توردىكى سۆيگۈ (ھېكايە)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 19:29
 
 
توردىكى سۆيگۈ 1-قىسىم
مەن بۇ ھىكايىنى مېنى تۈرلۈك خام ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن توردىكى سىرداش دوستۇم< ئەتتىرگۈل >گە بېغىشلايمەن.                                               
     مۇئەللىپتىن 
ئەكبەر بۈگۈن يەنە خىياللارغا پاتقان ھالدا ئىككى قولىنى يان يانچۇقىغا سىلىپ، قېتىپ مۇزلاپ كەتكەن ئاپپاق قارنىڭ ئۇستىگە دەسسەپ،سوغۇقتىن مۇكچەيگەن ھالدا تورخانغا قاراپ يۇرۇپ كەتتى.سائەت تۆت يېرىمنىڭ قارسىنى ئالمايلا قاراڭغۇلۇق سايە تاشلىماقتا ئىدى.ئەكبەرنىڭ قەلبىدىمۇ شۇنداق بىر قاراڭغۇلۇق شىدەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ،ئۆز تەسەرۇپىغا ئالماقتا،ئىككى خىل زىددىيەت بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىپ بارماقتا:"بۇ جاھان ماڭىلا مۇشۇنداق ئادالەتسىزلىك قىلامدىغاندۇ؟!مەن ئۇرۇمچىدىدىكى تەربىيلىنىش كۇرسىغا بېرىپ،تەتىل قىلغىلى ئەمدى تىخى ھەپتە بولدىغۇ؟دەيتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە."ئايالىمنىڭ ئىككى ئاچىسى،ئىككى ئاكىسى،بىر سىڭلىسى بارغۇ؟مەن توت ئايدا بىر تەتىل قىلىپ كەلسەم ،مېنىڭ ئۆيۈمدە بىرەرسى بېقىپ تۇرسا مەن ئائىلنىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھرىمەن بولسام بولمامدۇ؟ئاڭلىسام :مەن بىرنەچچە كۇن باقتىم،ساڭا نۆۋەت كەلدى ،دەپ ئايالىمغا يۈكلەپتۇ.بۇلاردىن بىرسى <ئۆيۈم يىراق>دىسە،بىرسى <بالام ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى ئېرىم قېتىلمىدى>دەۋاتقان.بىرسى <مەن كاسسىر،ئۆيدە بولالمايمەن >-دەپ ئۆزىنى چەتكە تارتىۋاتقان،ھەرھالدا خوتۈنۇم مەيدىسىگە ئۇرۇپ ،ئانسىنى ئىلىپ كىلىپ بېقىۋاتىدۇ ئەمدى. <<بىر جۇپ ئاتا-ئانا 10بالنى بېقىپ كىتىدۇ،لىكىن 10بالا بىر ئاتا ياكى ئانىنى باقالمايدۇ>>دېگىنى بىكار بولمىسا كىرەك.ئاللاھ ئىگەم ئۆزى ئاسانلىقنى بەرگەي. بولسىغۇ،مەنمۇ بالامنى ئەركىلىتىپ،تېلېۋۇزۇر كۆرۇپ، ئىسىسق ئۆينىڭ راھىتىدىن بەھرىمان بولغان بولسام نىمەدېگەن  ياخشى بولاتتى-دە!.لىكىن بۇ ئامەت ... ھازىر بىز ئادەملەردە نەھايا، نە ئادمگەرچىلىك ،دېگەنلەرىن سۆز ئىچىش تەس بولۇپ قالدى.بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدىكى ئىمانسىزلىق ۋە ئوزىنى بىلمەسلىكتىن مۇشۇنداق چاكىنلىشىپ كىتىۋاتامدۇقكى دەيمەن. قانداق قىلغۇلۇق؟.....
