان ئىدى. "مۇشۇ ۋاققىچە ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى ياكى كۆڭۈلسىز بولغىنىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن، دائىم  ئاجايىپ چىداملىقتەك يۈرۈيدۇ، بىر سىناپ باقايمۇ ؟" ئۇ كەينىگە يېنىپ يەنە دۇكانغا كىردى ۋە پۇلنى تۆلەپ ئۇ زەنجىرنى سېتىۋالدى. ئىچ ئىچىدىن چىقىۋاتقان خوشاللىققا ئۆزىمۇ ھەيران قېلىۋاتاتتى.  
  مەرزىيە بىلەن ئىليارنىڭ مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس كېتىۋاتاتتى، جىقراق گەپنى  مەرزىيە قىلاتتى، تاماق يييىش،مەرزىيەبازار ئايلانغاندا ئۇنى ساخلاش،كىنو كۆرۈش،دوستلىرىنىڭ ،تۇغۇلغان  كۈنىگە بىللە بېرىش ،بۇ ئىشلار تەكرارلىناتتى. ئادىلە بىلەن دەرستىن كېيىن كۆرۈشۈش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى، قىسقا بۇ كۆرۈشۈش  قىزىقارلىق تېمىلار بىلەن تېزلا ئوتۈپ كېتەتتتى.ئىمتىھان سەۋەبىدىن ئادىلەنىڭ دەرسى ئىككى ھەپتە توختىتىلغان ئىدى،ئىليار ئۈچۈن  بۇ ئىككى چارشەمبە بۇ يىلدىكى ئەڭ زېرىكىلىك كۈنگە ئايلانغان ئىىدى، بۇنىڭدىن بۇرۇن چارشەمبە كۈنى نىمە ئىش قىلغان بولغىيتتى؟ نىمىدىگەن زېرىكىشلىك چارشەنبە بۇ؟ئۇ ھىچ ئىش قىلماي،كارۋاتتا خىيال قىلىپ كۈنىنى ئاران ئۆتكۈزدى. بۈگۈن ئادىلە دەرسكە كىلەتتى، ئىليار بۇرۇنلا چايخانىغا كىرىپ ئولتۇردى، ئۇ بېشىنى ساڭڭىلىتىپ كىرىۋاتقان ئادىلەنى كۆرۇپ ھەيران قالدى، بۇ ئىليارنىڭ مۇشۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە ،تۇنجى قېتىم ئادىلەنى بۇ ھالدا كۆرۈشى ئىدى.  
---- نىمىش بولدى ؟ كاللىڭىز ساڭڭىلاپ كىتىپتىغۇ ؟ مۇئەللىم تىللىدىمۇ ؟ 
--- تىللىغان بولسا باھانە قىلىپ تازا يىغلايتتىم! 
---- سىز ھەرگىز يىغلىمايسىز! داڭقىڭىز چىققان چىداملىق تۇرسىڭىز! 
---- ياق، مەن يىغلايمەن! 
---- ئېيتىڭە،زادى نىمە بولدى ؟--- ئىليار بىئارام بولۇۋاتاتتى. 
----- مېنىڭ ياخشى كۆرۈپ يۈرگىلى خېلى بولغان بىر زەنجىرىم بار ئىدى، بۈگۈن مەكتەپكە كېلىۋېتىپ قارىسام، سېتىلىپ كىتىپتۇ!!! 
---- ۋاي شۇنچىلىك ئىشمىتى؟ سېتىلسا يەنە كىلەر؟ 
---- دۇكاندىكى قىزدىن سورۇدۇم، سېتىلماي بەك ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەن زەنجىر ئىدى،ئەمدى كىرگۈزمەيمىز دەيدۇ  
-----  قانداق زەنجىر ئىدى، ئۇنى نىمانچە ياخشى كۆرۈپ قالغانتىڭىز؟ 
-----قارلىغاچ زەنجىر ئىدى،ۋاي زەنجىرىم!!! ئۇ شۇنداق دەپلا بېشىنى جوزىغا قويۇپ يېتىۋالدى. 
خېلىدىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ: 
--- مەن كىچىگىمدىن قارلىغاچقا بەك ئامراق ئىدىم، كۈزدە شۇنچە يىراق يوللارنى كېزىپ يىراققا كەتسىمۇ ئەتىيازدا تېنىمەي ئۆز ئۇۋىسىنى تېپىپ كېلەلەيدىغانلىغىغا بەكمۇ ھەيران قالىمەن،  ئۆزى ئاچ قالسىمۇ بالىلىرىنى ئاچ قويماي ،قۇرۇت قوڭغۇز ئەكىلىپ بېقىشىنى كۆرسەم يىغلىغىملا كېلىدۇ.قارلىغاچ كەلسىلا باھار كېلىدۇ ،نىمىدىگەن ياخشى جانىۋار ھە!!! ۋاي قارلىغۇچۇم!!! ---- ئۇ يەنە بېشىنى قويۇۋالدى. 
ئىليار ئەسلىدە ئادىلە يىغلىسا خوش بولىمەن دەپ ئويلىغان ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولۇشى ئىليارنىڭمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز لوقۇلداپ  ئاغرىۋاتقان باش ئاغرىقتىن ئىليارنىڭ كۆز ئالدى قاپ قاراڭغۇ بولۇشقا باشلىدى . ئادىلە ئىليارنىڭ تاتارغان چىرايىدىن چۆچۈپ كەتكەن ئىدى. 
----- نىمە بولدىڭىز ؟ نەرىڭىز  ئاغرىۋاتىدۇ ؟ 
----- بېشىم --- دىگىنىچە ئىليار بېشىنى ئوچۇملاپ ئولتۇرۇۋالدى .  
ئادىلە چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ پىشانىسىنى تۇتتى، قەھۋەگە چىلاقلىق قوشۇقنى ئېلىپ، ئىليارنىڭ ئاغزىنى ئاچقۇزۇپ كانىيىغا قارىدى. 
----- بۇرۇنمۇ بۇنداق بوپ باققانمۇ ؟ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باققانمۇ ؟ 
---- تولا ئاغرىيدۇ  ، دوختۇر  دورا بەرگەن . 
---- سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا دورا ئەكىرەي. 
ئادىلە يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كېتىپ، 5 مىنۇتتا قايتىپ كىردى، قولىدا بىر بولاق دورا بار ئىدى،ئۇ چاققانلىق بىلەن دورىنى چىقىرىپ ئىليارغا ئىچكۈزدى ھەم مۇلازىمەتچى قىزغا دەپ سوغاق لۆڭگە ئەكەلدۈرۈپ  ئۇنىڭ پىشانىسىگە قويدى،10 مىنۇت ئەتراپىدا ئىليارنىڭ چىرايى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، ئۇ خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى. 
