مەلىكەئاماننىسا خېنىم

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-17 18:10
 

سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ  خانىشى  ئاماننىسا  خېنىم  ئۆز دەۋرىنىڭ يېگانا شائرەسى بولۇپ ،<< دىۋان

نەفىسى>> ( شېئرلىرى توپلىمى ) ناملىق بىر كىتاپنى  يازغاندى ، خەتتاتلىقتا  ئۈستۈن ماھارەتكە  ئىگە ئىدى،  مۇزىكا ئىلىمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى ، سۇلتان ئۇنىڭغا  تاقەتسز ئاشىق ۋە

ئختىيارسىز شەيدا بولغان ئىدى . سۇلتاننىڭ بۇ مەلىكىنى ئۆز نىكاھىغا  ئېلىش ۋەقەسى  مۇنداق بولغان

ئىدى :                   

سۇلتان ۋەزىر ، ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەكەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ ، تارىم دەرياسىنى

بويلاپ تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتىراپتا  بولدى. سۇلتاننىڭ كىچىلىرى دېھقانچە ساددا كىيىملەرنى كىيىپ ، قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غىرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدالارنىڭ رەئىيلەرگە زۇلۇم- سىتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىىدى . بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونوچى سۈپىتىدە كىردى. بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق بىر ئوتونچىنىڭ ئۆيى ئىدى ، بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇدنىڭ  قىزى ئىدى. سۇلتان ئۆيىنىڭ بۇلۇڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قىلىپ مەھمۇدتىن تەمبۇر چىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەھمۇد : <<مەن تەمبۇر چىلىشنى بىلمەيمەن ، قىزىم چالىدۇ >> دەپ جاۋاپ بەردى .

سۇلتان: << ئەمىسە قىزىڭىز چىلىپ بەرسۇن >> دېدى . مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى . قىزى تەمبۇرنى ئىلىپ پەنجىگاھ  مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى ، سۇلتان ھەيران قالدى ، بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شېرنى مۇقامغا سىېلىپ ئوقوغاندا ،  سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببتىدە كۆيۈپ ، بھۇش بولۇپ كەتتى . بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرۈلگەن بېتى مۇنداق ئىدى :  

نەفىسى كىچە - كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىفە ، كى شاھىڭ ھەققىدە قلماي دۇئا قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ .

غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىراپ : << نەفىسى دىگەن شائىر كىم ؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۈگەنگەن؟ >> دەپ سورىغاندى ، قىز : << خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكىن !  مەن نەۋائىي ، فۇزۇلى ، زەلىلىنڭ شېئىرلىرىدىن باشقىسىنى ئوقۇمايمەن. بۇ غەزەل ئۆزۇمنىڭ . نەفىسى

مېنڭ تەخەللسۇم >>دەپ  جاۋاپ   بەردى .سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى. ئاتىسى :<< ئون ئۈچ ياشقا كىردى >> دەپ جاۋاپ بەردى . سۇلتان تىخىمۇ ھەيران بولدى . ئاڭغىچە ئاماننىسا خىنىم ئۆزى يازغان بىر نەچچە شېئرىنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى . خىتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى . پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۈنچە كىچىك قىزنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي : << قىنى ئەمىسە ، مەن قاراپ تۇراي ، بىر شېئر يزىپ بىقىڭ >> دېگەندى ، قىز دۈۋەت - قەلەم ۋە قەغەز ئىلپ كىلىپ تۆۋەندىكى بېيىتىنى يازدى :  

                       يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەپ سۆئىزەن ماڭا،

                       گويا  بۇ  ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام  تىكەن ماڭا.

سۇلتان كۈلۈپ : << ئىشەندىم ،  مىنى  مەسخىرە قىلماڭ  >>  دېدى مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ ،<< بىز ھېلى كېلىمىز >>  دەپ كېتىپ قالدى . ئۇ لەشكەر گاھىغا بىرىپ  ، ۋەزىر ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى .

 سۇلتان بىشىغا تاج كىيىپ ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى . دەرھال ئون قوي ۋە شايى  - ئەتلەسلەر  تەييارلاندى. تۈ يىرىمىدا قىرىق كىشى مەھمۇد ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە كىلىپ مەقسەتنى بايان قىلدى . پادىشاھ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى . بۇ مەلىكە يىگىرمە يىل ئابدۇرېشىتخاننىڭ نىكاھىدا تۇردى . خۇدايىتائالا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلغانكى ، تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى . ئۇ <<دىۋان نەفىسى >> نى ،     ئارقىدىن خوتۇن - قىزلارغا نەسىھەت قىلش مەزمۇنىدا << ئەخلاقى جەملە >> ( گۈزەل ئەخلاق ) ناملىق بىر كىتاپنى يازدى ، << شورۇھۇلقۇلۇپ >> ( قەلبلەر شەرھى ) ناملىق بىر رىسالە يازدى  شائىرلىق ، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغۇرىسىدا بۇنىڭدىن مەنىلىك كىتاب ئاز . << ئىشرەت ئەنگىز >> (شادلىق قوزغىغۇچى ) ناملىق بىر مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغاندى .كۈچلۈك رەشىك يۈزىسىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ۋە شۇ بويىچە نەغمىچىلەرگە ئۈگىتىلگەن . بۇ مەلىكە ئوتتۇز تۆت يىشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان ، دېيىلىدۇ . مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈگۈدەك ھالەتكە يىتىپ ، سەۋدايىلىق كىسىلگە مۇپتىلا بولدى،سۇلتان ئاخىر يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى.

 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315