ئۇ تورخاننىڭ ئالدىغا ئايغى چىقماس خىياللار  بىلەن قانداق كىلىپ قالغانلىقنى تۇيمايلا قالدى.ئەكبەر تۈرلۈك كارتۇن رەسمى بىلەن چاپلانغان تومۇر ئىشىكنى ئاچقاندا تاماكىنىڭ ئاچچىق تۇتۇنى ئۇنى شۇنداق يۆتەلدۇرۋەتتى. ئانچە ئىگىز بولمىغان يەر ئاستى ئۆيگە سىلىنغان بۇ تورخانا خىلى كەڭ بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىنغاچقىمۇ،ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن خەنزۇ ئوتتۇرامەكتەپكە  يىقىنلا جايغا سىلىنغان ئىدى.قاتار-قاتار قويۇلغان كومپېيۇتىرلار نىڭ سۇيۇق كىرىستاللىق ئىكرانى بىر -بىرگە تەتۇر شەكىلدە قويۇلغان ئىدى. ئەكبەر ئازراقلا ئۆچرەت ساقلاپ كومپېيۇتىر ئىشلىتىش رەسمىيتىنى بىجىردى-دە،يانتۇ دىگەندەك ماڭدى.بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە سانجاق،سانجاق ياشلار،ئوتتۇرا ياشلىقلار مەشخۇلىيەت ئىلىپ بىرۋاتقان بولۇپ،بەزلەر پۇتۇن زېھنى بىلەن ئىلىكتىرۇنلۇق سوقۇشۇش ئويۇننى رىقابەتلىشىپ ئويناۋاتاتتى؛بەزلەريېڭى چىققان تۇركىيە كىنولىرىنى ئىچىپ،كىنو كورۋاتاتتى؛بەزلەرچ چ نى ئىچىپ قولىنى كومپېيۇتىركونۇپكىسىدا شۇقەەر ئۇستاتلىق بىلەن ھەركەتلەندۇرۋاتقان بولۇپ چ چ نىڭ لەپىلدىشىدىن قىزغىن پاراڭلىشۋاتقانلىقى ئىنىق ئىدى ؛بەزلەر ساراڭلاردەك توۋلاپ چ چ دا پاراڭلىشۋاتاتتى؛ئاندا-ساندا ماتىرىيال كورۋاتقان،چۇشۇرۋاتقانلاردىن ئىدى؛بەزلەر نىمىدۇ، بىرنىملەرنى يېزىپ ،جىددىي يۇمشاق دېتال ئىشلەۋاتقاندەك قىلاتتى. مۇشۇنداق قاينام-تاشقىنلىقتا ،ئەكبەر چەتتىكى بىر ئورۇندىن بوش ئورۇن تىپىپ،مۇقۇملاشتى.كومپېيۇتىرنى قوزغىتىپ ئانچە ئۇزۇن ئوتمەي ، ئەكبەرنىڭ چ چ سىمۇ يالتىراپ،تېتىلداشقا باشلىدى،ئىچىپ قارۋىدى<<چولپان>>نامىدىكى چ چ دىن خەنزۇچە يىزىقتا<<ياخشىمۇ سىز؟>>دىگەن ئۇچۇرئىدى، ئۇ دەرھال جاۋابەن شۇ يېزىقتا<<ياخشى،ئوزىڭىزچۇ؟>>دەپ ئۇچۇر ئەۋەتتى،مۇشۇ يوسۇندا ئۇ ئىككى،ئۇچ سائەت مۇڭداشتى،شىرداشتى،ئىچىلىپ-يىيىلىپ پىكىرلەشتى.بۇرۇن ھېس قىلمىغان نۇرغۇن ئېللىقلىقنى ھېس قىلىپ،كوڭلى ئارام تاپقاندەك بولدى،ۋاقىت بولسىدى،ئۇيەنە بىر قانچە سائەت مۇڭدۇشقان،پۇخادىن چىققان بولاتتى. ئۇ تورخاندىن چىقىپ چەكسىز خىيال دېڭىز ئۇزۇشكە باشلىدى:"چ چ نىڭ مۇنداق ياخشى تەرىپى بار ئىكەن دىسە! بۇقىز مەن ئويلىغاندەك،خىيال قىلغاندەكلام ئىكەن، كونلار <<ئەتىگەندە ناشتىسىز قالماڭ،توي قىلغاندا ئاشنىسىز>>دەپ بىكار ئىيىتمىغان ئىكەن،بۇرۇنراق مۇشۇنداق شىرداش تىپىۋالسامچۇ!؟ ئازاپنى ئىچىمگە ئىلىپ يۇرگۇچە دىسەم،پىكىر ئالماشتۇرسام ياخشىكەنغۇ؟ ئىسمىنى نىمە دىدى؟<<باھارگۇل>>چىرايلىق ئىسمكەن-بۇ! مەسللەرگە بولغان كوز قارشىمىز شۇنداق بىر يەردىن چىقىدىكەن.تېخى سىز مۇنداق قىلسىڭىزچۇ؟مۇنداقمۇ ئويلاپ باقمامسىز؟ دىيىشلىرچۇ؟! بىزلەر تۇرمۇش ئۇچۇن تىرىشىپ-تىرمىشىپ،پايپىتەك بولۇپ ئىشلەيدىكەنمىز،ھاياتنىڭ لەززىتى نەدە؟راھەت قانداق بولىدۇ؟دەپ ئويلاپمۇ باقمايدىكەنمىز،تۇرمۇشنىڭ بەھرىمان بولۇش يولى نۇرغۇنغۇ؟مەن ئەتىلام تور ئەكىرىش ئۇچۇن رەسمىيەت ئوتەي،بەزدە قانغۇدەك پاراڭلاشمامدىمەن، خاتۇن قوشلارمۇ؟ئۇنى ئۇنى،بۇنى دەپ ئىندەكلەيمەن-دە!خوتۇنۇمنىڭ خۇيى سەل يات،ھەممىدە ئىقتىسادنى ئۆلچەم قىلىدۇ، خۇشنىلار بىلەن بولسىمۇ ياخشى ئوتمىگەن،مەنغۇ كۇندە جىدەل دىسەممۇ بولىدۇ،خوتۇن دىگەندە ئازراق رۇمانتىك تۇيغۇ،ئەرگە كويۇنۇش،ھالىغا يىتىش بولمىسا قانداقمۇ خوتۇن دەپ ئوتكىلى بولسۇن،ھەدىسە مىنى ئوزىگە باش ئەگدۇرۇش كويدا يۇردۇ،ئىمان،ئىتىقادى يوق ئاياللاردىن خۇدايىم ئوزى ساقلىغاي! ھازىر چوڭ بولۇپ توي قىلغان كۆپۇنچە ئاياللاردا دىنى بىلىم يوق،ئائىلە تەربىيسىدە ،مەكتەپ تەربىيسىدە قانداق ئايال بولۇش،قانداق ئانا بولۇش تەربىيسى بىرىلمەي،ئەر-ئاياللار باراۋەر دەپ ئائىلدە باراۋەرلىك تالشىپ،ئەرنى ئوزخاھىشى بۆيۇنچە چاڭگىلىغا كىرگۇزۋالغان،  
مۇشۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كەلگۇسى نىمە بولماقچى؟خىنىم مىجەز بولمامدۇ،بېقىپ چوڭ قىلغان ئوغۇللىرى؟زامان ئاخىرنىڭ ئالامىتى يۇز بىرۋاتامدۇ-قانداق؟!..." 