------ سىزنى قورقۇتۇپ قويدۇممۇ ؟ كەچۈرۈڭ – دىدى ئۇ خىجىل بولۇپ  
----- ھىچقىسى يوق، مەن دوختۇر تۇرسام ،قورقمايمەن، پەقەت سەل ئەنسىرەپ قالدىم. دورىڭىزنى يېنىڭىزغا سېلىپ يۈرۈڭ، ئاندىن دوختۇرغا يەنە بەر كۆرۈنۈڭ 
------ماقۇل، دەرسكە كېچىكىپ قالدىڭىز،سىز چىقىۋېرىڭ  
---- كىسەلنى تاشلاپ بۇنداق كەتسەم بولمايدۇ ، سىز پۈتۈنلەي ئەسلىڭىزگە كەلگەندە بىراقلا مەكتەپكە قايتاي. 
ئۇلار ئىليار ياخشى بولۇپ قالغىچە چايخانىدا ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتىشتى. 
----- دورىنىڭ پۇلى --- ئىليار يانچۇقۇدىن 50 يۇەن پۇلنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. 
----- بولدى، خوجايننىڭ قىلىشقا تېگىشلىق ئىشىغۇ بۇ ! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دورا ئۇنچىلىك قىممەت ئەمەس.---- ئۇ پۇلنى ئالغىلى ئۇنىماي كېتىپ قالدى. 
ياتاقتا جىم ياتقان ئىليار خىيالغا چۆمدى. "پۇل ، پۇل ،پۇللا دەپ يۈرۈيدىغان مەتۇگۈل ئۇنچىلىكمۇ پىخسىق ئەمەس ئىدى، تېخىچە ئوقۇغۇچى بولسىمۇ ،خېلى ئوبدانلا دوختۇر بولۇپ يېتىشىپ قاپتۇ جۇمۇ!"ئۇ  ئادىلەنىڭ قوشۇقنى ئاغزىغا تىققىنىنى ئويلىغاندا كۈلۈپ كەتتى. 
بۇ شەھەرنىڭ قىش كۈنلىرى يۇرتنىڭكىدىن ئىللىقراق كىلەتتى، قارمۇ نورمال ياغاتتى، بۈگۈن قار خېلىلا  جىق يېغىپ ،ھەممە يەرنى ئاپپاق قىلىپ قاپلىۋەتتى،   
ئادىلە قاراڭغۇدا قالماسلىق ئۈچۈن، دەرستىن چۈشۈپلا ئاپتوۋوز بىكەتكە قاراپ ماڭدى، ئۇ مەيداننىڭ يېنىدىكى يولدا كېتىۋېتىپ،ئۇ يەردە تۇرغان ئىليارنى كۆرۈپ قالدى. 
---- بۇ يەردە تۇرۇپسىزغۇ؟ دىدى ئادىلە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ 
----- كونا جايدا كۆرۈشەيلى دىسەم ئۇنىمايسىز،شۇڭا بۇ يەردە ساخلاپ تۇردۇم. 
---- يەنە كۆرۈشۈشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى، سىلەر شۇنداق ياخشى يۈرۈۋاتىسىلەر،دوكلات قىلغۇدەكمۇ باشقا يېڭىلىق يوق،سىزنىڭ قەھۋەرىڭىزنىڭ پۇلىنى تۆلەۋېرەمدىم يوق ئىشقا؟ 
---- پۇلنى مەن تۆلەي دىسەم يە ئۇنىمايسىز، يە كۆرۈشۈشكە ئۇنىمايسىز،ئىچىمنى پۇشۇرۇپ 
---  نىمىشقا كۆرۈشىسىز دوكلات بولمىسا؟ 
----- كۆنۈپ قاپتىمەن كۆرۈشۈپ—ئۇ نىمىشقىدۇر ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى 
----- ئىمتىھانلار بەك جىق،كېيىنچە بىكار بولغاندا كۆرۈشەرمىز،مەن ماڭاي،قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدۇ --- ئادىلە شۇنداق دىدى- دە ،خوشلىشىپ مېڭىشقا باشلىدى، نەچچە قەدەم مېڭىپلا بېشىغا تەككەن نەرسىدىن چۆچۈپ كەتتى،ئۇنىڭ يېنىدا خېلىلا يوغان بىر قار تومپىلىغى تۇراتتى، ئادىلە كەينىگە  ئۆرۈلۈپ ،ھىجاراپ تۇرغان ئىليارنى كۆردى. 
----- ھەدەڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە قار ئېتىشىشتا يېڭىلپ باقمىغان،ما گۇينى قارا !!! دىگىنىچە ئىليارغا قاراپ يۈگۈردى. 
ئىليار تېخى نىمە بولغاننى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئۇنىڭ باش كۆزىگە  قار توپچىلىرى يېغىشقا باشلىدى،ئاندىن گۈپپىدە قىلىپ ئادىلە ئۇنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ يۈز كۆزىگە قار سۈركەشكە باشلىدى، ئادىلە "ئەل  بولۇڭ،ئەل بولۇڭ!!! " دەپ ۋاقىراۋاتاتتى،ئىليار ئاخىرى "ئەل بولدۇم!!" دەپ ۋارقىرىدى.ئۇ كۆزىنى ئاران ئېچىپ ئۈستىدە ئولتۇرغان ئادىلەگە قاراپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئادىلەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ،بېشىدىكى دوپپىسى مايماق چىقىپ كەتكەن ئىدى،ئى ئۆرۈلۈپلا ئادىلەنى بېسىۋالدى- دە "ئەمدى سىز ئەل بولۇڭ" دىدى.ئادىلە تىپىرلاپ تۇرۇپ ،"چىدىماس،چىدىماس!! " دەپ ۋاقىراپ كەتتى. ئىليارنىڭ ئادىلەنىڭ قوللىرىنى تۇتقان قوللىرىدىن ئاجايىپ بىر ئىللىق ھارارەت پۈتۈن بەدىنىگە تارقىلىۋاتاتتى، ئۇ ئادىلەگە قارىغىنىچە نەچچە مىنۇت جىممىدە تۇرۇپ قالدى، ئادىلەمۇ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇنىڭ يۈرۈگى شۇنچىلىك قاتتىق سوقۇپ كەتتىكى، خۇددى ھازىرلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى، ئۇ ئىليارنى تېزلا ئۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى – دە، "ئەمدى ماڭمىسام بولمايدۇ " دەپلا بىكەتكە قاراپ كېتىپ قالدى.ئۇ ئاپتوۋوزغا چىقىپمۇ خېلىغىچە ئەسلىگە كېلەلمىدى ." ماڭا نىمە بولدى؟ نىمىشقا يۈرۈگۈم تىترىگەندەك بولىمەن ؟" ئۇ ئويلىغانسېرى ئۆز – ئۆزىدىن  خىجىل بولۇۋاتاتتى، چۈنكى يۈرۈگىنىڭ چوڭقۇر بىر يېرى بۇ تۇيغۇنى ياخشى كۆرۈۋاتاتتى. 
