قارلىغاچ (داۋامى 1 )

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-26 19:10
 
دوكلات 
مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى پراكتىكا يىلى بولغاچقا، دەرسلەر خېلىلا يېنىكلەپ قالغان ئىدى، بۈگۈن جۈمە كۈنى بولغاچقا مۇئەللىمى قىزلارنى بالدۇرراق كەتكۈزىۋەتتى، ئامىنە ياتاقتا كىتاپ كۆرۇپ قالدى، ئادىلە توپىنى كۆتۈرۈپ مەيداندا تاماق ۋاقتىغىچە توپ ئوينىدى، ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتكەن يۈزىدىكى تەر تامچىلىرىنى ئېيتىپ ياتاققا قايتىۋاتقان ئادىلە يىراقتىنلا كوچا تەرەپكە ماڭغان مەرزىيە ۋە ئىليارنى كۆرۈپ قالدى، باشقا يول بىلەن مېڭىشقا ئامال قالمىدى، ئۇنىڭ يۈرۈكى شۇنداق سېلىپ كەتتىكى، قەدەملىرىمۇ ئەپلەشمىگەندەك بىلىنىپ كەتتى، يېقىن كەلگەندە ئۇ چاندۇرماي سالام قىلدى. مەرزىيە: 
----- تونۇشتۇرۇپ قوياي، ئىليار، قاتناش ئىنىستىتۇتتىن، بۇ ئادىلە، مېنىڭ ساۋاقدىشىم. 
----- تاماققا ماڭدىڭلارمۇ ؟ دىدى ئادىلە چاندۇرماي.  
------- ھە، تاماق يەپ ئايلىنىپ كىلەيلى دەپ ماڭغان دىدى ئىليار ھىچ نىمە بولمىغاندەك 
------ ياخشى ئويناپ كېلىڭلار  ---  دىدى –دە، ئادىلە يولىغا ماڭدى. 
-----   بىر سىنىپتا ئارانلا  نەچچە تال ئۇيغۇر بار بولغاندىن كىيىن، بەك يېقىن ئۆتەرسىلەر ھەقىچان دىدى ئىليار گەپ ئالماق بولۇپ. 
----- بۇ مەتۇلار بىلەن يېقىن ئۆتۈپ قويسىڭىز بېشىڭىزغا مىنىمەن دەيدۇ، مەن پىداگوكا ئىنىستىتۇتتىكى دوستلىرىم بىلەن يېقىن ئۆتىمەن. 
----- بېشىڭىزغا قانداق مىنىدۇ؟ 
------ ئېشىۋالىدۇ شۇ! 
ئىليار خىيال بىلەن يولىغا ماڭدى. 
ئەتىگەندە ئىشلىرىنى بالدۇرراق تۈگۈتۈپ ،باغچىغا بېرىپ كۈزنىڭ ئاخىرقى ئاپتىپىدىن ھوزۇرلىنىشنى ئويلىغان ئادىلە سۇخانىدا كىر يۇيىۋاتاتتى، شەنبىلىك شېرىن ئۇيقىدىن ئەمدىلا ئويغانغان مەرزىيە سۇخانىغا كىرىپ كەلدى. 
------ ئەتىگەندە يۇنداڭنى ئېقىتىپ ئولتۇرغىچە كىرخانىغا ئەكىرىپ بەرسەڭ بولمامدۇ؟ بەش كويغا بىرمۇنچە كىرىڭنى يۇيۇپ بېرىدۇ. 
------ بىكار بولغاندىن كېيىن ئۆزەم يۇيېۋېتىمەن، يە جىق كىر بولمىسا بۇ. 
----- پىششىقلىق قىلىپ يە باي بوپ كەتمىدىڭ! 
------ ھە ئاخشام ياخشى ئويناپ كەلدىڭمۇ ؟ ئادىلە گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى. 
----- تاماق يەپ، سىرتتىكى بىر چايخانىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، ئۇ ماڭا يۈرۈش تەلىۋىنى قويدى، مەن ئويلىشىپ باقاي دىسەم، قانچىلىك ئۇزۇن ئويلاشسىڭىز بولېۋېرىدۇ، مىڭ يىل بولسىمۇ،جېنىم چىققۇچە ساقلايمەن دەيدۇ. 
---- ياخشى كۆرسەڭ ساخلىتىپ نىمە قىلىسەن؟ يۈرىۋەرمەمسەن! 
----  قىز بالا دىگەن ئانچە مۇنچە ناز تارتمىغان بىلەن بولمايدۇدە!  ئۇ مەندىن باشقىسىنى سۆيمەيدۇ، بۇنىڭغا ئشەنچىم كامىل! سەنمۇئۆز ۋاختىدا  ئالدىراپ يۈرۈۋالمىغان بولساڭ، ئەنۋەرمۇ ئەتىۋارىڭنى قىلغان ،سىلەرمۇ ئايرىلىپ كەتمىگەن بولاتتىڭلار! 
---- توغرا دەيسەن، بۇ جەھەتتە سەندىن چوقۇم ئۈگىنىمەن. ئۇ شۇنداق دىدى – دە، بېشىنى چۆكۈرۈپ كىرىنى يۇيىۋەردى. ئەنۋەر ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاغدىشى ئىدى ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇزاق يىللار قوغلىشىپ يۈرگەن بۇ بالا، ئىككى يىل بۇرۇن ھەتتا بۇ شەھەرگە ئادىلەنى كۆرگىلىمۇ كەلگەن ئىدى. ئەتراپپتىكىلەرنىڭ  سالا- سۇلىسى ھەم ئەنۋەرنىڭ شۇنچە يىللىق ئەقىدىسىگە يۈز كىلەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئادىلە ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل يۈرگەن ئىدى. ئادىلە ئەزەلدىن "ئادەم ئۆمرىدە يۈرىگى تىترىگۈدەك بىر مۇھەببەتلەشمىسە ،بۇ ھاياتىدىكى چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ؟" دەپ ئويلايتتى، گەرچە ئەنۋەر  شۇنداق ياخشى ئوغۇل دوست بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ئادىلەدە دوستلۇقتىن باشقا ھىچقانداق ھىسسىياتنى قوزغىيالمىدى،  بۇ مۇھەببەت گۈلى تېزلا توزىدى. ئۇ ئەنۋەرنىڭ باشقىلار ئالدىدا خىجقللىق تارتىپ قالماسلىغى ئۈچۈن ، باشقىلارغا" ئەنۋەر مەندىن ئايرىلىپ كەتتى" دەپ قويغان ئىدى، بۇ گەپنىڭ مەرزىيەگە پۈتمەس – تۈگىمەس داستان بولىشىى ئۇنى راستلا زېرىكتۈرگەن ئىدى.  
دوختۇرخانا ۋە ياتاق ئارىسىدىكى كۈنلەر  ناھايىتى تېز ئۆتىۋاتاتتى، ئادىلە كارۋىتىغا ئەمدىلا ئۆمىلەپ چىقىشىغا،تېلىفۇن دىگەن گەپ بىلەن يەنە ئۆمىلەپ چۈشۈشكە توغرا كەلدى. 
----- ياخشىمۇ؟ 
---- ياخشىمۇسىز. مەن ئىليار. 