-ئەكبەر ئەپەندى،بەك خىياللار قاينىمىغا غەرق بولۇپ كىتىپسىزغۇ؟-ياندىن چېققان بۇ ئاۋاز ئەكبەرنى چۇچتىۋەتتى،ئۇ دەرھال بۇرۇلۇپ قارۋىدى ،ئوزىدىن بىر قانچە قەدەم يىراقلىقتا  خىزمەتدىشى ئابلىز قولنى كەڭ ئىچىپ كىلۋاتاتتى .ئۇدەرھال ئوزىگە كىلىپ،سۇئالنى سۇئال  بىلەن جاۋاپ قايتۇردى.-تاماقتىن كىيىن،تاماق سىڭدۇركەچ،ھاۋا يېگىلى چىققان،ئوزەڭچۇ؟ 
-تاماكام تۇگەپ قاپتۇ ،تاماكىغا ماڭدىم،بولمىسا <<ئوزخان >> داپەنجىخانغا بارامدۇق-يا؟بىر ۇمكىدىن ئىچكەچ،كۇدۇڭ-بۇۇڭ قىلشىپ يانارمىز.تاۋىڭ بارمۇ؟-دىدى ئابلىز قۇلاقچىسنى بىر قولىدا تۇزەشتۇرۇپ. 
-ھاراق،تاماكۇ دىگەنلەردىن نىمە خاپلىقلارنى تاپمىدۇق بىز -ھە!سەنمۇ تاشلا بۇنداق ناچار قىلىقلارنى،ئوزمىزنى ئاسرايلى،ئاللاھدىن قورقايلى.ئاڭلىسام بىرنەچچە كۇننىڭ ئالدىدا مۇھەممەت فايەننى ساقچىلار مەس بولۇپ قىلىپ يولنىڭ چىتىدە يىتىپ قالسا ،ئويگە ئىلىپ كىلىپ كىتىپتۇ دەيدۇ،قارا بۇرادەر،سەت تۇردۇ،كەچ بولدى،يۇر كىرىپ كىتەيلى. 
-بولدىلا،بايام خوتۇن بىلەن ئۇرشۇپ قالدىم،سەل تۇرسام قولۇم تېگىپ كىتىدىغاندەكلا،ئويدىن يىنىپ چىقتىم،مەس بولۇپ كىرىپ ئەدىۋىنى بىرەي،ئۇ بىر نىمىنىڭ. ماڭغا ھەمرا بولامسەن،چىقىم مەندىن. 
-ھاراق ئىچمىسەڭ،خوتۇنغا گەپ ئوتمەيدىكەن-دە! چىرايلىق مۇڭدېشىپ،پىكىر ئالماشتۇرساڭلار بولىدىغۇ؟-دەپ تەسەللە بىرىپ ھاراق ئېچىشتىن توسماقچى بولدى،ئەكبەر ئابلىزنى. 
-سەن نېمىنى بىلسەن؟ھاراق ئىچىپ كەيىپ بولغاندىن كىيىن،مېھمانخانلاردا ياتساڭ،ۋاھ،ئاجايىپ پەيزى بولىدۇ.خوتۇن ساڭغا بەرمىگەن ،مۇھەببەت،ناز كەشمە،تۇرلىك قىلىقلار،ھەممىنى ئۇنتۇپ،شۇنداق غايىۋى دۇنيادا ياشايسەن.بىردەملىك بولسىمۇ ،بېسىم يىنىكلەپ،كاللاڭ ئارام ئىلىپ قالىدۇ،ھازىرچۇ؟قارا،سەندەك بىشىنى ئىچىگە تىقىپ خىزمەت قىلدىغان،پايدا-مەنپەت قوغلاشمايمەن دەپ ،ھەرخىل تەربىيلىنشكە،سوھبەت يىغىنلىرغا باردىغانلار يوق دىيەرلىك  دىگىنە!ساراڭ بولما،ھازىر سىنىڭ پەلسەپەڭ ئىشلىمەيدۇ،ھوقۇق بولسا پۇل،پۇل بولسا ھوقۇق بولىدۇ.قوساقتا بىلمىڭ بولغىنى بىكار،ناۋادا بەك ەرىجىدىن تاشقىرى ئىجادىي قابىلىيتىڭ بولسا ئو باشقا گەپ!پۇل خەجلەپ ئوسۋاتقانلارنى كورۋاتقانسەن،قانداق؟بارامدۇق. 