ئىليار تۇرغان يېرىدە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى، پۈتۈن بەدىنىنى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر تۇيغۇ چۇلغۇۋالغان ئىدى، ئادىلەنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ قالدى، ئۇ بىر نەچچە مىنۇت ئۇنىڭغا ئەزەلدىن بوپ باقمىغان خوشاللىق، ياق ئۇنى خوشاللىق دىسە توغرا بولمايدۇ، ئىشقىلىپ بىلىپ بولمايدىغان بىر تۇيغۇ ئېلىپ كەلگەن ئىدى،ئۇ ئاشۇ دەقىقىدە پەقەت ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىشىنىلا ئۈمۈد قىلغان ئىدى. ياتاققا مېڭىۋېتىپ خىيالغا كەتتى. ئالدىنقى ھەپتە ئىليار ئوينىشىپ قار تومپىلىغىنى مەرزىيەنىڭ بېشىغا ئاتقان ئىدى،ئۇ چېچېمنى بۇزىۋەتتىڭىز دەپ قاخشاپ كەتكەن ئىدى، ئوخشاش بىر  ئىش دائىم  بۇ ئىككى قىزدا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان رىئەكسىيە قوزغايتتى، لېكىن ئادىلەنىڭ  رىئەكسىيەسى دائىم ئۇنى بەكرەك  خوش قىلاتتى.  
 
قىشلىق تەتىل  
 
بۇ كۈنلەردە بىر ياقتىن قىشنىڭ سوغىقى ئادەمنى قىينىسا ،يەنە بىر ياقتىن ئىمتىھاننىڭ جىقلىغى ھەممە ئادەمنى بىزار قىلاتتى،قىزلار چېچىنىمۇ تاراشقا ۋاقىت چىقىرالماي ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقان ئىدى.  تىببى ئىنىستىتۇتنىڭ ئاخىرقى يىلدىكى قىشلىق تەتىل بەكمۇ قىسقا ئىدى .ئۈچ ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا ئۆيدىن پۇل سوراپ قايتىشقا خىجىل بولغان قىزلار بارلىق چىقىملىرىنى ئازايتىپ ،پويۇز بىلەتنىڭ پۇلىنى يىغىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىدى. ئادىلە ئېنگىلىز تىلى كۇرسىنىمۇ توختاتقان بولۇپ، ھەممە ئوشۇق –تۆشۈك چىقىملارنى قىسقارتتى. ئادىلەنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئىچى پۇشقان ئىليار نىمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تېلىفۇن ئۇردى. 
----- خېنىم ،يوقاپ كەتتىلىغۇ ؟ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ مەكتىۋىڭىزغا بارغاندىمۇ كۆرمۈدۈم سىزنى ؟ 
----- ئېنگىلىسچە كۇرسنى توختاتتتم --- دىدى ئادىلە  كۈلۈپ تۇرۇپ 
----- نىمىشقا ؟ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپسىزدە ؟ تورخانىدا ئازراق ئوينىغان بولسىڭىز بوپتىكەن !! 
---- ئۇنداق ئەمەس، كېتىدىغان پۇلنى تېجەيمەن دەپ ئۆزەم چىقىۋالدىم  
ئىليار جىممىدە بولۇپ قالغان ئىدى،ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يېرى پىژژىدە قىلىپ قالدى،لېكىن  چاندۇرماي ئۇنى بۇنى دەپ تتېلىفۇننى قويىۋەتتى، ئۆزى  بىلەن تەڭ دېمەكلىك بۇ قىزلار دائىم ئۇنى  ھەيران قالدۇراتتى، ئۇ ئەزەلدىن پۇلدىن ئەنسىرەپ باقمىغان ئىدى.  پويۇز بېلىتىنىڭ ئازغىنا پۇلى ئۈچۈن قىزلارنىڭ تىرىشىشى بىر تەرەپتىن ئۇنى ھەيران قالدۇرسا ،يەنە بىر تەرەپتىن "ئۇلارنىڭ ئاتا –ئانىسى نىمىشقا ئۇلارنى قينايدۇ "دەپ ئويلايتتى. 
ئىليار بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ئېنگىلىزچە فاكۇلتېتنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى،" مەن نىمە قىلىۋاتىمەن ؟ نىمىشقا ئۇنداق قىلىمەن ؟" دىگەن سوئالنى ئۆزىگە يېنىشلاپ قويۇۋاتاتتى،ئاخىرى" بىرەرسىگە ياردەم قىلسام ياخشى ئىش تۇرسا ،نىمىشقا ئۆزەمنى ئۇنچىلا سوراققا تارتىمەن؟ " دەپ ئويلاپ تېز تېز مېڭىپ كەتتى. 
ئادىلە دەرسكە كېتىۋېتپ ئىليارنى ئۇچرىتىپ قالدى،ئىليار "كونا جايدا كۆرۈشەيلى" دەپلا تېز ئۆتۈپ كەتتى.ئادىلە دەرستىن چۈشۈپ چايخانىغا كىرگەندە ،ئىليار ھوزۇرلىنىپ قەھۋەسىنى ئىچىپ ئولتۇرغان ئىدى. 
----- دەرسنى توختاتتىم دەپ تۇرۇپ ،يەنە كېپ قاپسڭزغۇ خېنىم ؟ -- دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ  
---- مۇئەللىم پۇلۇڭىزنى بىرسى تۆلىۋېتىپتۇ ، دەرسكە كېلىڭ دەپ گەپ ئيتىپ بېرىپتىكەن ،شۇڭا كەلدىم. توۋا، كىم مېنىڭ پۇلۇمنى تۆلەيدۇ؟ بۇ چوقۇم ئۇقۇشماسلىق،شۇنداق بولسىمۇ ئوقۇپ تۇراي دىدىم شۇ ! 