----- ھە ، تۇيۇقسىز تېلىفۇن قىپسىزغۇ؟ 
----- دوكلات قىلاي دىگەن. 
----  سىز قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن ئاڭلاپ بولدۇم. 
---- نىمىنى ئاڭلىدىڭىز؟ 
--- مەرزىيەگە تەلەپ قويۇپسىز، ئۇ سىزنى ساخلاڭ دەپتۇ، سىز مىڭ يىل بولسىمۇ ، كىرورەن بولۇپ كەتسەممۇ ساقلايمەن دەپسىز. 
---- نىمە گەپلەر بۇ ؟ مەن بىلەلمىدىم، كۆرۈشكەندە ئېنىقراق دەپ بېرىڭ، ئەتە سائەت 1 دە، كونا جايدا كۆرۈشەيلى. 
--- خوش! 
ئادىلە چايخانىغا كىرىپ كەلگەندە ئىليار ئۇنى ساخلاپ ئولتۇرغان ئىكەن. 
----- سىزنى ئىشنى بۇنداق تېز ھەم ئۈنۈملۈك قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن، بەك ياخشى قىپسىز--- دىدى ئادىلە. 
-----  سىز تېلىفۇندا : تەلەپ قويۇپسىز دەپ يۈرىسىزغۇ؟ 
----  مەرزىيە شۇلارنى دەپ بەردىغۇ؟ 
----- نىمە دەيدىغانسىز؟ مەن نەدە ئۇنداق دەيمەن. مەن شۇ تەلەپ قويالماي سىزنى چاقىرغان. 
---- ۋاي نىمىشقا قويالمايسىز؟ بۇرۇن بىرەرسىگە  تەلەپ قويۇپ باقمىغانما؟ 
---- مەن بەك جىق قىزلارغا  تەلەپ قويغان. -- ئۇ چاندۇرمايلا  يالغان گەپنى ئاغزىدىن چىقاردى 
----  ئەمىسە نىمىشقا؟ 
---- بەك يېقىن بولمىغاچقىمۇ  نىمە دىيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. 
----- بۇرۇنقى دىگەن گەپلەرنى ئىشلىتىڭ. قايسى گەپ دەپ سورىماڭ جۇمۇ.  
---- قايسى گەپ؟ – دەپ ھىجايدى ئىليار. 
--- ۋوي ،قىزبالىغا دەيدىغان گەپلەرنى دىسىڭىزلا بولدى. 
----- قارىغاندا سىزمۇ بىلمەمسىز نىمە؟ سىزگە بىرەرسى تەلەپ قويمىغانمۇ؟ 
--- ۋاي ماڭا بەك جىق بالىلار تەلەپ قويغان.--- ئادىلەنىڭ يۈزى يالغان سۆزنىڭ سەۋەبىدىن ۋىللىدە قىزىرىپ تېزلا ئەسلىگە قايتتى 
----- ئەمىسە سىز تەجرىبىلىك ئىكەنسىز، سىز ماڭا دەپ بېرىڭ، مەن يادلىۋېلىپ جۈمە كۈنى تەلەپ قوياي. 
ئادىلە بىر دەم تۇرۇۋېلىپ: 
- بۇ بەك ئاسان. مەرزىيە  ئىككىڭلار يولدا ماڭغاندا بىرەر ماشىناياكى ۋېلىسىپىتنى باھانە قىلىپ ئۇنى يېنىڭىزغاشاققىدە تارتىپ، قولىنى تۇتۇۋالىسىز ئاندىن قويۇپ بەرمەي تۇتۇپ ماڭىسىز، بىر دەم ماڭغاندىن كېيىن--- ئادىلە ئىليارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ----- مۇشۇنداق قول تۇتۇشۇپ بىر ئۆمۈر مېڭىشقا قوشىلامسىز " دەيسىز.  ياكى كەچتە مەيداندا ئولتۇرغاندا " مۇشۇنداق چىرايلىق كۈز كۈنلىرىنى بىر ئۆمۈر مەن بىلەن  بىللە ئولتۇرۇپ مەززە قىلىشنى  خالامسىز " دەيسىز 
.ئىىليار قولىنى تۇتۇپ تۇرغان ئادىلەگە قاراپ تاس قالدى كۈلىۋەتكىلى. 
---- پاھ! نىمىدىگەن ئۇستا سىز، كورىيەنىڭ كىنولىرىنى تازا جىق كۆرىسىزكەندە--  دىدى ئىليار مەسخىرىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ. 
-    ----ئۆزىڭىز ھىچ نىمە بىلمەيسىز، مەن دەپ بەرسەم تېخى ياراتمايسىز، ئەمىسە ئۆزىڭىز بىر ئامال قىلىڭ. 
-- ئەمدى ماڭمىسام كېچىكىمەن، ئۆزىڭىز بىر نىمە قىلارسىز! 
--- بىرەر قېتىم دەرستىن قالسىڭىز ھىچنىمە بولمايدۇ --- دىدى ئىليار .  
---- ئەلۋەتتە قالسام بولمايدۇ، پۇل تۆلىگەن غوجام! 
---- پۇل .پۇلنىڭلا گېپى! پۇلغا بەك ئامراقكەنسىز! 
----مېنىڭ ئاتا ئانام پۇلنى ئاسان تاپمايدۇ سىلەرنىڭكىدەك!    --- ئۇ شۇنداق دىدى – دە پۇلنى تۆلەپلا  تېز مېڭىپ چىقىپ كەتتى. 
گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايدۇ ھە! دەپ ئويلىدى ئىليار. 
ئىليار ياتاققا قايتىپ كىرىپ كارۋىتىدا يېتىپ خىيالغا كەتتى، بىر قىز بالىغا تەلەپ قويماق شۇنچە تەسمۇ ؟ يالغاندىن گەپ قىلسمۇ مەرزىيە بىلىپ  قالمايدىغۇ؟ ئوغرىنىڭ يۈرۈكى پوك پوك دىگەن راست ئىكەن، بۇ بەكلا چوڭ يالغان بولغاچقىمۇ ئۇنىڭ چاندۇرماسلىققا  زادىلا ئىشەنچى  يوق ئىدى.تۇيۇقسز  گۈلدۈرلەپ شارىلداپ ياققان يامغۇر ئۇنى خىيالىدىن سەگىتتى، يامغۇر بارغانچە تېز يېغىشقا باشلىدى، ئۇ ئادىلەنى ئويلاۋاتاتتى، دەرستىن چۈشىدىغانغا 20 مىنۇت قاپتۇ، بۇ يامغۇردا ئۇ قىز قانداق كېتىدىكىن؟ئىليار كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ كۈنلۈكنى ئالدى- دە،  ئېنگىلىزچە فاكۇلتېت بىناسىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ بىنا ئالدىغا كەلگەندە ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشۈپ يامغۇردا يۈگۈرۈشۈپ  تەرەپ تەرەپكە تارقىلىۋاتاتتى، ئادىلە كۆرۈنمەيتتى،" چىقىپ بولغان ئوخشىمامدۇ ؟" ئىليار كەينىگە قايتاي دەپ تۇرۇشىغا بېشىغا مايكىسىنىڭ بۆكىنى كىيىۋالغان ئادىلەنى كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭ قولىدا بىر جۈپ ئاياق ، پۇتى بولسا يالاڭ ئاياق .ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى، ئىليار ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ كۈنلۈكنى بېشىغا تۇتتى.ئادىلە چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنى كۆردى ۋە 
قەدىمىنى ئاستىلىتىپ: 
--- بۇ يامغۇردا نىمە قىلىپ يۈرىسىز؟--- دەپ سورىدى. 