-بولدىلا،سەن بىرىپ،ئىشىڭنى قىل.مەن ،سەن ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ مۇشۇنداق چاكنا پەلسەپە سوزلەپ،ھەدىسە،ھاراق-شاراپقا بىرلىپ ئوتسەك،ھوقۇق،پۇل كويدا يۇرسەك قانداق بولىدۇ؟.ئابلىز،بىز ئوزمىزنى تاپايلى،ئىمانىمىزنى پاكلايلى،كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى ئويلايلى،بىزنىڭ كەسىپ باشقا كەسىپكە ئوخشىمايدىغان يېرى"ئوزىنى بېغىشلاش"تا ئەمەسمۇ؟بىز سەن ئىيىتقان چاكنىلىقلارىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ،ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۇسىگە قانداق جاۋاپ بىرمىز؟مىللەت،دولەت ئالدىدا جىنايەتكار بولمامدۇق؟سەن بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپ مۇشۇنچىلىك داۋلىنى بىلمىسەڭ-ھە! 
-قويە،<<زىيالى،قىلغان ئىشى خىيالى >>دىگەن شۇدە. مەن،سەن ئۇنداق ئويلىغانغا بەزى ناچار قىلمىشلار تۇگەپ قالامتى؟كەتتىم. 
ئابلىز،زورىغاننى تولىغانچە يۇرۇپ كەتتى،تېلفۇننى قۇلقىغا تۇتقىندىن،ئالا كىملەرگە تېلفۇن قىلۋاتقانلىقنى كورۋىلىش قىيىن ئەمەستى. 
يول چېرىغىنىڭ سۇس يورۇقلىقى ئاستىدا قار كىرىستالدەك چاقنايتى،ياندىكى مەھەللە رايۇنغا قايرىلغاندا كوچا چىرىغى بۇزۇلغان بولۇپ،قاراڭغۇلۇق ھوكۇم سۇرۋاتاتتى،ئەكبەرنىڭ قەلبىدىمۇ ئاچچىق ئەلەملەر دەستىدىن،مۇھدىش بىر قاراڭغۇلۇق سېڭىپ كىرۋاتقاندەك تۇيلىۋاتاتتى. 
<<ئاھ،ئاللاھ بىز قۇرئاننى كويدۇرۇپ،ئوز مەدەنىيتىمىزنى ئوز قولمىز بىلەن دەپسەندە قىلغاننىڭ جازاسىمۇ بۇ؟بىز شۇنچىلىك بۇزۇلۇپ ،ئەقلىمىز بوغلۇپ قىلۋاتامدىغاندۇ؟ بىز ئەمدى مەدەنىيەتنىڭ" توپان"بالاسىغا مۇپتىلا بولدۇقمۇ؟ بىز ئوقۇتقۇچىلار بۇنداق چاكنا مەدەنىيەتكە مۇپتىلا بولغان بولساق،بىز تەربىيلىگەن ئەۋلاتلار نىمە بولۇپ چىقار؟!......>>
  
توردىكى سۆيگۈ 
شۇڭقار 
مەن بۇ ھىكايىنى مېنى تۈرلۈك خام ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن توردىكى سىرداش دوستۇم < ئەتتىرگۈل >گە بېغىشلايمەن.  
ئاردىن بىر ئاي كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئوتۇپ كەتتى،ئەكبەرمۇ ئەڭ ئاخىرىقى بىرماۋسۇملۇق  تەربىيلىنىشنى داۋاملاشتۇرى.ئۇ توردا<<چولپان>>بىلەن پاراڭلىشىپ،شىردىشىپ يۇرگىلى بىر ئايدىن ئاشقان ئىدى. ھازىرمۇ ھېلىھەم دەرستىن چۇشۇپلا  تورخانغا قاتناپ،<<چولپان>>بىلەن شۇ كۇنلۇك ھاياتلىق پائالىيتىدىكى  يولۇققان تۈرلىك  مەسىللەر توغىرىسىدا سوزلىشىپ، قايغۇ-ئەلەم،خۇشاللىقلاردىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ ، بىر-بىرىگە تەسەللى بىرەتتى ياكى مۇبارەكلەيتى، بەزى مەسلىھەتلەرنى بىرىپ،قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئىزلەشكە ئۇرناتتى.  بۇ خىل مۇناسىۋەت بارغانسىرى تەرەققىي قىلىپ،بۇلار بىر  كۇن بىر-بىرى بىلەن كورۇشمىسە  چېداشمايدىغا ھالەت شەكىللەندى.بۇنىڭ بىلەن ئەكبەر قولدىكى داڭلىق ماركىلىق تېلىفۇننى ، چامدانغا جايلاشتۇرۇپ،يىڭدىن مەخسۇس چ چ بار تېلفۇن سىتىۋالدى. 
