ئاشنامغا ئوچۇق خەت

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 19:41
 
ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘﺳﻪﻥ ؟ 

ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺩﯨﺪﺍﺭ ﻛﯚﺭﺷﯜﺷﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﮬﯩﺠﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﭙﯘﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ . 
ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ، ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﯩﻨﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﺷﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ . ﻛﯚﭖ ﺋﻮﭼﺮﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻢ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻛﻪﻥ . ﺋﺎﺷﻨﯩﻼﺭ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟! ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻼ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﺎﻛﯩﻨﯩﻠﯩﻖ - ﮬﻪ ! 
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻣﯘ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ ﺋﯧﯟﺍ ﺑﺮﺍﺋﯘﻧﻐﺎ ، ﻣﯘﺳﺴﻮﻟﯩﻦ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ ﻛﻼﺭﺍ ﭘﯧﺘﺘﺎﺳﺴﯩﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﻛﻪﻥ . ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻐﺎ ﻛﯚﺯ ﺗﺎﺷﻠﯩﺴﺎﻕ ، ﻛﯩﻠﯩﻨﺘﻮﻧﻤﯘ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯧﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﮬﻪﺭﻩﺝ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﯩﻤﻪﻥ ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻣﯚﮬﯜﺭﺩﻩﻙ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﻳﭽﻰ ﺑﯘﻻﻗﺘﻪﻙ ﯞﯨﻠﯩﻖ - ﯞﯨﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻣﺎﻗﻘﯩﻨﻪ ﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺷﻮﻟﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻣﯩﯖﻨﻰ ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪﻛﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻟﯩﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﺎﻥ ، ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺑﺎﻱ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻳﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﺪﺍ ﺋﺎﺗﻪﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﻗﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﺳﯩﻐﻤﺎﻱ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﯔ ﺭﻭﮬﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﯩﺪﯗﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﻳﺘﺘﻰ . ﺳﻪﻥ ﻛﯜﻟﺴﻪﯓ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺑﺎﺭ ﻣﯧﮭﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﻪﺗﺘﻰ ، ﺳﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﻟﺴﺎﯓ ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﻣﯧﮭﯩﺮﺳﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ . 
ﺋﯧﺴﯖﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭼﺎﻍ ، ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭ ﻟﻪﭘﯩﻠﺪﻩﭖ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻧﯧﭙﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﺗﯘﻣﺎﻥ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻳﯜﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻧﻪﺷﺘﻪﺭﺩﻩﻙ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﮔﯜ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯚﺭﻛﻪﺷﻠﻪﻳﺘﺘﻰ . ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﯖﺪﯨﻦ ، ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ ﮬﻮﺩﯗﻗﯘﭖ ﻛﯩﻴﯩﻜﻨﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﯚﻟﺪﯛﺭﻟﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻳﻐﯘ - ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺋﻪﺷﯘ ﻛﯜﻟﻜﻪﯓ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﻐﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮬﯧﺴﻼﺭﺩﺍ ﺗﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺳﻮﻗﻘﺎﻥ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﺘﻪﻙ ﺗﯩﺘﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ... ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﯩﭙﺴﯩﺰ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺳﯧﻨﯩﯖﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺳﯧﻨﯩﯖﺴﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﭘﺎﻳﺎﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻏﯧﺮﯨﺒﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭼﯚﻟﺪﻩﺭﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ . 
ﺩﯦﺮﯨﺰﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﯘﺕ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻗﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ، ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻧﻐﺎ ﺯﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺩﯗﮔﺪﻩﺭﯨﮕﻪﻥ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﮔﻪ ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ ﺋﻪﻟﻠﻪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺴﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﮬﺎﻳﺎﺕ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﯩﯖﺪﯨﻤﯘ ؟ ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯩﺪﻯ ... ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﭼﻮﻏﺪﻩﻙ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺭﻛﻪﺵ ﻳﺎﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺳﯩﻠﻨﻰ ﻛﯘﻣﭙﻪﻳﻜﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻛﯜﭺ . ﺋﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ، ﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ . ﺑﯩﺰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﯩﻨﻰ ﻗﺎﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺳﯘ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ ... ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ << ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻕ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﯧﻜﯩﻤﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻦ ﭘﯘﺗﻪﺗﺘﯘﻕ . ﮔﯘﻧﺎﮬﻨﯩﯔ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﻯ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺗﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺳﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺑﺎﺭ ﻣﯧﮭﯩﺮﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺑﺎﻗﺎﺗﺘﯩﯔ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺗﻪﭘﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﻧﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻧﻪﭖ ﺋﯘﻧﺪﯗﺭﯞﯨﻠﯩﺶ ﻏﻪﺭﯨﺰﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺯﯦﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺳﯚﻳﮕﯜ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﯘﺭ ﺋﯩﻤﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺭﻭﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﻘﯘﭼﻰ ﺳﺎﭖ ﮬﻪﻡ ﭼﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ << ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ >> ﻗﯘﻳﺎﺷﯩﻼ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ ... ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻏﻪﺭﻩﺯ ﮬﻪﻡ ﭘﯘﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ! ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺋﯩﺪﯗﻕ ... ﺷﯘﯕﯩﻼﺷﻘﯩﻤﯩﻜﻰ ، ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﺎﺗﺘﻰ ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﮬﯩﺶ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﯘﻕ . 
ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ : 
ﻧﺎﯞﺍﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ، 
ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﯩﻜﯩﻢ ﻳﺎﺭﯨﻢ . 
.............................. 
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯩﺴﯩﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ . 
ﺳﻪﻥ ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﻗﺎﺭ ﻟﻪﭘﯩﻠﺪﻩﭖ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺷﺘﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻣﯧﮭﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﯜﺯﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﯩﯔ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯩﻘﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯚﭘﻜﻪﻡ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ... ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯘﻧﯘﮔﯜﻧﻼ ﺗﺎﺗﺘﯩﻘﻘﯩﻨﻪ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﺟﺎﻟﻼﺗﺘﻪﻙ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ ... ﺋﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺕ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﻜﺎﮬﻨﻰ ﺑﯩﺘﭽﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻡ - ﺗﻮﻡ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﮭﺮﻯ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ . ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺘﭽﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ! ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯛﻣﺪﻩ ﺯﯨﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﺎﺭﻣﯘ - ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺴﻪﻥ . 
ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﭘﻪﺳﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ . ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﺎﺯﻧﯩﯔ ﻛﯜﺯﺩﻩ << ﻛﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﺯ >>ﺋﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻛﻼ ... 
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯜﭺ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ . ﻳﯜﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﯞﺍﻱ << ﺋﺎﮪ ، ﻣﺎﻳﻤﯘﻧﺨﺎﻥ ﺧﯧﻨﯩﻢ ، ﺋﻮﺗﯘﯕﺪﺍ ﻛﯚﻳﺪﯛﻡ >> ﺩﻩﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . 
ﻣﻪﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﻐﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﺰﮔﯜ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﺘﻪ ، ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻘﯩﻨﻪ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻨﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ . ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﻕ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﻤﯘ ﺑﻪﺧﺖ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﻪﻥ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻣﯘﺟﯩﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﭘﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯞﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﺎﺋﯩﯩﺸﻪ ﺋﯚﺯ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮔﯧﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻤﮕﻪ ﺯﻭﺭﻟﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳﯜﻧﮭﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ . ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﻩﯕﺴﻪﭖ ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ... 
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﮬﯩﺠﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﻩ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ... ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﻳﯜﺷﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﯩﯔ << ﻛﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﺯ >>ﺋﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺳﻪﻳﻠﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ . ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﯜﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺪﯗﻕ . << ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭖ - ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﯞﻩﮬﯩﻴﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . >> ( ﺟﯩﺒﺮﺍﻥ ) ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻧﻜﻰ ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭ << ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ >> ﯞﻩ << ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ >> ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﮬﻪ ، ﺩﯦﺴﯩﻼ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ - ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻘﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺷﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﻢ - ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ . 
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﺳﺎﯕﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﭖ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . 
ﺧﻪﻳﺮ ، ﺳﯧﻨﻰ ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ : 
ﻗﺎﺭﺍ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ 
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ .

 


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315