---- تەلىيىڭىز باركەن جۇمۇ سىزنىڭ ! 
---- مەن چوقۇم بىر ياخشى قىلغان بولۇشۇم مۈمكىن،شۇنىڭ بەدىلىمىكىن دەيمەن. 
----- مەسىلەن قانداق ياخشى ئىش؟ 
----- مەن چوقۇم بىرەر باينىڭ يىگانە قىزىغا كۈلۈپ تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولۇشۇم مۈمكىن ، شۇ قىز مېنىڭ ئىللىق كۈلكەمنى كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن پۇلۇمنى تۆلىۋەتتىمۇ يە ؟ 
---- ھىكايە توقۇشقا بەك ئۇستىكەنسىز--- دىدى ئىليار كۈلۈپ  
---- لېكىنغۇ بىرەرسىگە قاراپ ھىجايغىنىم ھېچ ئېسىمدە يوقتى!---- ئۇلار تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى . 
-----بىراق نىمىشقا ئۆيدىكىلەر پويۇز بىلەتنىڭ پۇلىنى ئەۋەتىپ بەرمەيدۇ؟ – دەپ سورىدى ئىليار 
----- سورىساق ئەۋەتىپ بېرىدۇ – دىدى ئادىلە ---- ئازراق تېجىسەكلا بولىدىغان ئىشقا ،نىمىشكە ئۇلارغا يۈكىمىزنى ئارتىمىز؟ 
---- ئەمىسە ئۆزەڭلار جاپا تارتىسىلەر ئەمەسمۇ ؟ 
---- بۇ قانداق جاپا بولىىدۇ ؟ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن جاپالارنى تارتىشى مۈمكىن ، پەقەت چىداملىق بولسىلا،ھەرقانداق جاپانى يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ ،ئۇنڭ ئۈستىگە بىز ئۆيدىن ئايرىلىپ چوڭ بولدۇق، يەنە ھەممە ئىشتا ئۆيدىكىلەرگە تايىنىۋالساق بولماس، ھېلىمۇ ئۆيدىكىلەر تېخىچە دەردىمىزنى تارتىۋاتىدۇ . 
----- سىز باشقا قىزلارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىكەنسىز، خېلىلا چىداملىق كۆرۈنۈسىز! 
----- بىزنىڭ ئۆيدە ئوغۇل بالا يوق، بىز ئىككى قىز. دادام دائىم بىزگە " قىز بالا بولغىنىڭلار بىلەن ئوغۇلدەك جاسارىتىڭلار بولسۇن، ئۆز كۈچۈڭلارغا تايىنىپ ،تىرىشساڭلارلا ئوغۇل بالىدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈسىلەر " دەپ ئېيتاتتى.  
ئۇلار خېلى پاراڭلىشىپ ئولتۇردى،  ئىليار ئادىلەنىڭ دەرس پۇلىنى تۆلىۋەتكەنگە ئىچ – ئىچىدىن خوشال بولۇۋاتاتتى، مانا ئەمدى چارشەمبە كۈنى ئۇنداق زېرىكىشلىك ئوتمەيدىغان بولدى- دە!! ئادىلە بىلەن پاراڭلىشىش شۇنچىلىك خوشاللىق ئىدى.  
ئىليار دەرستىن چۈشۈپ پويۇز بىلەت سېتىش ئورنىغا كېلىپ ئوچۇرەتتە تۇردى، خېلى جىق ئوقۇغۇچىلار ئۆچىرەتتە تۇراتتى، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئوغۇلللار بولۇپ ،ئادەتتە ئوغۇلللار قىز ساۋاقداشلىرىنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بېرەتتى، ئىليارمۇ مەېرزىيە ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ،يەنە بىر نەچچە ئوغۇل ساۋاقدىشىنىڭ بېلىتىنى ئالغىلى كەلگەن ئىدى. تۇيۇقسىز 4-5 ئادامنىڭ ئالدىدا تۇرغان تونۇش سىمايە كۆزىگە چېلىقتى، قولىغا كىتاپ تۇتۇۋالغان ئادىلە ۋە ئامىنە بىر- بىرىدىن سوئال سورۇشۇپ ،جاۋاپ بېرىشىپ ،بىرنىمىلەرنى تالىشىپ تۇراتتى. 
----- بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىسىلەر ؟-- دىگەن سۆزدىن ئىىككەيلەن چۆچۈپ قاراشتى، ئىليارنى كۆرگەن قىزلار ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشتى. 
---- بىلەت ئالغىلى كەلمىسەك نىمە بار بۇ يەردە ؟--- دىدى ئادىلە 
---- سىنىپتىكى بالىلار ئېلىپ بەرسە بولمامدۇ ؟ قىزبالا تۇرۇپ  بىلەت ئالىمىز دەپ قىسىلىشىپ يۈرەمسىلەر ؟  
---- ھەممە ئادەم ئىمتىھان دەپ ئالدىراش تۇرسا باشقىلارنى ئاۋارە قىلامدۇق ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلار بىلەت ئالسا بولمامدىكەن ؟ 
---- ئۇنداققۇ ئەمەس، سىلەر كېتىۋېرىڭلار، مەن ئېلىپ قوياي. 
---- بولدى،سىزنى ئاۋارە قىلمايلى، بىزگىمۇ ئاز قالدى – دىدى ئامىنە تۈزۈت قىلىپ  
ئىليار ئۆز ئورنىغا كېلىپ تۇردى، بۇ ئىككى قىزنىڭ كەينىدىن قارىغانچە خىيالغا كەتتى،ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشلار بولغاندا ئۇنىڭ ئىچى ئېچىشقاندەك بولاتتى، نىمىشقىدۇر قىزلارنىڭ جاپاسىنى يەڭگىللەتكۈسى،ئۇلارنى قوغدىغۇسى كېلەتتى، لېكىن قىزلار بۇنداق قىلىشنى خالىمايتتى،ئىليار ئۈچۈن جاپا بىلىنگەن ئىشلار قىزلارغا نىسبەتەن جاپالىقتەك بىلىنمەيتتى، ئۇلار دائىم ئۇنىڭدىنمۇ خوشال كۆرۈنەتتى ،ئۇلاربىللە بولسىلا ھەممە ئىشتىن خوشاللىق تاپالايتتى. 
