چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 19:46
 
تۇرسۇنگۈل توخنىياز


دەرۋازا ئالدىغا تىكىلگەن بىر نەچچە تۈپ تېرەكنىڭ بالدۇر سارغىيىشقا باشلىغان يوپۇرماقلىرى كۈن نۇرىدا ساپسېرىق يالتىرايىتتى . ھاۋا شۇنچىلىك ئوچۇق ، قېنىق زەڭگەر رەڭلىك ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيىتتى . دەرۋازىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پېشايۋان تۈۋرۈكىگە تارتىلغان سىمغا يېيىلغان كىيىم-كېچەكلەردىن سۇ تامچىپ تۇراتتى . يېڭىلا سۇ چېچىلغان ھويلا نەمخۇش ، پاكىز كۆرۈنەتتى ، غەربكە قايرىلغان قۇياشنىڭ نۇرى ھويلىغا تولۇق چۈشكەن ،ھاۋا سالقىنلاپ قالغاچقا ئاپتاپ كىشىگە ئىللىق ، راھەتبەخش تۇيغۇ بېغىشلايىتتى .
ئۇ ئۇزۇن يەڭلىك ئاق كۆڭلىكىنى جەينىكىگىچە تۈرۈۋېلىپ ، پېشايۋاننىڭ رىشاتكىلىرى ، گۈل تەكچىلىرىنى ھۆل لاتىدا پاكىز سۈرتمەكتە . سول تەرىپىدىن ئايرىپ ئۆرۈپ ئالدىغا تاشلىۋالغان سىلىق چاچلىرى كۈن نۇرىدا سارغۇچ پارقىرايىتتى . 
رىشاتكىنىڭ ئالدىدىكى كىچىككىنە گۈللۈكتە ئەتىرگۈللەر ھال رەڭ ، قىزىل ، ئاچ قىزىل رەڭلەردە بەس-بەستە ئېچىلىپ كەتكەنىدى ، گۈللەرگە قاراۋېتىپ ئۇنىڭ ئېسىگە بۇرۇنقى ئىشلار كەچتى :
بىر چاغدا ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئەتىرگۈللەر مانا مۇشۇنداق قويۇق ئېچىلىپ كەتكەن بىر پەيىتتە ئۇ ئۇنىڭغا :" يۈرىكىمىدە ئەتىرگۈللەر بۇنىڭدىنمۇ قويۇق ئېچىلىپ كەتكەن بىر گۈلىستانلىق بار ، ئۇ مەڭگۈ سۇلمايدۇ ۋە توزىمايدۇ ، ئۇنى سىزگە سوۋغا قىلدىم " دېگەنىدى .
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يۈرۈپ قالدى . ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى يۈرۈپ قالدى دېگىلىمۇ بولمايىتتى . كۈندۈزى ھەر ئىككىسى ئالدىراش ئىشلەپ بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە پۇرسەت چىقمايتتى . كەچتە ياشلار يىغىلىشىپ ئولتۇرۇشىدىغان سورۇنلارغا ئۇ چىقالمايىتتى . چۈنكى دادىسى ئۇنىڭغا ئامراق بولسىمۇ بەك چىڭ تۇتاتتى . بەزى جىددىي پەيىتلەردە كەچتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان ۋاقىتلار چىقىپ قالسىمۇ ئۇ قايتىپ كەلگۈچە ئىشىككە قاراپ ئولتۇراتتى ياكى ئۆزى بىللە بېرىپ ئىشخانا ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى . شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش پۇرسىتى كۆپ بولمايىتتى . 
بارا-بارا ئۇنىڭغا ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى يىراقلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلدى . چۈنكى ئۇنىڭدىن كېلىدىغان تېلفۇنلار ئازلاپ كەتتى . بىرچاغدا ئۇ :" سانىيە سورۇن كۆرگەن قالتىس قىزكەن ، مېھماندارچىلىققىمۇ خېلى ئېپى باركەن " دېدى . ئۇ سېزىپ قالدى ، بۇ ئادەتتىكى ماختاش ئەمەس ئىدى .