---- ئا دۇكاندىن نەرسە ئالغىلى كەلگەن ئىدىم، سىز ئۇچراپ قالدىڭىز، كۈنلۈككۈ يېقىن كېلىڭ – ئىليار ئۆزىنىڭ بۇ يالغانچىلىقنى شۇنچە تېز توقۇپ چىققىنىغا ھەيران  قالدى. 
---- سىز ماڭىۋېرىڭ، خەقلەر كۆرۇپ قالسا بولمايدۇ! 
---- بۇ يامغۇردا كىم بار دەيسىز، بولۇڭ ،تېز كىرىڭ! 
----- بىر كۈنلۈكتە پەقەت يېقىن ئادەملەر بىللە ماڭسا ھۆل بولمايدۇ، بولمىسا ئىككىلا تەرەپ ھۆل بولىدىغان گەپ، سىز ماڭىۋېرىڭ. 
----- ئەمىسە كۈنلۈكنى ئېلىپ ئاۋۇ دۇكانغا كىرىڭ- ئۇ كۈنلۈكنى ئادىلەگە تۇتقۇزۇپ ئۆزى تېز يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى. 
بۇ كىچىككىنە دۇكانغا خېلىلا جىق ئادەملەر كىرىۋالغان ئىدى،ئادىلە  ئۈستى بېشى ھۆل  بولۇپ كەتكەن ئىليارنى ئادەملەر ئارىسىدىن تاپتى. 
---- نىمانداق  ئىشىڭىز تولا سىزنىڭ، بىر كۈنلۈكتە بىللىلا كىرىۋالاتتۇق ئەمەسمۇ؟-- گەپ باشلىدى ئىليار. 
--- مەن دىدىمغۇ؟ كىچىككىنە كۈنلۈكتە ئىككى ئادەم ماڭسا، ئىككىلى ئادەمنىڭ يېرىمى ھۆل بولۇپ  كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن بىر ئادەم بولسىمۇ قۇرۇق ماڭغان ياخشى! 
---  نىمىشقا يالاڭ ئاياق بولىۋالدىڭىز؟ 
------  بۇ يامغۇردا ئاياقنى كىيسەممۇ پۇتۇم بەرىبىر ھۆل بولىدىكەن ، ئاياقنى كىيىپ ھەم پۇتۇمنى ھۆل قىلىپ  ھەم  ئايىغىمنى بۇزغاندىن،پۇتۇملا  ھۆل بولسۇن،ئايىغىم قۇرۇق قالسۇن دىدىم ! 
----- شۇنچە قىممەت ئاياقمىتى ئۇ؟ ماركىسى نىمە؟ 
---- ئۇنداق قىممەت ماركىلىق ئاياق ئەمەس، مەرزىيە ئېيتقاندەك، پۈتۈن غۇلجىلىقلارغا تارقاتقاندەك  بىر ئاياق، لېكىن ماڭا قىممەتلىك، بۇنى ئاپام مەن تەتىلدە بارغاندا ئېلىپ بەرگەن،پۇلغا!!---  ئۇ ئاخىرىدىكى "پۇلغا" دىگەن گەپنى چىڭراق چىقىرىپ  كۈلۈپ قويدى. 
---- ۋاي يەنە شۇ پۇل! شۇنداق بولسىمۇ يېشىۋېتەمسىز، خەقلەر قارىمامدۇ؟ 
----- خەقلەرقارىغان بىلەن نىمە ئىشىم؟ باشتا قارىدى، كەينىدىن مېنى دوراپ نەچچەيلەن ئايىغىنى يېشىۋەتتى، دۇنيا دىگەن شۇنداق،بەزى ئىشلارنى ھەممە ئادەمنىڭ  قىلغۇسى بار لېكىن باشقىلاردىن قورقۇپ قىلالمايدۇ، بىرەرسى باشلامچىلىق قىلسا ھەممە ئادەم ئەگىشىدۇ! 
--- سىزنىڭ ئاجايىپ – غارايىپ  پەتىۋارلىرىڭىز بەك كۆپ ئىكەن! كۈنلۈكنى سىز ئېلىپ كېتىڭ، كىلەر قېتىمدا بەرسىڭىز بولىدۇ. --- ئۇلار شۇ يەردە  خوشلاشتى. 
 
تۇغۇلغان كۈن 
 
كۈنلەر شۇنداقمۇ تېز ئۆتىدىغان بولۇپ كەتتى، قىزلار دوختۇرخانىدىكى كىتاپتا سۆزلىگەنگە ئوخشىمايدىغان ھەر خىل كىسەللەرنى كۆرۈش، يېزىش ، سوئال 
سوراش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىدى، پىراكتىكا دىگەن قۇرۇق دەرس ئاڭلاشتىن كۆڭۈللۈك ئىدى. بولۇپمۇ ئادىلە بۇنىڭغا بەكلا خوشال ئىدى، كىسەللەر ئۇنى "ئا دەيفۇ " دەپ چاقىرغاندا ئۆزىنى تولىمۇ خوشال ھىس قىلاتتى. مەرزىيە بىلەن ئىليارنىڭ ئىشىمۇ ئوڭۇشلۇق كېتىپ باراتتى، مەرزىيە ھەر قانداق پۇر سەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىليار بىلەن قانداق كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتقانلىغىنى ساۋاقداشلىرىقا دوكلات قىلاتتى. مانا بۈگۈنمۇ چىرايلىق ياسىنىپ ئىليارنى ساخلاۋاتاتتى. ئۇلار تاماق يەۋاتقاندا ئۇ ئىليارغا: 
----- كىلەر شەنبە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئىش ئورۇشلاشتۇرماڭ جۇمۇ-- دىدى. 
----- شۇنداقمۇ؟ مەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرەي، دوستلىرىڭىز نى چاقىرىڭ ، مەنمۇ بىرنەچچە ساۋاقداشلىرىمنى چاقىراي--- دىدى ئىليار. 
----- رەخمەت، مېنىڭ يېقىن دوستلۇرۇمدىن 3 -4 بار، شۇلارغا دەپ قوياي  ئەمىسە. 
----- سىنىپىڭىزدىكى قىزلارنىمۇ  دەپ قويۇڭ 
----- مېنىڭ دىگىم  يوق، ئۆزىمىزلا ئولتۇرايلى. 
---- سەت بولمامدۇ ؟ بىر سىنىپتا شۇ 3 تاللا ئۇيغۇر تۇرساڭلا! 
----- ئۇ خەق كەلگەن سورۇن قىزىمايدۇ! 
---- نىمىشقا؟ 
----- ئۆزلىرىچە ھال تارتىپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ.  
-----  ھال تارتسا  ئۆزىنىڭ ئىشى، لېكىن دەپ قويمىسىڭىز بولمايدۇ- دە ! 