<<ئۇلۇغ ئاللاھ گۇناھكار بەندىمەن،گۇناھىمنى كۆچۇرگەيسىز.مەن بارغانچە توردا بۇ قىزغا ئوزۇم بىلىپ ، بىلمەي باغلىنىپ قىلۋاتىمەن،مەن ئەمىدى،بىر ئادەمنىڭ ئوز كوڭلىگە تەسەللىي بىرەلەيدىغان، قىيىنچىلىققا ئۇچۇرىسا ئېلھاملاندۇردىغان، بىر ئادەمگە نەقەدەر ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەمدى تونۇپ يەتتىم.توردا ئوزىنى كورمەي،ئاۋازنى ئاڭلىماي بىر قىز بىلەن تونۇشقىلى مانا ئوتتۇز نەچچە كۇن بولۇپتۇ، قانداراق قىزدۇ، ئىگىزمۇدۇ؟ پاكار؟ئورۇقمىدۇ،سىمىز؟ بۇنى بىلمەيمەن،بىراق تىلى بەك تاتلىق،ئادەمنىڭ پېسخىكىسنى چۇشىنشكەماھىر قىزدەك قىلىدۇ.بىر بالام بار دىسىمۇ  ،"خوتۇن كىشى"دىگىم كەلمەيدۇ دىسە ، ياخشى كورۇپ قالمىغاندىمە-ھە!؟...>>   دەپ ئويلايتى ئۇ.ئوزنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنى ئويلاپ،مەندىكى بۇ ھېسىيات پەقەت ئاكىنىڭ سىڭىلغا   بولغان مېھرى-مۇھەببىتى، ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ  بىر-بىرىگە بولغان ھورمىتى،دەپ ئوز-ئوزىگە تەسەللىي بىرەتتى،كۈڭۇلدە يامانلىق بولمىسا ھەممە ئىش توغرا تەرتىپتە،ئاقىدۇ،دەپ بىلەتتى. 
ھاياتلىقنىڭ ئوزى بىر  پۇرسەت،ھەربىر پەيىتتىن ئۈنۈملۇك  پايدىلنىش كىرەك.ئەكبەر بۇ نوقتىنى ئىنىق تونۇپ  يەتكەن ئىدى.شۇڭا ئۇنىڭ ھەربىر كۇنىنى خۇشاللىق بىلەن كۇتۋالاتتى،ھەممىگە ئۇمۇتلىك قارايتى. ساۋاقداشلىرىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى.شەنبە،يەكشەنبە كۇنلىرى بۇرۇنقىدەك بۇرخۇتۇملۇق ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئالدىراش ئوتىدىغان بولدى. 
مۇشۇ تەرىقىدە ماي ئايلىرىنىڭ ئالتۇن دەم ئېلىش كۇنلىرى يىقىنلىشىپ قالدى،فاكۇلتىت  رەھبەرلىكى <<ئەمگەكچىلەر بايرىمى>>، << 4-ماي ياشلار بايرىمى>> مۇناسىۋىتى بىلەن ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا قويۇپ بىردىغانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.بۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتىكى 4ئادەم 2نەپەر تۇرپانلىق ساۋاقدىشى بىلەن تۇرپانغا بىرىشقا پىلان تۇزەپ ،جىددىي تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. 
4-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۇنى ئەكبەرلەر چۇشتىن كىيىن دەرسنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئالدىن تەييارلاپ قويغان بوقچىلارنى ئىلىشتى-دە،تۇرپانغا قاراپ يۇرۇپ كەتتى. ماي ئايلىرىنىڭ بىشىدا تۇرپاندا تېمپۇراتۇرا ئۇرۇمچىدىن خىلىلا پەرقلىق بولۇپ،ئەتىياز يازپەسلى،ياز پەسلىنى  تەئەللۇت قىلشقا ئالدىراپ قالغاندەك ئىدى. 
ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۇن يالقۇن تاغ،مىڭئۈيلەرنى ساياھەت قىلىپ ،تۇرپان شەھىردىن ياتاق ئىلىپ،شەھەر مەنزىرسىنى تاماشا قىلغاچ،ئارام ئىلىش،ھەركىم كونا ساۋاقداشلىرى بىلەن كورۇشمەكچى بولدى.ئەكبەر ئۇنۋېرسىتىدىكى ساۋاقدىشى ئەكراەم بىلەن كورۇشتى،ئۇنىڭ خاتىرە كومپىيۇتىرىدا شىردىشى باھارگۈل بىلەن ئۇزۇن پاراڭلىشىپ،ئەتە جۇمە جۇمەدىن كىيىن،يالقۇنتاغ ئارمگاھىدا كورۇشمەكچى بولۇشۇپ ،ئايرىلىشتى. 
بۇگۇن جۇمە،ئەكرەم كىيملىرىنى بىرقۇر تۇزەشتۇرۇپ،تاھارەت ئىلىپ،جاپتۇپ يولغا چىقتى. 
جۇمەنى ئوقۇپ بولۇپ،ئارامگاھ ئالدىدا تۇرپاننىڭ مەنزىرسىنى كورگەچ، ئوتكەن،كەچكەنلەرنى كۇزىتىشكە باشلىدى. 