بۇ ماختاش سۆزىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى بىر ئاز بىئارام بولدى ، يەنە بىر قېتىم :" سىز تاماق ئېتىشنى ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمەيسىزغۇ دەيمەن ، قىز بالا دېگەن ھەممىگە پىشقان بولسا ..." دەپ قالدى .
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بىر خىل سوغۇقلۇق تاراۋاتقاندەك سېزىلمەكتە ئىدى . ئۇ ئۈندېمىدى .
ئەمەلىيەتتە ئۇ قىلالايىتتى . ئۆزىنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . ئۇ ئەتىۋارلىق يالغۇز قىز بولغاچقا كىچىكىدىن تارتىپ ئوقۇش ، خىزمەت داۋامىدا بۇ ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ كۆپ قېتىم ئاپىسىغا ياردەملىشىپ كۆزى پىشىپ قالغانىدى .  ئۇ " قىلالايمەن ، قىلالىشىم مۇمكىن " دېيىشنى ئويلىدى-يۇ ، لېكىن ئۇنداق دېمىدى . چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ " مەن قىلالايمەن ، مەن يارايمەن ، مېنى ئېلىڭ " دېگەنگە باراۋەر سۆزلەردەك بىلىنىپ كەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئۇنى بۇ ئىشلارنى ئۆگىنىشكە قىلغان دەۋىتى بولماستىن مەقسەتلىك ئېيتقان باھانىسىدەك تۇيۇلدى .
كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى ئۇنىڭدىن تېلفۇن كەلدى . ئۇ تېلفۇننى ئالدى ، قىسقا ئەھۋال سورىشىشتىن كېيىن ئىككىلا تەرەپ ئۈندىمەي تۇرۇپ قېلىشتى . بىر پەستىن كېيىن قارشى تەرەپ ئېغىز ئاچتى :
-نېمە دېسەم بۇلار ، ئۆيدىكىلەر ...مەن توي قىلىدىغان بولدۇم .
-...
-سا...سانىيە بىلەن . ئىككى ئۆيدىكى چوڭلار پۈتۈشكەن ئوخشايدۇ . شۇ ... بۇ چوڭلارنىڭ ئىشى . ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇ ماڭا بەك ماس كېلىدىكەن ...ماڭا نېمە ئامال دەيسىسز ...مەن... مەن ئۇلارنىڭ گېپىنى يىرالمىدىم . مەن ئۆزۈممۇ تازا ئىش ئۇقۇپ كەتمىگەچكە شۇ ...سىزنى قىيناپ قويارمەنمىكىن دەيمەن ، بولمىسا مەن سىزنى ...
ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇرغان تېلفۇنىمۇ مۇشۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان سۆزلىرىمۇ باش-ئاخىرى يوق مۇشۇ سۆزلەر بولدى . ئۇ تېلفۇننى قويىۋەتتى . يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ سانىيە بىلەن يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ۋە بىر نەچچە قېتىم ئۆزىمۇ چېلىقتۇرۇپ قالغانىدى .« ھەرھالدا تېلفۇن ئۇرۇپ قويغىنىغا قارىغاندا يۈز كېلەلمەي قالغان بولسا كېرەك » . ئشۇلارنى ئويلىدى .
ئۇلارنىڭ تويى بولدى . بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ ئۇمۇ توي قىلدى . توي قىلىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ پەرتۇقنى تارتىپ تاماق ئەتمەكچى بولدى .
-سىز تاماق ئېتەلەمسىز ؟-ئېرى قىزىققان ھالدا سورىدى .
-بۇنىڭ نېمە ھەيران قالغۇچىلىكى بار ؟-دېدى ئۇ پەرۋاسىز قىياپەتتە .
ئۇ ئاپىسىنىڭ تاماق ئەتكەندىكى تەرتىپى بويىچە تاماق ئەتتى . تاماق ئوخشىغان ئىدى .ئۇ تاماق ئېتىشنىڭ ئانچىمۇ قىيىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتى .ئۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ، تاماق ئېتىشكە ئامراق بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ تاماق ئېتىپ ئېرىنىڭ ئالدىغا قويغان ۋاقتى ، ئۇنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋاقتى ئىدى . شۇ يوسۇندا ئۇنىڭ يېڭى تۇرمۇشى باشلىنىپ كەتتى .