مانا ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان پويۇزئاخىرى قوزغالدى ، ئادىلە ۋە ئامىنە سومكىلىرىنى ئۈستىگە تاشلاپ چاققانلىق بىلەن ئورۇنلىشىۋالدى،ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا نېفىت ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ۋە پىداگوكا  ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرنەچچە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئورۇنلاشتى، ئىككى كېچە مانا مۇشۇ قاتتىق ئورۇندۇقتا ئۆتەتتى، بۇ5 يىل جەريانىدا قىزلار بۇ يولغا شۇنداق پىشىپ كەتكەن ئىدى، بولۇپمۇ ئۆيگە قايتىش سەپىرى پەقەت ھارغىنلىق بىلىنمەيتتى.  
ئىليار مەرزىيەلەرمۇ يېتىش ۋاگونىغا ئورۇنلاشتى، قىزلار تۆۋەندىكى كارۋاتتا،ئوغۇللار ئوتتۇرا ۋە ئۈستۈنكى قەۋەتتتە ياتماقچى بولۇشتى. پويۇز قوزغىلىشى بىلەنلا قىزىق پاراڭلار باشلىنىپ  كەتتى، قىزلار  ئۆزلىرىنىڭ گېپىغا چۈشۈپ كەتتى.بىرەر ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئىليار ئادىلەلەرنىڭ ۋاگونىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ قانداقراق ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن ئۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. قاتتىق ئورۇندۇق ۋاگونى خېلىلا قىستا – قىستاڭ ئىدى، ئۇ قىستىلىپ ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئاخىرى قىزلار ئولتۇرغان ۋاگونغا كەلدى.ئادىلە بىلەن يەنە ئۈچ ئوغۇل بالا ئالدىراش قارت ئويناۋاتقان ئىكەن، ئامىنە ئادىلەگە ياردەملىشىپ قارتقا قاراپ ئولتۇراتتى.  ئىليار ئادىلەنى كۆرۈپ كۈلىۋەتكىلى تاس قالدى،ئۇنىڭ يۈزىگە 5 – 6 تال ئۇزۇن ئاق قەغەزلەر چاپلانغان ئىدى، ئۇدۇلدىكى ئوغۇل بالىلارنىڭمۇ يۈزلىرىدە قەغەز تۇراتتى، ئىليار بالىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، ئادىلەنىڭ ئۇنىڭغا قارىغىدەك چولىسى  يوق ئىدى، ئۇلار ۋارقىراپ –جارقىلاپ تازا قىزىق ئويناۋاتاتتى،بىر قول تۈگىگەن ئىدى، ئادىلە ئۇتىۋالدى،ئۇ خوشال ھالدا قەغەنزى يىرتىپ تىلى بىلەن يالاپ پاققىدە قىلىپ ئۇتتۇرغان بالىنىڭ پڭشانىسىگە چاپلاپ قويدى. ئۇنىڭ ھەركىتى شۇنچىلىك ئەپلىك ئىدىكى،قارىغاندا بۇنداق جەڭلەردە خېلى چېنىققاندەك قىلاتتى، خېلىدىن كېيىن مەرزىيە يېتىپ كەلدى. 
---- ھەممەيلەن كەچلىك تاماق يەيمىز دەپ سىزنى ساخلاپ قالدى،يۈرۈڭ --- دىگىنىچە ئىليارنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. ئۇلار ئۆز ۋاگونىغا كەلگەندە قىزلار سوراشتى: 
----- نەگە  يوقاپ كەتتىڭىز؟ مەرزىيە ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قالدى. 
----- ئاۋۇ ۋاگوندىكىلەر قارت ئويناۋېتىپتىكەن،شۇلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن، ئويۇن تازا قىزىپ كېتىپتۇ   ئۇ ياقتا. 
---- ئوغۇل بالىلار بولسىلا ئادىلە ھەر ئامال قىلىپ ئويۇننى قىزىتىدۇ – دىدى مەرزىيە كۈلۈپ تۇرۇپ 
---- بىچارە  مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن دەپ جار سېلىپ ھېرىپ كىتىدۇ دائىم. 
-----  شۇنچە قىلغانغا چۇشلۇق يە بىرەرسى قاراپ قويمايدۇ  ئۇنىڭغا. 
---- لېكىن مېنىڭچە ئۇ قىز راستلا باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىكەن--- دىدى ئىليار . 
ئۇلار توختىماستىن ئادىلەنىڭ گېپىنى قىلىشىپ ئۇنى تازا مازاق قىلىشتى، ئىليار نىمىشقا ئۇلارنىڭ ئادىلەنى بۇنچە مازاق قىلىدىغىنىنى بىلەلمىدى، لېكىن بىر ئىش ئۇنىڭغا ئايان ئىدىكى، ئۇ بولسىمۇ ئادىلە ھەرگىزمۇ ئۇلار ئېيتقاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئىش ھەركەتلىرى شۇنچە تەبىئى ئىدى، ئۇ بارلا يەردە خوشاللىق چوقۇم بولاتتى،ئادەم ئۇنىڭ بىلەن بولغاندا ئۆزىنى ئازادە ھىس قىلاتتى.  
سائەت 10 لاردا ئىليار ئادىلەلەرگە خوش دەپ قويۇش ئۈچۈن يەنە ئۇ تەرەپكە باردى، ئادىلە ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بالىلار يىغىلىشىپ ئولتۇرۇپ تازا جىننىڭ گېپىنى قىلغىلى تۇرغان ئىكەن.  
---- بوۋامنىڭ بوۋىسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە بۇ ئىش راست بولغان ئىش ئىكەن . بىر كۈنى --- دەپ گەپ باشلىدى ئادىلە ---  بوۋامنىڭ بوۋىسى خاڭدىن كۆمۈر ئەكىلىۋېتىپ ناھايىتى كەچ قاپتۇ، ئۇ بىر مازارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئات قاتتىق تەرگە چۆمۈپ ماڭالمايلا قاپتۇ، بوۋىمىز ئاتنى قامچىلىسىمۇ ھارۋىنى ھېچ تارتالمىغىدەك، بوۋامنى قاتتىق سۈر بېسىشقا باشلاپتۇ، ئۇ كەينىگە قاراشتىن قورقۇپ ئېتىنى قامچىلاپ ماڭېۋېرىپتۇ، بىر چاغدا كەينىگە قارا دىگەندەك قىپ قاپتۇ،قارىسا ھارۋىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئاپپاق چاچ، ئاپپاق ساقال،ئاپپاق كىيىم كيگەن  بىر  ئادەم  ئولتۇرغان ئىكەن، ئۇ ئادەم بوۋامغا تىكىلىپ تۇرۇپ " قالغانلار چۈشۈپ قالدى ، ئەمدى تېزراق ماڭالايمىز " دەپتۇ، بوۋام قورقۇپ كېتىپ توختىماي "لائىلاھە ئىللاللا "' نى ئوقۇتىكەن،ھارۋا بىردىنلا يېنىكلەپ ئات چاپتۇرۇپ يۈگرەپتۇ . 