تېلفۇندىن يىنىك ئۇيغۇرچە ناخشىنىڭ جاراڭلىشى،بىرسىنىڭ تېلفۇن قىلغانلىقىنى بىلدۇرەتتى.ئۇ تېلفۇننى قولغا   ئالماقچى بولۇپ قولنى يانچۇققا ئاپارغىچە،ئۇدۇل تەرىپىدىكى ئوتتۇرا بوي،سەل بۇغداي ئوڭلۇك،سىمىزرەك كەلگەن،ئاق يوپكا،كوينەك بەدىنىگە چىپتا كەلگەن،30ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال قارارەڭلىك قول سومكىسنى كوتۇرۇپ قۇلقىغا تېلفۇننى ئىلىپ بىرىپ ،كىمدۇ،بىرسنى ئىزدەۋاتقاندەك ئەنسىزلىك بىلەن ئەتراپقا بىقۋاتقان مەزلۇمغا كۆزى چۇشتى-دە!كوڭلى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىر كۆرۇشنى زارقىپ كۇتكەن جانانىنى تونغاندەك تۇيغۇ بەردى. 
-سىز باھارگۇلمۇ؟-تېلفۇننى بىسۋەتكەندىن كىيىن ،ئايالنىڭ يىنىغا بىرىپ سوردى،ئەكبەر سالماقلىق بىلەن،-شۇنداق،سىز ئەكبەرمۇ؟-دىدى ئايالمۇ ياندۇرۇپ.-ئاللاھقا شۇكۇرى،ئاخىرى سىزنى كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولدۇم،-دىدى ئەكبەرمۇ ھاياجان بىلەن،-مەنمۇ،يوقتۇپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان تۇققۇنۇمنى تاپقاندەك ھېس قىلۋاتىمەن  -دىدى ،ئايالمۇ چىرايدىن كۇلكە جىلۋە قىلدۇرۇپ.ئاندىن ئۇلاپلا: 
-تۇرپانغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن،قەدىمىڭىزغا مۇبارەك!-دەپ كوڭلىنى ئىپادىلدى ،تەبەسسۇم بىلەن ئەكبەرگە بىقىپ تۇرۇپ.ئەكبەر دەرھال چاقچاق بىلەن ھۇجۇمغا ئوتتى: 
-قەدىمىمنى مۇبارەكلەپلا،قۇتلۇپ كىتەي،دەۋاتامسىز نىمە؟مىنىڭ ساپ كوڭلۇمگە شاپائىتىڭىز يوقما!؟ 
-قەشقەرلىكنىڭ گېپى سېسىق دەپ كۆڭلىدىكىڭىزنى  ئىيتىۋادىڭىز-ھە؟!بىز تۇرپانلىقلار ئۇنچە پىخسىق ،نامەرت ئەمەس،ئايال بولساممۇ ،سىزنى ئەرلەردەك مېھمان قىلغۇچىلىكىم بار مىنىڭ. 
-ئاڭلىسام،تۇرپاندىكى ئاياللار ئەرلىرىنى،خۇددى كىچىك بالىنى باشقۇرغاندەك،باشقۇردۇ دەيدىغۇ؟مۇنداقچە ئېيىتقاندا سايىماخۇنلار كوپ دىيشىدىغۇ؟سىزمۇ بۇنىڭ جۇملىسىدىن مانا! 
-ئەرلەر ئاياللاردەك بولۋالسا،ئەلۋەتتە ،ئاياللار ئەرلەردەك بولىدۇ-دە! سىزمۇ شۇنداققۇ؟ 
-ئوزەمنىڭ گىپى بىلەن ئوزەمنى پوملىدىڭىز-ھە! يامانجىمۇ سىز! 
-قىنى يۇرۇڭ،تاماقلانغاچ مۇڭدىشايلى،گەپ بىلەن ئۇزاتقان تۇرپانلىق بولۇپ قالماي يەنە،-دىدى باھارگۈل ئەكبەرنى ياندىكى تاماقخانغا تەكلىپ قىلغاچ،-بوپتۇ،ياسالمىلىقنى قويۇپ ،ئالدىرماي تاماقلانغاچ  سوزلىشەيلى. 