ئۇنىڭ يېڭى ئۆيى بارا-بارا ئىللىقلىققا تولۇپ بەخت نۇرىغا چۆمۈۋاتاتتى . بىر كۈنى ئېرى سىرىتتىن قايناپلا كىردى : 
-ۋاتىلداق خوتۇندىن خۇدا ساقلىسۇن ، بۇ ئەكرەم دېگەن ئاداشمۇ خوتۇنىنىڭ مىجەزىنى بىلگەندىكىن مېھمان چاقىرمايلا قويسا بولماسمىدى ، سانىيەنى دەيمەن ، بېشەملىكمۇ شۇنچىۋالا بۇلامدىغان ...
« ئۇ سورۇندارچىلىق بار ، ئۆي ئىشىغا پىشقان ، مېھمان كۈتۈشكە ئۇستا قىز بىلەن توي قىلغانتىغۇ ؟ » خىيالىدىن شۇلار كەچتى .
نەچچە كۈندىن كېيىن ئېرى ئۆيگە مېھمان كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى . ئۇ ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە كېلىپ ئالدىراپ تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى . بەزى ئىشلارنى تېلفۇن ئۇرۇپ ئاپىسىدىن سوراپ يۈرۈپ پۈتتۈردى . ھايال ئۆتمەي مېھمانلار كېلىشكە باشلىدى . مېھمانلار ئېرىنىڭ ئاغىينىلىرى ئىدى . ئۇ چاي قويۇش ، داستىخانغا نېمەتلەرنى تىزىش ، قورۇمىلارنى ئەكىرىش جەريانىدا بىر جۈپ كۆزنىڭ ئۆزىگە پات-پات قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇردى . 
مېھمانلار خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇشتى . ئۇ ئاشخانىدا بىر ئىشلار بىلەن بەنت ئىدى . بىر چاغدا توساتتىن بىر تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى : 
-ئۇسساپ قالغانتىم ، سوغۇق چاي بارمۇ ؟
ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆزىگە نېمە دەركىن دېگەندەك سىياقتا گۇناھكارلاردەك قاراپ تۇرغان ئۇنى كۆردى . ئۇ گەپ قىلمايلا پىيالىگە سوغۇق چاينى قويۇپ بېرىپ ئىشىنى قىلىۋەردى .
-تاماق ئېتىشنى قاچان ئۆگىنىۋالغانتىڭىز ؟ 
بۇ سۆز خۇددى ئۇنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاۋاتقاندەكلا چىقتى .
-بۇرۇنلا بىلەتتىم ،-ئۇ كەينىگە قارىمايلا جاۋاب بەردى .
ئۇ ئۇنىڭ قاچانلاردا چىقىپ كەتكىنىنى بىلمىدى . بىر پەستىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئىشكاپنىڭ ئۈستىدە ئۇ قۇيۇپ بەرگەن چاينىڭ ئىستاكاندا شۇ پېتى تۇرغانلىقىنى كۆردى .
تۇيۇقسىز كەلگەن تېلفۇن ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلدى .
-ھە ! 
-سىزگە ياردەملىشەلمىدىم . مەن يوق يالغۇز ھېرىپ كەتكەنسىز-ھە ؟\
-ياق ھارمىدىم ، ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئۆزۈم قىلىمەن . سىزمۇ ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسىڭىزلا بولدى .
-كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇپلا سىرتقا چىقىڭە ، ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىپ قوياي .
-بۈگۈن يا بىرەر بايرام بولمىسا ، بىكار بولغان بولسىڭىز سىز قايتىپ كېلىڭ ، قورسىقىڭىزمۇ ئېچىپ كەتكەندۇ ؟ مەنمۇ تېخىچە تاماق يېمىدىم .
-بولىدۇ ، ھازىرلا باراي .
مەنبە-شىنجاڭ ئاياللىرى2010-

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315