ھەممەيلەن توۋا دىيىشىپ كېتىشتى،ئارقىدىنلا يەنە بىر بالا ئاڭلىغان بىر ئىشنى سۆزلەشكە باشلىدى، بۇ گەپ سۆزلەر شۇنچىلىك  قىزىقارلىق ئىدىكى،ئىليارنىڭ پەقەتلا ئۆزىنىڭ ۋاگونىغا كەتكۈسى كەلمىدى، لېكىن مەرزىيەنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن،سۆھبەتنىڭ يېرىمىدا كەينىگە ياندى، ئۆز ئورنىغا كەلگەندە ھەممەيلەن يېتىشنىڭ تەييارلىغىنى قىلىۋاتقان ئىكەن، قىزلار يۈزلىرىگە چاپلىۋالغان مەلھەملىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن كېتىشتى، ئىليار  كارۋىتىغا چىقىپ ياتتى، بۇ ۋاگون ئۇنىڭغا شۇنچىلىك زېرىكىشلىك تۇيۇلۇشقا باشلىغان  ئىدى. 
ئەتىگەنلىك چايندىن كېيىن ئىليار ئايلىنىپ كېلەي دەپ يەنە ئادىلەلەرنىڭ ۋاگونىغا كەلدى، ھەممەيلەن تېخى ئويغانمىغان ئىكەن، ئادىلە ئامىنەگە يۆلىنىپ تازا ئۇخلاۋاتاتتى، قارىغاندا ئاخشام  سۆھبەت يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشقاندەك قىلاتتتى.ئىليار ئادىلەنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن چاپىنىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. چۈشتىن كېيىن ئۇ يەنە بارغاندا ھەممەيلەن گىتاربىلەن ناخشا ئېيتىپ ۋاگوننى چاڭ چىقىرىۋەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ كەينىدىنلا كەلگەن مەرزىيە قىزلارغا :" بىزىنىڭ ۋاگونغا بېرىپ يۈز كۆزۈڭلارنى يۇيۇپ ،ئۇخلاپ كېلىڭلار" دىدى. 
----- ئاخشام شۇنداق ياخشى ئۇخلاپتۇق، رەخمەت---- دىدى ئادىلە ۋە --- بىز يۈزىمىزنى   غۇلجىغا بارغىچە يۇيۇۋالساقلا بولدى، ئۈرۈمچىدە بىزنى  ھىچكىم تونۇمىغاندىن كېيىن---  دەپ  كەينىگە قوشۇپ قوشۇپ قويدى. 
مەرزىيە ئىليارنى ئۇ تەرەپكە تولا باردىڭىز دەپ خاپا بولۇۋاتاتتى. 
---- ئۇلارنىڭ ۋاگونى بەك قىزىپ كېتىدىكەن شۇ --- دىدى ئىليار  
---- ئەمىسە كېلەر قېتىم قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندا كېلىڭ ،چىدامسىزكىن ؟ مەن مۇشۇ ۋاگونغىمۇ چىدىماي كەلگەندە ئۆيدىكىلەرگە دەپ ئايرۇپىلاندا كىلەيمىكىن دەۋاتىمەن.  
----- ئەمىسە شۇنداق قىلىڭ --- دىدى ئىليار توڭلا قىلىپ. 
ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كېلىش چاغدا قىزلار بىلەن بىللە قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندا كېلىشنى  ئويلاۋاتقان ئىدى. پويۇز ئۈرۈمچىگە كىرىشكە ئازلا قالدى،ئىليار قىزلار بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە بېرىڭلار دەپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى، ھەممە ئادەم نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتقان ئىدى،پەقەت ئادىلە ۋە ئامىنەلا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. 
----- بۇ پويۇز غۇلجىغا بارامدىكەن ؟ يىغۇشتۇرماي ئولتۇرۇپسىلەرغۇ ؟ --- دىدى ئىليار ھەيران بولۇپ.  
----غۇلجىنىڭ پويۇزى ماڭىدىغانغا خېلى ۋاقىت بار، بىزنىڭ ئالدىراپ چۈشۈپ كۆرۈشىدىغان ئادىمىمىز يوق، شۇڭا ئۈرۈمچىلىكلەر "ھاببا" قىلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن چۈشىمىز --- دىدى ئامىنە . 
----- ئۆيگە باشلاپ باراي – دىدى ئىليار 
---- رەھمەت، تەتىلنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ---- دىدى ئادىلە كۈلۈپ تۇرۇپ. 
ئىليار مەرزىيە ۋە باشقىلار بىلەن پويۇزدىن چۈشكەندە ، ئۇنىڭ داداسى بىر ئادەم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىدى، مەرزىيە "دادا" دىگىنىچە ئۇ ئادەمگە يۈگۈردى، ئۇلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئىليارمۇ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى. 
-----  مۇسا تىڭجاڭنىڭ قىزى بىلەن بىللە ئوقۇيسىلەركەنغۇ – دىدى ئىليارنىڭ دادىسى. 
---- ھەئە ---- دەپ بېشىنى لىڭشىتتى ئىليار. 
---- بەك ياخشى بوپتۇ، نەچچە يىلنىڭ ياقى بىللە بېرىپ بىللە كەلگەن بولساڭلارچۇ ؟ئاخىرىدا بولسىمۇ ئارىلىشىپ ياخشى ئۆتۈڭلار --- دىدى . 
----- سەن دىمىسەڭمۇ بىز شۇنداق يېقىن ئۆتىۋاتىمىز –دىدى مەرزىيە كۈلۈپ ،ئۇلار ئۇنى بۇنى دىيىشىپ ئۆز ماشىنىلىرى تەرەپكە مېڭىشتى. ئىليار كەينىگە ئۆرۈلۈپ پويۇز تەرەپكە قارىدى، ئادىلە بىلەن ئامىنە ئلدىرىماي پويۇزدىن چۈشۈپ ،ئالدىراپ كېتىۋاتقان ئادەملەردىن خېلىلا نېرىدا ئالدىرىماي كېلىۋاتاتتى. نىمىشقىدۇر ئىليارنىڭ كۆڭلى بىئارام بولدى، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ماڭغۇسى كەلدى- يۇ ،يەنە دادىسىغا ئەگىشىپ مېڭىپ كەتتى. 