يولدا قايتېۋېتىپ ئىليار خىيالغا چۆمدى، ئۇنىڭ ئادىلەنى تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىغا چاقىرىشتىكى مەخسىتى بۇ ئىككى قىزنى بىر يەردە بىللە بولۇشىنى كۆرگىسى بار ئىدى، ئۇلار ئوتۇرىسىدىكى ئىشنى بىلىشكە بەكمۇ ئالدىرايتتى، بۇ بىر ئاي ئارىلىشىش جەريانىدا ،مەرزىيەنىڭ ئۇنچىلىك ناچار قىز ئەمەسلىكىنى ھىس قلدى، قىز سالاپەتلىك، چىرايلىق، ئەدەپلىك ھەم  تىرىشچان ئىدى، ئۈگىنىش نەتىجىسىمۇ ياخشى ئىكەن . يەنە بىر تەرەپتىن، ئادىلەمۇ قارا نىيەت ئەسكىلەردەك قىلمايتتى، تېتىك،جۇشقۇن ، تىرىشچان ھەم سۆزمەن بۇ قىز بىلەن ئۇ خېلىلا چىقىشىپ قالغان ئىدى. بۇ ئىككەيلەن بىر يەرگە كەلگەندە نىمە ئىش بولار دىگەن خىيال ئۇنى قىينايتتى.  
ئادىلە ۋە ئامىنە ئىككەيلەن مەكتەپ ئىچىدىكى كىچىك باغچىدا ئاپتاپ سۇنۇپ پاراڭلىشىپ  ئولتۇرغان ئىدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى ئىدى،ئۇلار بەزىدە كۈننىڭ كەچ بوپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قېلىشاتتى، باشقا ساۋاقداشلىرى ھەتتا مۇئەللىملىرىمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ تۈگىمەس گېپىگە ھەيران قالاتتى. مەرزىيە ئۇلار تەرەپكە كېلىپ گەپ باشلىدى.  
----- ھەممە ئادەم ئاقىرالمايۋاتسا ،ئككىڭلار قارىداپ ئاۋارە، تېرەڭلارنى بۇزۇشتىن زادىلا قورقمامسىلەر؟ 
------ تېرىنى دەپ جاھاننىڭ راھىتىدىن قۇرۇق قالغىمىز يوق . 
----- ساراڭ ساقايماس، قارا ئاقارماس  دەپ، بەرىبىر شۇ دىگىنە 
قزلار كۈلۈپ قويۇشتى. 
----- شەنبە كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈم، ئىليار مەن ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دەپ تۇرۇۋالدى. سىلەرنىمۇ مېھمان قىلىمەن دەيدۇ، ئۇلارنىڭ مەكتىپى يېنىدىكى "ئۇزاق يول" كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىنىڭ "باھار " ئايرىمخانىسىدا ، بېرىڭلار جۇمۇ . 
----- ماقۇل دىيىشتى قىزلار ، مەرزىيە مېڭىپ كەتكەندىن كېيىن ئامىنە ئادىلەدىن: 
---- بارامدۇق؟ 
----- ۋاي نىمە بار بىزگە؟ بۇ خېنىمغا سوۋغات ئالماقنىڭ تەسلىگى، بىرمۇنچە پۇلغا زىيان، ھازىر "ھە" دەپ قويۇپ ۋاختى كەلگەندە " ئامىنەنىڭ مىجەزى يوق، بارالمايمىز " دەپلا قۇتۇلىمىز، بىز بارمىساق ئۇ تېخىمۇ خوشال بولىدۇ. 
----- توغرا شۇنداق قىلايلى، قاپاق كاللاڭ بەك ئىشلەيدۇ جۇمۇ سېنىڭ. 
ئۇلار كۈلۈشكىنىچە ياتاق تەرەپكە مېڭىشتى. 
تۇيۇقسىز سايرىغان تېلىفۇن ئاۋازى كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرغان ئادىلەنى چۆچۈتىۋەتتى. 
---- ۋەي، نىخاۋ؟ 
--- ئا دى لا زەيبۇزەي؟ 
---- مەن شۇ ، سىز كىمۇ؟ 
--- مەن ئليار، نىخاۋ دەيسىزغۇ؟ 
---- بۇياتاققا ئاساسەن باشقا قىزلارنى ئىزلەپ تېلىفۇن كېلىدۇ ، بىزگە كېلىدۇ دەپ ئويلىمىغاچقا شۇنداق دەپتىمەن  
---- شەنبە كۈنى تۇغۇلغان كۈنگە بارىسىلەرغۇ –ھە؟ 
---- نىمە بولدى؟ بۇنى سوراپ نىمە قىلىسىز؟ 
---- چوقۇم بېرىڭ، بولمىسا بولمايدۇ! 
---- نىمىشقا بولمايدۇ؟ 
---- ئىشقىلىپ چوقۇم بارىسىز، بولمىسا؟ 
----- بولمىسا نىمە؟ 
---- بولمىسا مەرزىيەگە سىرنى ئاچكارىلاۋېتىمەن! ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، ئۆزىڭىز بىلىڭ ، خوش!--- ئۇ تېلىفۇننى قويۇۋەتكەن ئىدى 
ئادىلە ھەيران قالدى، ئىليار  نىمىشكە ئۇنى بېرىشقا قىستايدۇ؟ئۇنىڭ زادىلا بارغىسى يوق ئىدى.  
مانا شەنبە كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى، قىزلار بازارنى نەچچە ئايلىنىپ مىڭ بىر جاپادا  بىر مۇزىكىلىق زىننەت بۇيۇم سالىدىغان قۇتىنى سېتىۋالدى. 
----- بۇنىغۇ ئېلىۋالدۇق، ئۇ يەرگە نىمە كىيىپ بارارمىز ؟ -- دىدى ئامىنە 
---- بار كىيىمىمىزنى كىيىپ بارىمىز، بىر دەپ ئولتۇرۇپلا تىكىۋېتىمىز. 
ئۇلارچامادانلىرىنى ئاختۇرۇشۇپ مۇۋاپىق  كىيىم ئىزدەۋاتاتى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا بارىدىغانلىغىنى بىلگەن ياتاقداشلىرى ئۇنى بۇنى دىيىشىپ كىيىم تاللاش ، چاچ ياساش دىگەندەك  ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتاتتى. 
----- پەقەتلا سورۇنغا كىيگۈدەك كىيىمىم يوقكەن-- دىدى ئامىنە 
---- مەرزىيە ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنى بىلىسەن، شۇنداق پوكۇس، ئۇلار ھەممىسى چوقۇم سورۇنلۇق كىيىم كىيىدۇ، شۇڭا بىز چوقۇم سورۇنلۇق كىيىم كىيمەسلىگىمىز كېرەك 
----- توغرا دەيسەن! ئۆزگىچە بولۇشمۇ بىر خىل گۈزەللىك! 