ئۇلار كەچ بولغىچە تاماق يەپ،كوچا ئايلىنىپ،ئەكبەر چۇشكەن مېھمانخانغا كىرىشكەندە ،تۇن پەردىسنى يىيىپ،قاراڭغۇلۇقنىڭ كىلۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرۋاتاتتى.سەل ئالدىراپ قالغان باھارگۇل،ئەكبەرگە ئىلتىجا قىلدى: 
-مەن قايتاي،يولدىشىمغا،ئاچامنى كورۇپ كىلەي،سۇننەت توي تەييارلىقىنى قىلشىپ بىرمەن ،دەپ يولدىشىمدىن سورغان، ئەتە كورۇشەيلى،قونۇپ قالاتتىممۇ-يا؟ 
-رەھمەت،مەن ئوقۇتقۇچى،ھەممىدە ئوزۇم ئولگە بولىمەن،دەپ قەسەم قىلغان ئىدىم،مەن ئايالىمغا،سىز يولدىشىڭىزغا خىيانەت قىلساق،ئاللاھ بىزنى مەڭگۇ كوچۇرمەيدۇ.بىردەملىك كۈڭۇل خوشلىقىنى دەپ،بۇزۇقچىلىققا باش بولۇپ بەرمەيلى،سىزنىڭچە بولامدۇ؟ 
-سەمىمىي ئادەمكەنسىز،ئەمما سىز ئېقىندىكى بىر ياپراقكانسىز خالاس. مەن بۇرۇن بىرسى بىلەن مۇشۇنداق كورۇشكەن،چىرايلىق  گەپلەرنى قىلىپ يۇرسە،بىر ياخشى مۇسۇلمان كىشى دەپ ئويلاپتىمەن،لىكىن بىز كورۇشكەندىن كىيىن،ئەبدى-بەشىرسىنى ئاشكارلاپ،مىنى خىلى زولاپ باققان بولدى،ئۈنۇم بەرمىگەندىن كىيىن ،قەيداپ كىتىپ قالدى،شۇندىن كىيىن،چ چ دا بىرسى بىلەن،يۇز تۇرانە كورشۇپ باقمىغان،بۇگۇن سىز بىلەن كورۇشتىم،راسلا،سەمىمىي ،سادىق ،ۋىجدانلىق ئادەمكەنسىز. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك بولسائىدى،جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىق،ئەخلاقسىزلىققا ئورۇن قالمىغان بولاتتى.تۇرلىك يۇزبىرۋاتقان ئالامەتلەرگە قاراپ، زامان ئاخىرنىڭ ئالامىتىنى كورگەندەك بولۋاتىمەن.ئەخلاقنىڭ يوقۇلشى،ئىماننىڭ بولماسلىقىدىن؛ مىللەتنىڭ يوقلىشى ،مىللىي تېل،مەدەنىيەتنىڭ يوقلىشىدىن، دىيشىدىكەن.بىزدە ئىمان بارغانچە سۇسلىشىپ،بالا ئاتا-ئانىدىن  ھايا قىلمايدىغان،ئايال ئەرگە ھوكۇمرانلىق قىلدىغان ،كىچىكلار چوڭلارنى خارلايدىغان،ھەتتا مەنپەت،ھوقۇق ئۈچۇن ئادەم ئولتۇردىغان،ئادەم گۇشى يەيدىغان ئەھۋاللار كورلىۋاتىدۇ. بۇ لار مەدەنىيەتنىڭ يوقلىشى بولماي نىمە؟بىرەر ئىمان،ئىتىقادنىڭ بولىشى ،ئادەملەرنى نۇرغۇنلىغان ناچار قىلىقتىن ساقلاپ قالىدۇ. ئەمما بىزدە ھازىر ئىماننى،ۋىجدانىنى ساتىدىغانلار كۆپىيىپ،ئىمانلىق،ئىتقادلىق كىشلەر تەس كۇنگە قىلۋاتىدۇ؟ شۇنداق قارىساق،ئاللاھنىڭ بىزنى سىناۋاتقانلىقىنى،تۈرلىك ھادىسلەر ئارقىلىق، بىزنى ئاكاھلاندۇرۋاتقانلىقىنى ،ھېس قىلالايمىز.شۇنداقمۇ؟! 
-دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق،مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قىلۋاتىمەن،بىرگەپ سىز چ چ دا نەچچە ئادەم بىلەن كورۇشتىڭىز؟ مەن ئىككىنجىسى؟ بۇ راسما؟بۇنداق ئىشلاردا موللامكەنسىز-دە! 
-نىمە دەۋاتسىز؟چاقچاقمۇ يولدا بولسۇن،مەن بىر ئىمانلىق ئايال،تىجارەتچى بولساممۇ،ئاق،قارنى پەرقلەندۇرەلەيمەن. 
ئۇلار ئۇنى،بۇنى دىيشىپ،ئايرىلىشقا كۆزقىيمىغان ھالدا ئەتە چۇشلىك تاماق ۋاقتىدا كورشىدىغان بولۇپ ئايرىلدى. 



توردىكى سۆيگۈ  (3-قىسىم  )
شۇڭقار
ئەكبەر بۇگۇن يەنە بۇرۇنلا ئورۇندىن تۇرۇپ نامىزنى ئوقۇپ بولۇپ،سىرىتقا ئەتىگەنلىك ناشتىغا چىقتى.تۇرپاننىڭ ماي ئايلىرىدىكى ئەتىگەنلىك ھاۋاسى شۇنداق راھەت.كوچىدا ئانچە كوپ ئادەم يوق.ئاندا-ساندا ئۇيان-بۇيانغا ماڭغان  ئادەملەر ،پاراڭلىشىپ ،ئاللا قاياقلارغا ماڭغان كادىر سۇپەت كىشلەر،چىرايلىق ياسنىپ،ئالدىراپ كىتۋاتقان قىز-ئاياللار ناگان-ناگاندا ئۇچراپ قالاتتى.
ئەكبەر كوچا دوقمۇشىدىكى غالتەكلىك كالا-پاچاقغاندا،قوسقىنى ئەستەرلىۋالغاندىن كىيىن، مېھمانخانغا قايتىپ كىلىپ، كارۋاتتىكى،  <<ئانا يۇرت>> رۇماننى قولغا ئىلىپ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى.