 
يېڭى خەۋەر 
 
تەتىل كۈنلىرىمۇ ئاخىرلاشتى، تىببى ئىنىستىتۇتنىڭئاخىرقى يىلىنىڭ  بالىلىرى باشقا بالىلاردىن بالدۇر كەلگەن ئىدى، مەكتەپ ئىچى تېخىچە تەتىل ئۇيقىسىدىن ئويغانمىغاندەك قىلاتتى، ھەممە يەرلەر  بۇرۇنقىدەك قايناق ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇ ئاخرقى مەۋسۈملۈك پىراكتىكا قىزلارنى ئاللا بۇرۇن  ئالدىراشلىقققا سېلىپ بولدى. ئۇلار كەچتىمۇ كىسەلخانىدا تۇراتتى، ھەپتىدە بىرەر قېتىم دىژورنى بولاتتى.  مەرزىيە باشقا  بۆلۈمدە ئىشلەۋاتقان بولغاچقا ئۇنىمۇ ئانچە كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان قىزلار بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى بولدى، لېكىن بۈگۈن ئۇ ئۆزىچىلا قىزلارنىڭ ياتىقىغا كىردى. ئۇلار ئۇ ياق بۇ ياقتىن پاراڭ سېلىشتى. مەرزىيە ئۇلارغا: 
--- سىلەرگە تەتىلدە بولغان ئىشلارنى دەپ بېرەي – دەپ گەپ باشلىدى------ ئەسلى ئىليارنىڭ دادىسى بىلەن مېنىڭ دادام ياخشى تونۇشىدىكەن، پويۇزدىن چۈشكەندە بىزنى بىللە كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدى، كېيىن ئاپىسى ئاپام  ئىككىمىزنى ئۆيىگە چاقىردى ،بېرىپ شۇنداق ياخشى مېھمان بولۇپ كەلدۇق، ئاپىسى ئاپامغا "بالىلار ياخشى يۈرۈۋېتىپتۇ ،چاي ئىشكۈزۈپ قويايلى" دەپ تۇرۇۋېلىپ، قولۇمغا بۇ ئۈزۈكنى سېلىپ قويدى ،رەسمىيىتىنى قىلمىغان بولساقمۇ لېكىن ئىككى ئائىلە دىيىشىپ بولدى--- دىدى . 
قىزلار ئۇنى مۇبارەكلەپ ئۇنىڭ ئۈزىگىنى كۆرۈشتى.مەرزىيە خېلى نەرسىلەرنى سۆزلەپ ئاندىن چىقىپ كەتتى . ئادىلە بۇ كېچە پەقەت ئۇخلىيالمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى. "توۋا، مەن نىمىشقا بىئارام بولىمەن ؟ ھەسەتخورلۇق قىلىۋاتىمەن ،شۇنداقمۇ ؟ چوقۇم شۇنداق" ئۇ شۇنداق دەپ ئويلايتتى، لېكىن كۆڭلى بۇنداق دىمەيتتى، ئۇ ئىليارنى ئويلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان چارشەمبە كۈنلەر، قىلىشقان  تۈگىمەس گەپ – سۆزلەر ، ھېلىقى قار ئېيتىشقان كۈن،پويۇزدىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئۇنىڭ كەينىگە قارىغىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن بىر بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى،   ئادىلە ئىليارنى  تەتىلدە شۇنداق جىق ئويلىغان ئىدى، مانا ھازىرمۇ ئۇنى يۈرۈگىنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدەسېغىنىۋاتاتتى. 
دەل مۇشۇ كېچىدە ،يەنە بىر ئادەم ئۇخلىيالماي خىيال قىلىپ ياتاتتى." مەن نىمە قىلىۋاتىمەن ؟" دەيتتى ئىليار  ئۆز- ئۆزىگە. ئاتا –ئانىسى" ئۇزەڭگە شۇنداق ماس كېلىدىغان ياخشى ئائىلىنىڭ قىزىنى تېپىپسەن ،خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك يارىشىپتۇ "دەپ ناھايىتى خوشال بولۇشۇپ كېتىۋاتاتتى.ئۇلار مەكتەپ پۈتسىلا توي قىلىشنى پىلانلاپ يۈرەتتى. بۇ 3- 4 ئاي ئىچىدە ئۇ مەرزىيەگىمۇ كۆنۈپ قالغان ئىدى، بىللە بازار ئايلىنىش، كىنو كۆرۈش، مەرزىيە نەرسە سېتىۋالغاندا ساخلاپ ئولتۇرۇش، ئۇنىڭ بىلەن داڭلىق  ماركا توغرىلىق سۆزلىشىش بۇ ئىشلارغا كۆنۈپ كەتتى، مەرزىيە ھەقىقى قىز بالا ئىدى، نازلىناتتى، ئۇنىڭغا تاتلىق ئەركىلەيتتى، يۈرۈش تۇرۇشى شۇنداق سالاپەتلىك، قائىدە يوسۇندا تولۇق ، ئائىلە تەربىيىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئۇ يەنە نىمە تەلەپ قىلاتتى ؟ لېكىن... ئەگەر بۇ لېكىن بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇ چوقۇم خاتىرجەم ئۇخلاپ كەتكەن بولاتتى، ئۇنى قىيناۋاتقان دەل مۇشۇ " لېكىن " ئىدى . لېكىن ئۇنىڭ قەلبى مەرزىيەگە تەلپۈنمەييتى، ئۇنى سېغىنىپ ،كۆرگۈسى كېلىپ ئىزلىمەيتتى، ئۇنى كۆرگەندە ھاياجانلىنىپ خوش بولمايتتى،مەرزىيەنىڭ ئالدىدا ئېچىلىپ يېيىلىپ سۆزلىيەلمەيتتى،خۇددى ئۆزىنى قېلىپ ئىچىدە تۇرغاندەك  ھىس قىلاتتى،پەقەتلا ئەركىن بولالمايتتى. مۇشۇ پەيتتە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ سىمايىسى تۇراتتى ،ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ مەتۇ  ئادىلە ئىدى. ئىليار ئۆز- ئۆزىگە " يۈرۈگۈڭنى ياخشى تىڭشاپ باق " دىدى . راست، ئۇنىڭ قەلبى سۆزلەۋاتاتتى. ئۇ پەقەت ئادىلەنىلا سېغىناتتى، ئۇنى كۆرگۈسى  كىلەتتى، ئادىلە بىلەن بولغان ۋاختى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى، ئۆزىنى تولىمۇ ئەركىن ھىس قىلاتتى، سۆھبەتلىرى قىزىقارلىق، تۈگىمەس ئىدى، ھەر دائىم ئادىلە كەلگەندە كۆڭلى ئارام تاپاتتى.ئۇنى مەڭگۈ يېنىدا تۇرسىكەن دەپ ئۈمىد قىلاتتى ،بۇ يېتەرلىك ئەمەسمۇ ؟ ئۇنىڭغا يەنە قانداق ئىسپات كېرەك ؟ توغرا، ئۇ مەرزىيەنى ئەمەس ،دەل ئادىلەنى سۆيەتتى، ئۇ بۇنى مانا ئەمدىلا چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى.  