ئادىلە ئامىنەنىڭ كىيىۋالغان ئاق ئۇزۇن يەڭ مايكىسىنىڭ ئۈستىگە قارا كىسقا يەڭ مايكا كىيگۈزدى، بۇ ئاستىدىكى قارا  يوپكىسى بىلەن ماسلىشىپ ئۆزگىچىلا بىر خىل پاسون بوپ قالغان ئىدى،ئۆزى بولسا ،ئاق كوپتىسىنىڭ بوينىغا ياتاقدىشى ئوغۇللار ياتىقىدىن تېپىپ ئەكىرگەن قارا گالاستۇكنى بوش قىلىپ تاقىۋالدى،قىسقا پادىچىلار يوپكىسى بۇ ئاق كوپتا بىلەن تولىمۇ ياراشتى. ئۇلار چاچلىرىنى تۇزلەپ تاراپ مۈرىلىرىگە چۈشۈرۈۋالدى،  پۇتلىرىغا ئادەتتە مەكتەپتە كىيىۋالىدىغان ئاق –قارا ئارىلاش ئوماق چوخىيىنى كىيىۋېلىشتى، ياتاقتىكى قىزلار بەك ئوماق بولۇپ كەتتىڭلار دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خىلىلا خوش قىلىۋەتكەن ئىدى.  
مانا ئۇلار "باھەر" ئايرىمخانىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. 
----- مەرزىيە چوقۇم بىزنى مازاق قىلىپ نەشتىرىنى تىقىدۇ، ماڭا ۋەدە قىل، چاندۇرماي ئولتۇرىسەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا سەتلەشمەيلى، يېرىم سائەت بولغاندا قايتىمىز – دىدى ئامىنە  
----- بىلىمەن ، ۋەدە بېرەي!- دىدى ئادىلە ، ئۇنىڭ يۈرۈكى قاتتىق سوقۇۋاتاتتى! 
ئۇلار ئايرىمخانىغا كىرگەندە سورۇن ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان ئىدى، يۇقۇرى تەرەپتە مەرزىيەنىڭ 3 يېقىن دوستى، تۆۋەنرەك تەرەپتە بولسا ئىليار ۋە يەنە باشقا 3 ئوغۇل بالا ئولتۇراتتى. 
----- ۋاي كىلىڭلار--- دىدى مەرزىيە--- ياسىنىمىز دەپ كېچىكىپ قالدىڭلارمۇ يە؟ 
---- تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!!—ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ مەرزىيەنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى، مەرزىيە ئۇلارنىڭ سوۋغىتىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويدى.  
-----تونۇشتۇرۇپ ئوتەي—گەپ باشلىدى مەرزىيە--- بۇلار مېنىڭ بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم: ئامىنە ۋە ئادىلە، بۇ ئىليار تونۇيسىلەر، بۇ ياقتىكى پەرھات، مۇراد، زاھىر، ئىليارنىڭ ساۋاقداشلىرى، قىزلارنى بىلىسىلەرغۇ؟ 
ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ قىزلارنى تاماققا  تەكلىپ قىلىشتى. مەرزىيە دوستلىرى بىلەن كۇسۇرلىشىپ كۈلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۇرگەن ئىدى، دىمىسىمۇ ئۇلار شۇنداق چىرايلىق ياسىنىۋېلىشقان ئىدى. مەرزىيەنىڭ ئۇچىسىدىكى قارا تور كۆينىكى چەتئەلنىڭ ماركىلىق كۆينىكى بولسا كىرەك، ئالاھىدە جۇلالىق ئىدى. ئىليار ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ ئالايىتەن ياسانغاندەك قىلاتتى، ئىليار ئۈستىگە تىمساخ نىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قارا  مايكا بىلەن سۈترەڭ ئشتان كىيىۋالغان بولۇپ ، ئايىغىنى يېڭى ئالغانلىغى بىلىنىپلا تۇراتتى.  
بىر ھازادىن كىيىن مۇزىكا قويۇلۇپ   تانسا  باشلاندى، ئادىلە ئۆزىنى تانسىغا تارتىپ تۇرغان بالىغا تەكەللۇپ بىلە": مەن تانسا ئوينىيالمايتتىم ،كەچۈرۈڭ" دىدى. 
--- ھىچ قىسى يوق، مەنمۇ ياخشى بىلمەيمەن، ئۇياق بۇ ياققا مېڭىپ قويسىلا بولىدىكەنغۇ--- دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. 
---- تانسىغا تارتقاندىن كىيىن ،سۈزۈلۈپ ئولتۇرماي، رەخمەت دەپ تۇرغىن – دىدى ئىليار بىلەن تانسا ئويناۋاتقان مەرزىيە. گەپ تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق ئىدى، ئادىلە ئورنىدىن تۇردى. 
------ ھەجەپ سىزنى بۇرۇن كۆرۇپ باقماپتىمەن، توۋا دەيمەن، بىر شەھەردە تۇرۇپ بىلىشمەي ئۆتۈپمۇ كىتىدىكەن ئادەم، مىنىڭ ئىسمىم پەرھات. 
---- ھەممە ئادەمنى تونۇپ كەتكىلى بولمايدۇ- دە ! ئۇيغۇرلارمۇ خېلى بار تۇرساق---- ئۇلار شۇنداق گەپلەر بىلەن ئۇ يان بۇ يانغا مېڭىپ بىر مۇزىكىنى تۈگەتتى. ئادىلە كىلىپ ئولتۇرۇپلا سائەتكە قارىدى، ئامىنەگە ماڭايلى دەپ شەرەت قىلىۋىدى، ئۇدۇلىدە ئولتۇرغان ئىليار " جىم ئولتۇر " دەپ تېزلا شەرەت قىلدى، بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن قىزلار جىم بولۇشۇپ قېلىشتى. 
نائىلە ئىسىملىك قىز مەرزىيەنىڭ  ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: 
----- ئاجايىپ پارقىرايدىكەن، يېڭى ئالدىڭمۇ ؟ دەپ سورىدى. 
– ئاپام Swarovskiغا ئامراقلىغىمنى بىلگەچكە ،تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئەۋەتىپتۇ – دىدى      
--- بەك چىرايلىقكەن، مۇبارەك بولسۇن دىيىىشتى قىز لار 
----- ئۇ سەۋېتنىڭ ھالقىسىمۇ ؟ دەپ سورىدى ئامىنە 
قىزلار تۇيۇقسىز قاقاقلىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى. 
  Swarovski نى بىلمەيدىغدن ئادەم بار دىسە كىم ئىشىنىدۇ ؟ دۇكانلارغا ئانچە مۇنچە كىرەمسەن يە مەكتەپنىڭ يېنىدىكى كىچىك بازاردىلا يۈرەمسەن؟i ---     
ئامىنە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى. 
---- ئۇنى بىلمىگەنگە نىمە بوپتۇ؟ دۇنيادا ماركىنىڭ جىقلىغىدا قايسى بىرسىنى تۇتۇپ بولىدۇ كىشى --- دىدى ئادىلە دەرھال. 
----  قىز بولىدىكەن بۇنى چوقۇم بىلىدۇ، ئۆزەڭلارنى قىز بالا دەپ ئويلىمىساڭلار ئامال يوق--- دىدى مەرزىيە كۈلۈپ تۇرۇپ. 
----ئەمىسە بۇنىڭدىن كېيىن بىزنى ئوغۇل ھىساپلا، ماركا ئۈگىنىمىز دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيلى--- ئادىلە شۇنداق دىدى-دە،ئورنىدىن  تۇرۇپ ئامىنەگە 
---- ئاداش بىز ماڭايلى، ئاپتوۋوز توختاپ كىېتىدۇ دىدى 
----- نىمىگە ئالدىرايسىلەر، ئاپتوۋوز توختىسا تاكسى بار تۇرسا--- دىدى مەرزىيە ئىرەڭشىمەي 
---- ئاپتوۋوز تىنىچ. 
---- مەن ئاپىرىپ قويىمەن-- دىدى پەرھات ئالدىراپ. 
---- ۋاي ئۇلار بۇ شەھەرگە باشى، ئىككىسى ھىچ نىمىدىن قورقمايدۇ—دىدى مەرزىيە  
--- شۇنداق، سىلەر ئويناۋېرىڭلار، بىز ماڭايلى 
تالادىكى ساپ ھاۋادىن چوڭقۇر نەپەس ئالغان ئامىنە: 
--- خەق بار يوق دىمەيدۇ بۇ خېنىم ھە!! -- دىدى 
---- كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ئۇنىڭ كونا كېسىلى قوزغىلىپتۇ دەپ ئويلىغىن . ئاۋۇ شاھزادە كېلڭلار دەۋەرمىگەن بولسا ، بىزمۇ بۇ ماركا پۇرۇشلار بىلەن بىللە ئولتۇرمايتتۇق. 
كېچە شۇنچىلىك تىنچ، بۇ يىراق شەھەردە پەقەت 3 لا كىشى ئويغاق ياتاتتى. ئادىلەنىڭ خىيالى نەلەرگىدۇ  كەتكەن ئىدى، نۇرغۇن ئادەملەر باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتسە، ئۆزلىرىنىڭمۇ كۆڭلى خوشال بولمايدۇ، بىئارام ھىس قىلىدۇ ، ئەجىبا بەزىلەر باشقىلارنى رەنجىتسە،كۆڭلى خوش بولامدىغاندۇ؟ياكى بۇنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازى دەپ بىلەمدىغاندۇ؟بىز مەرزىيەدىن پەقەت ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىشقا قويۇشىىنلا  سورايمىز، بۇ مۇ بەك كۆپمۇ؟ ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى تولۇق بولغان بىلەن ئۇنىڭدا بىر نەرسە يوق، ئۇ بولسىمۇ مېھرىبانلىق، ئۇ پەقەت بىر مۇز مەلىكە خالاس.  
شەھەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئىليار ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماي خىيال سۈرۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى  بۈگۈنكى ئولتۇرۇشتىن  پەقەتلا سۇ ئىچمىدى، ئادىلەلەر كەتكەندىن كېيىن، قىزلار ئۇلارنى خېلى شاڭخو قىلىپ كۈلۈشتى، مەرزىيە ئۇلار ئەكەلگەن سوۋغاتنى ئېچىپ قاراپمۇ قويمىدى، پۇلنىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتۈدىغان ئادىلە بۇنى بىلسە ئىدى،چوقۇم تېرىكىپ ئۆلگەن بولاتتى. ئىليار ئادىلەلەرنى كېلىشكە زورلىغانغا پۇشايمان قىلدى، بولۇپمۇ ئامىنەنى ئويلىسا بىر يېرى بىئارام بولاتتى، ئۇ بىچارە قىز تولىمۇ خىجىل بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كۆڭلىدە چوقۇم پۇرسەت تېپىپ ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن دەپ ئويلىدى. مەرزىيەنىڭ خۇددى مەلىكىلەردەك كېبىرى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى قانداقتۇر ئۇنى بۇرۇنقىدەك جەلپ قىلالمىدى،ئۇ قانداقتۇر بىر سوغۇقلۇقنى ھىس قىلغان ئىدى.  
ياندىكى خوشنا ياتاقتا پەرھات توۋرۇسقا قاراپ ياتاتتى، ئادىلەنى بۇ شەھەردە 5 يىلنىڭ ياقى كۆرۈپ باقمىغانغا ھەيران ئىدى، ئۇنىڭ ئوماق كىيىنىشى ۋە تاتلىققىنا كۈلۈشىنى كۆز ئالدىدىن نەچچە ئون قېتىم ئۆتكۈزدى، دوستى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ قەيسەر قىز ئۇنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى.ئۆزىدىن  بۇ بىر كۆرۇپ ئاشىق بولۇشمۇ  دەپ قايتا قايتا سوراۋاتاتتى، نىمىلا بولسا مەيلى، ئۇ كېلەر جۈمە كۈنى ئادىلەنى ئىزدەپ بېرىشقا قارار قىلىپ بولغان ئىدى.   
توردىكى جەڭ 
ھايت- ھۇيت دىگۈچە بىر ھەپتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈن جۈمە ئىدى، ئىليار تىببى ئىنىستىتۇغا بارماقچى بولۇپ تۇرغاندا ، ياتىغىغا پەرھات كىرىپ كەلدى.  
----- تەييار بولۇپ بولدۇڭما؟ تاس قاپتىمەن كىچىكىپ قالغىلى. 
---- نەگە دەيسەن؟ 
---- تىببى ئىنىستىتۇغا. ئەجىبا باشقا يەرگە بارامتىڭ يە؟ 
----لېكىن سەن نەگە بارىسەن؟ 
--- مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن، بىللە ماڭايلى دەپ كىردىم. 
----- بىرەرسى بىلەن دىيىشىپ قويغانمىتىڭ؟ 
--- ياقەي، مەن ھېلىقى ئادىلەنى ئىزدەپ ماڭدىم، ھېلى سەن مۇھاببىتىڭ بىلەن چىققاندا مەرزىيە ئۇ قىزنى بىللە ئېلىپ چىقسۇن، بىللە تاماق يەيلى. 
---- مەتۇگۈلما؟ئۇ چىقمايدۇ  -- ئىليار ھەيرانلىقتا ئۆزىنىڭ ۋاقىراپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قالدى. 
-----  مەتۇگۈل ؟ ئادىلەمۇ ؟ نىمىشقا؟ 
---- ياقەي، خاتا دەپ قويۇپتىمەن، باردۇرراق دەپ قويمىساڭ  چىقماسمىكىن دەيمەن. 
---- قېنى بېرىپ باقايلى ئاۋال. 
ئۇلار يول بويى ئانچە گەپ قىلىشماي ،ئاپتوۋوزدا ئۆز خىيالى بىلەن مېڭىشتى.ئىليار بۇ كۈتۈلمىگەن خەۋەردىن ھەيران قېلىۋاتقان ئىدى،" ئەجىبا پەرھات راستلا ئادىلەنى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ؟ئۇ خېنىممۇ  يامان ئىكەن جۇمۇ، جىممىدە ئولتۇرغاندەك قىلغان بىلەن پەرھات بىلەن قاش- قاپاق ئېتىپ ئولتۇرۇپتىكەندە!! مەن تېخى ئۇنى يۇۋاش دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن." ئۇ ئويلىغانسېرى ئاچچىغى كېلىپ كېتىۋاتقان ئىدى، ئاچچىغىدا پەرھاتقىمۇ نەچچە قېتىم ئالىيىپ قاراپ قويدى.پەرھات بولسا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئۆز خىيالى بىلەن ئىدى." .ئالدى بىلەن نىمە دىسەم بولار؟ نىمە تاماق يىسەك ياخشى بولار؟ تاماق يەپ بولۇپ نەگە بارساق بولار؟" ئۇلار بىردەمدىلا كېلىپ قالغىنىغا ھەيران بولۇشتى.  