ئادىلە جىمغۇر بولۇپ قالغان ئىدى، كۆڭلىنىڭ بىر يېرى بىئارام ئىدى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلايتتى، سائەت –سائەتلەپ توپ ئوينايتتى، ئامىنە بۈگۈن ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنى توغرا كۆردى. 
----- نىمە بولغىنىڭنى مەن بىلىپ تۇرۇپتىمەن جېنىم ،لېكىن ئادىلە،ياخشى ئويلا،بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشامدۇ ؟تېزراق ئەسلىڭگە يانغىن، بولمىسا كېيىن ئۆزەڭ قىيلىنىپ قالىسەن. 
ئامىنە يەنە نىرمۇنچە باشقا گەپلەرنى دىدى، ئۇنىڭ گېپى توغرا ئىدى، بۇ ئىشنى ،بۇ  ھىسسىياتنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ئىدى ، ئادىلە ئۆز –ئۆزىگە ۋەدە بەردى.ئۇ ئېنگىلىزچە دەرسكىمۇ بارمىدى، مەكتەپكە ئۈگىنىشكە كەلگەن چەت ئەللىك بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ سۆزلەشنى مەشق قىلىپ يۈردى.  
ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن ئىليار بىرىنچى بولۇپلا ئادىلەنىڭ ياتىغىغا تېلىفۇن قىلدى، تېلىفۇننى ئالغان قىز ئادىلە ياتاقتا يوق دەپ قويۇۋەتتى، ئۇ ئەتىسى مەرزىيەنى ئىزدىگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ مەكتىۋىگە باردى،ئادىلە ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى،ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇشقا باشلىدى.بىر ھەپتە مۇشۇنداق ئالاقە قىلالماي بەك تىت –تىت بولدى، بۈگۈن شەنبە ئىدى، ئۇ يەنە تىببى ئىنىستىتۇتنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، مەرزىيەنىڭ ياتىغىغا كىرگىچە ئادىلەنىڭ ياتىقىغا قاراپ كەتتى،نە ئادىلە ،نە ئامىنە كۆرۈنمەيتتى. ئۇ مەرزىيانىڭ ئۇزۇتۇپ قوياي دىگىنىگە قەتئى ئۇنىماي ،ئۆزى يالغۇز قايتىپ چىقتى ۋە چاققانلىق بىلەن ئادىلەنىڭ ياتاق ئىشىگىنى چەكتى، بىر خەنسۇ قىز ئىشىكنى ئېچىشىغا ئۇ ياتاققا كىرىۋالدى، ئۇنى كۆرگەن ئامىنە ۋاي دەپلا ۋاقىرىغىنىچە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى گۈپلا قىلىپ يېپىۋالدى، ئەمدىلا ئۈستۈنكى كارىۋاتقا يامىىشىۋاتقان ئادىلە ئۆزىنى باشقۇرالماي ئاۋال تۆۋەندىكى ئۈستەلگە ،ئاندىن يەرگە پوككىدە چۈشۈپ يېتىپ قالدى.بۇنى كۆرگەن ئىليار يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرۇپ: 
---- ھېچ نىمە بولمىغانسىز –ھە – دەپ سورىدى ئۇ ---- نىمە ئەزرائىلنى كۆرگەندەك قىلىپ كېتىسىلەر!---  دىدى ئۇ كۈلگەن پېتى. 
-----ۋاي مۇشۇنداقمۇ قىلامسىز؟ مەرزىيەنىڭ ياتىغى مۇشۇ يەردىلا تۇرسا، نىمە قىلاي دەيسىز ؟--- يۇۋاش ئامىنەنىڭمۇ  تىللىرى چىقىپ كەتكەن ئىدى. 
----شۇ سىلەر بىلەن پەقەت ئالاقە قىلالماي ،ئاخىرى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرى بولدۇم – دىدى ئىليار--- دۈشەنبە كۈنى پراكتىكىغا ماڭاتتۇق،خوشلىشىپ قوياي دىگەنتىم . 
ئۇلار بىر دەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردى، ئەمدىكى مەسىلە قانداق قىلىپ ئىليارنى بۇ يەردىن ئېلپ چىقىپ كېتىش ئىدى، ئاخىرى ئۇلار ئامال تېپىشتى، ئۇلار ئىليارغا ئامىنەنىڭ قىزىل چاپىنىنى كىيگۈزدى، قىزلارنىڭ بىرسىنىڭ بۆكىنى بېشىغا كىگۈزۈپ،بوينىغا شارپا يۆگەپ قويدى،ئامىنە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەتراپقا قاراپ تۇرۇپ،ئۇلارغا خەۋەر بەردى،ئادىلە خۇددى قىز دوستىنى قولتۇقلىغاندەك ئىليارنى قولتۇقلاپ بىنادىن چىقىۋالدى ، ئاندىن شۇ ماڭغان پېتى بىكەت تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. مەكتەپتىن چىقىپ بېكەتكە ئاز قالغاندا ،ئادىلە خېلى يېنىكلەپ قالدى، ئاستا قولىنى تارتىۋىدى،ئىليار ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدى، ئادىلەنىڭ يۈرۈگى چىقىپ كەتكۈدەك سوقۇۋاتاتتى. 
--- ئەتە سائەت بىردە كىچىك بازار قېشىدىكى بېكەتتە ساخلايمەن ،چوقۇم كەلمىسىڭىز بولمايدۇ . 
--- نىمىشقا بارىمەن ؟-- دىدى ئادىلە 
----ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا توختام بارتى ،ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ شۇنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى. 
---- چۈشەندىم --- ئادىلە ئويغا چۆمدى"توغرا ،بۇ بەلكىم  ئاخىرقى كۆرۈشۈشتۇر !" 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315