---- ماڭا ئاۋال تېلىفۇن بېرىپ قويساڭلار بولمامدۇ ؟ ئۇ ئىككىسى جۈمە كەچتە ۋاختىنى مەكتەپ  تورخانسىىدا ئۆتكۈزىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقا يەرگە بارمايدۇ—دىدى مەرزىيە ئەپسۇسلىنىپ.  
--- مەنمۇ تېخى مېڭىشنىڭ ئالدىدىلا بىلگەن تۇرسام . 
---- ھىچ قىسى يوق، تاماقنى كېيىن بىللە  يىسەكمۇ   بولىدۇ، ھىچ بولمىغاندا كۆرۈشۈپ ماڭاي. 
----- ئەمىسە ئۇلارنى ئىشىك ئالدىدا ساخلايلى، ماڭىدىغان ۋاختى بوپ قالدى. 
دىگەندەك ، بەش – ئون مىنۇت ئۆتمەيلا ئادىلە ھەم ئامىنە پاراڭلىشىپ بىنادىن چىقىپ كەلدى، ئۇلار ئىشىك ئالدىدا تۇرغان تۇرغان ئۈچەيلەنگە سالام قىلىپلا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىدى، مەرزىيە ئۇلارنى توختاتتى. 
---- بۈگۈن  تورخانىغا چىقماڭلار بولدى، بىز بىلەن تاماق يەپ كېلىڭلار! 
---- بىز تاماق يەپ بوپتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىكسەك بولمايدۇ، شۇڭا  بىز ماڭىۋەردۇق، كىيىنچە كۆرۈشەرمىز--- ئادىلە شۇنداق دىدى- دە، ئامىنە بىلەن مېڭىپ كەتتى. 
مەرزىيە بالىلارغا قاراپ: 
--- مەن نىمە دىدىم؟ بولدى، كىلەر قېتىم پۇرسەت تاپايلى، مەن سىلەرنى مېھمان قىلاي ، يۈرۈڭلار – دەپ بۇ ئىككەيلەننى باشلاپ ماڭدى.  
ئۇلار تاماق يەۋاتقاندا ، پەرھات: 
--- ئۇلار تورخانىدا نىمىش قىلىدۇ ؟ ھەر ھەپتە شۇ يەردىما؟--- دەپ ھەيرانلىق بىلەن سورىدى. 
---- ئامىنە مۇھەببىتى بىلەن توردا كۆرىشىدىكەن، ئادىلە ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ، ئامىنەنىڭ گېپى تۈگىگىچە تور ئويۇنى ئوينايدىكەن 
--- نىمە؟ تور ئويۇنى؟ قىزلار تور ئويۇنىنى ياخشى كۆرمەيتتىغۇ؟ 
---- ياخشى كۆرمىسىمۇ يالغاندىن ياخشى كۆرۈپ  ئوينايدىغانلار بار ئاشۇنداق – مەرزىيە مازاق قىلغاندەك كۈلۈپ قويدى.  
تاماقتىن كېيىن،پەرھات بۇ بىر جۈپنى يالغۇز قالدۇرۇپ ماڭماقچى بولغان ئىدى، ئىليار دەرھاللا: 
---- بىللە كەلگەندىن كېيىن بىللە كىتەيلى، كىيىن يەنە كېلەي--- دەپ مەرزىيە بىلەن خوشلاشتى.  
ئىككەيلەن مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، پەرھات ئىليارغ قاراپ :  
سەن كېتىۋەرگىن ، مەن ھازىر كەتمەيمەن دىدى 
---نىمىشقا؟ نەگە بارىسەن؟--- دەپ سورىدى ئىليار. 
--- مېنىڭ مەكتەپ تورخانىسىغا كىرگىم بار--- دىدى پەرھات. ئەمىلىيەتتە ئىليارنىڭمۇ دەل شۇنداق قىلغۇسى بار ئىدى، قىز بالا تور ئويۇنى ئوينايدۇ دىسە كىمنىڭ كۆرگىسى كەلمەيدۇ ؟ 
--- مەنمۇ كىرەي، ئاندىن بىللە كېتەيلى،--- ئۇلار مەكتەپ تورخانىسى تەرەپكە يول ئالدى. 
تورخانا ئىچى لىققىدە ئادەم بىلەن تولغان ئىدى، ئۇلار قىزلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىىدىن ئەنسىرەپ ،تېزلا تورخانىنىڭ كەينى تەرىپىگە كېلىۋالدى، ئوتتۇرىدىكى تامنىڭ قېشىدىكى ئىككى كومپۇتېردا ئىككى قىز يانمۇ – يان ئولتۇراتتى، ئامىنە قۇلىقىغا قۇلاقلىق تاقاپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئادىلەنىڭ ئىككى قولى كومپۇتېنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدا ئالدىراش ئىدى. پەرھات بىلەن ئىليار ئۇلاردىن 3 رەت كەينىدىكى كومپۇتېردا ئولتۇرۇشتى.  
---- باللار دەھشەت ئالدىرراش- ھە!! نىمە ئويناۋاتىدىكىن قاراپ باقە - -- دىدى ئىليار. 
پەرھات بېشىنى سوزۇپ تىرىشىپ- تىرمىشىپ مىڭ بىر تەستە ئادىلەنىڭ ئېكرانىنى كۆرەلىدى.  
---- دىسەم ھەرگىز ئىشەنمەيسەن، ئۇ"سېھىرلىك دۇنيا"نى    ئوينايدىكەن! 
--- ۋاي ماڭە!! ئۇنى قىزلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلار ئوينايدۇ دەپ پەقەت ئويلىماپتىمەن! 
--- بىزمۇ شۇنىڭغا كىرەيلى، قانداقراق  ئوينايدىكىن قاراپ باقايلى—ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ ئويۇنغا كىرىپ كەتتى. 
يولدا كېلىۋېتىپ پەرھات ۋە ئىليار ئىككەيلەن قىزىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى،ئۇلار ئادىلەنىڭ بۇ ئوغۇللار ئوينايدىغان تور ئويۇنى ئوينايدىغانلىغىغا زادىلا ئىشەنمەيۋاتاتتى. 
چارشەنبە كۈنى دەرس تۈگەشكە ئاز قالغاندا ئېليار ئېنگىلىزچە فاكۇلتېتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئادىلەنى ساخلاپ تۇردى، ئادىلە ئۇنى كۆرۈپ ئالدىراپ ئەتراپىغا قارىدى ۋە خۇددى ئۇنى تونۇمايدىغاندەك كېتىۋەردى،ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇدۇلىغا قاراپ تۇرۇپ" كونا جاي " دەپلا ئۆتۈپ كەتتى، ئىليارنىڭ كۈلگىسى شۇنداق كەلدىكى ئۆزىنى ئاران توختۇتۇپ ،بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چايخانا تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كەتتى، ئۇ چايخانىغا كىرگەندە ئادىلە كونا جايدا ئولتۇرغان ئىدى. 
----- نىمە ئامېرىكىنىڭ جاسوسلىرىدەك قىلىسىز ئادەمنى كۈلدۈرۈپ. 
---- نىمىسى قىززىق بۇنىڭ؟ بۇ ئاي بۇ كۈندە مەرزىيە ئىككىڭلارنىڭ يۈرۈۋاتقىنىنى جىمى ئادەم بىلىدۇ، بىرەرسى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنىڭغا دەپ قويسا مەن قانداق قىلىمەن ؟ 
--- ھېچنىمىدىن قورقمايدىغاندەك پوچى يۈرۈيسىزكەن،ھەجەپ ئۇنىڭدىن قورقىسىزكەن ھە؟ 
---- بۇ قورقۇش- قورقماسلىق ئەمەس، قىلىۋاتقان ئىشىم كەمبەغەل دۆلەتكە ياردەم قىلىشتەك ئالىجاناپ ئىش بولمىغاندىن كېيىن ،ۋىژدان ئازاۋى تارتقىم يوق شۇ. 
----      ئەمىسە ھازىر ۋىژدان ئازاۋى تارتىۋاتامسىز؟ 
  ----- ئانچە ئەمەس، قارىسام شۇنداق ياخشى يۈرۈۋاتىسىلەر،شۇڭا ياخشى ئىش قىلدىم دەپ ئويلاپ يۈرىۋەردىم. 
----- ھە بوپتۇ، بۇ جۈمە كۈنى تورخانىغا كىرمىسىڭىز بولامدۇ ؟ 
---- نىمىشقا ؟ 
------ پەرھاتنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشكىسى باركەن . 
----- لىكىن مېنىڭ ئۇ بالا بىلەن كۆرۈشكۈم يوق،ئۇنىڭ ئۈستىگە تورخانىغا كىرمىسەم بولمايدۇ ! 
-----  تور ئويۇنى ئوينايدىغانغىمۇ؟ 
---- بىلىۋاپسىزدە! ئاران جۈمە كەلگەندە ئۇ ئاداشنى دەپ ئويۇندىن قۇرۇق قالامتىم؟ 
---- پۇل پۇل دەيدىغان ئادەم ھەجەپ پۇل تولەيدىغان ئويۇن ئوينايسىزكەن؟ 
----- مەن ھازىر ئەمدى 18 – دەرىجىدە ،شۇڭاھازىر ئويۇن  بىكالىق،  ئۆزەممۇئازراق تىللا يىغدىم،20 – دەرىجىدىن ئاشقاندا دۇنيا قانىلىغا چىقىپ كارد ئالىمەن ھەم ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسىلىرىمنى ئاكسىيون قىلىدىغان يەرگە قويۇپ پۇل تاپىمەن، بىراق سىز مېنىڭ ئۇنى ئوينايدىغانلىغىمنى قانداق بىلىۋالدىڭىز؟ 
------ پىلانىڭىز باركەندە ! --- ئىليار بىر ئاز جىددىلىشىپ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى--- مەرزىيە دەپ بەردى.  
-- مەرزىيە بۇنى بىلەمدىكەن؟ ھەيران قالارلىق ئىشقۇ بۇ! لېكىن ئالدىنقى ھەپتە ئىككى گۇي تولا مەن بىلەن ئېتىشىپ،ۋەزىپەمنى پەقەت ئورۇندىغىلى قويمىدى، شۇڭا بۇ جۈمە كۈنى كىرىپ ئۇ گۇيلارنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىمەن! 
ئىليار ئاغزىدىكى قەخۋەنى پۈركىۋەتكىلى تاس قالدى! بۇ ھەپتە قىزىقچقىلق باركەندە دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە 
---- توغرا، مەرزىيە ئىككىڭلار كېلىشىپ قالغان بولساڭلار خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك ئازادە يۈرېۋېرىڭ، مەن ۋەزىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن. 
--- بۇ ئىشنى ئۆزەم بىر تەرەپ قىلىمەن، سىز ئەنسىرىمەڭ – دىدى ئىليار 
ئۇلار ئۆز يوللىرىغا مېڭىشتى. 
مانا نەچچە ھەپتە بولدى ئىليار جۈمە كۈنلىكى تىببى ئىنىستىتۇتقا كەلمەي تورخانىدا تور ئويۇنى ئويناپ ئادىلە بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى، بۇ جەرياندا ئادىلەنىڭ قابىلىيىتىگە خېلىلا قايىل بولۇپ قالدى،بۈگۈنكى  قاتتىق جەڭدىن كېيىن،ئۇ تەسلىم بولۇپ ئادىلەنىڭ قول ئاستىغا ئۆتۈپ كەتتى. پەرھاتنىڭ دىيىشىچە، ئادىلە ئۇنى "ھازىر بىرسى بىلەن يۈرۈشكە تېخى تەييار بولمىدىم " دىگەن باھانە بىلەن رەت قىپتۇ، پەرھات خېلى كۈنلەرگىچە بىئارام بولۇپ يۈردى. 
بۇنى ئاڭلىغان مەرزىيە : 
---- ۋاي ئۆرگلەي، ھالىنى خىنىمنىڭ! ئەلۋەتتە تەييار بولمايدۇ  ئۇ!-- دىدى. 
بۇ گەپكە قىزىققان ئىليار دەرھال 
-----بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟ --دەپ سورىدى. 
---- ئادىلە قارىماققا ساددا كۆرۈنگەن بىلەن ،شۇنداق قاخۋاش ،ئۇ چوڭ بېلىق تۇتۇشنىلا ئويلايدۇ – دىدى. 
---- چوڭ بېلىق ؟ 
---- ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ئائىلىدىن كېلىپ چىققىشىغا باقماي، پۇلى كۆپ ،مەنسەپدار ئائىلىگە كېلىن بولۇشنى ئويلايدۇ ئۇ! – دىدى مەرزىيە 
---- سىز ئۇ قىزنى نىمىشقا ياقتۇرمايسىز ؟--- دەپ سورىدى ئىليار چوڭقۇرلاپ 
---- ئۇ ھالىغا قاراپ ھال تاتمايدۇ،ئۆزىچە ئۆزگىچە بولۇشقا تىرىشىدۇ،يە ياراشمىغان ئۇ ئۆزگىچىلىگى.ئوغۇللار بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئوغۇللارنىڭ قىزىقىشىغا قىزىقىپ يۈرۈيدۇ. 
گەپ شۇ يەردە توختىغان ئىدى، ئىليار بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇنى ئويغا سېلىپ قويدى.  
ھەپتىلىك كۆرۈشۈشتە ئادىلە ناھايىتى خوشال كۆرۈندى،ئىليار ئۇنىڭ سەۋەبەنى بىلىپ تۇرغان بولسىمۇ يەنىلا چاندۇرماي: 
---- نىمانچە خوشال سىز ؟-- دەپ سورىدى. 
----ئاخىرى دۈشمەننى يەڭدىم،جۈمە كۈننىڭ ياقى خوشالمەن !! 
---- سىزنىڭ يېڭىش ئىستىكىڭىز بەك كۈچلۈك ئىكەن، قىز بالا بەك ئۇنداق بولۇپ كەتسە ياخشى ئەمەس جۇمۇ! 
----- نىمىشقا؟ ئۇمۇ مېنىڭ خوشاللىقىم تۇرسا! 
---- نۇرغۇن ئوغۇللار ھەممىلا نەرسىدە يېڭىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ . 
---- شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە يالغۇز ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلسام بولغۇدەك! 
 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315