ئەكبەر بۇ كىتاپقا شۇنداق بىرىلىپ كېتەتتىكى، كىتاپتىكى ۋەقەلىك بىلەن روھيىتى بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. كىتاپتىكى غوجىنىياز ھاجىغا ئەپسۇسلانسا، سابىت داموللىنى تۇتۇپ ئىلىپ ماڭغاندا، غوجىنىياز ھاجىدەك   بۇ يېتۇك قەھرىمانغا لەنەت ئوقۇيتى، سابىت داموللىنىڭ<<تۇرمىدە تۇرۇپ قۇرئان >>تەرجىمىسنى قىلۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كىلىپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش چىقىپ، كىتاپ قىتىنى نەمدەپ قويغىنى، تۇيمايلا قالاتتى؛ جاللات شېڭسىسەينىڭ ھېلە-مېكىر بىلەن تولغان قەبھى ۋاستىلەر ئارقىلىق ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ باتۇر، ئويغانغان، زىيالىلىرىنى قانلىق قېلىچتىن ئوتكۇزگەن جايلىرىدا غەزەپ-نەپىرىتى پارتىلاپ چىقىپ:"ئەبلەخ!" دەپ تۆۋلاپ سالاتتى؛ جەڭلەر  تەسۋىرلەنگەن جايلىرىدا خۇددى ئۆزىمۇ، ئاشۇ جەڭچىلەرنىڭ بىرىسىدەك تۇيغۇغا كىلىپ،  قانلار چاچىرغان، ئىزىلگۇچى خەلىق<<ھۇررا>>دەپ تۆۋلىغان، جۇشقۇنلۇققا تولغان، جەڭگاھلارنى كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ، سىۋىت ئېتتىپاقىنىڭ قېرىق قوچقارغا بىر مىلتىق دەپ سۇلھى قىلغان جايلىرىدا بولسا سىياسەتنىڭ  نەيرەڭلىرىدىن تېنى شۇركىنىپ ، پۈتۈن بەدىنى تىترەك بېسىپ كىتەتتى.
ئەكبەرنىڭ خۇشاللىقى، قايغۇسى شۇ يىنىدىن ئايرىمايدىغان كىتاپ بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.  ھەسرەت، نادامەتلىرىگە  تولغان،  قەلىب يارسنىڭ مەلھەم دورىسى-كۇندىلىك خاتىرىسى ئىدى. شۇنداق،يېگىرمە نەچچە  يىلدىن بۇيان  قەدىردان ھەمرايى قارا رەڭلىك، يۇمشاق مۇقامىلىق بۇ خاتىرە (ئۇ ھەمىشە قارا تاشلىق خاتىرە ئىشلىتەتتى) ئۇنىڭغا ھەمرا. ئەكبەر بەزىدە كۇندىلىك خاتىرە  بىلەن مۇڭدىشىپ، قايغۇ، ئەلەملىرىنى قارا سىياھ بىلەن ئاپپاق بەتلەرگە تۈكۇپ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالاتتى؛ بەزىدە خۇشاللىقلىرىغا جور قىلاتتى.
مانا ھازىر مۇ رۇماندىن تەسىراتىنى بىرلىپ يىزىشقا باشلاپ تۇراتتى، تېلفۇننىڭ مۇقام  بىلەن باشلانغان مۇزىكىسى ياڭراشقا باشلىدى.ئەكبەر شۇنداق تېلفۇنغا قاراپ باھار گۇلنىڭ نۇمۇرنى توندى-دە، كونۇپكىنى باستى:
-ئەكبەر ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ؟سائەت ئون ئىككى بولدى،تۈنۆگۈنكى ئاشخانا ئالدىدا ساقلىغىلى يېرىم سائەت بولۇپ قالدى، ئۇنۇتۇپ قالدىمىكىن دەپ....-باھارگۈل يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ، ئەكبەرنىڭ غەزەپ دىڭىزىغا شۇڭغۇغان خىيالنى،رېئاللىققا قايتۇردى.
-كەچۈرۇڭ،سائەتكە قارىماپتىمەن،ئەسكەرتكىنىڭىزغا رەھمەت.ئون مىنۇتتا بارمەن،بارغاندا كۆرۇشەيلى-دىدى،ئەكبەر قارىشى تەرەپكە ئۆزرە قويدى. ماتىرىياللىرنى يېغىشتۇرۇپ ،ياتاق كارتىسنى يانچۇققا سالدى-دە،سىرىتقا ئوزىنى ئاتتى.
بۇلار تاماقلىنىپ،ھەرخىل سودا سارايلىرى ،تۈرلىك ماللار ماگىزىنى،كىتاپخانلارنى ئايلىنىپ ،تۈرلىك مەسىللەر ئۆستىدە بەس-مۇنازىرە  قىلغان ھالدا مېھمانغانغا قايتىپ كەلدى.
ۋاھ! سىزمۇ رەھمەتلىك،تالانتلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ بۇ رۇماننى ئوقۇۋىتىپسىز-دە!؟-باھار گۈل كىتاپنى قولغا ئىلىپ بىردەم ۋاراقلىغاندىن كىيىن سۇئال قويدى.
-ئىچ پۇشقى ئوقۇپ قويمەن، سىزمۇ ئوقۇپسىز-دە!
-ياق،ئاۋازلىق ئەسىرنى ئازراق ئاڭلىغان. ئوھۇي،سىز تىخى خاتىرە يېزىپسىز-دە؟خېتىڭىز ئەجەپ چىرايلىقكەن .ھەي بۇخاتىرىدە...؟
-كەچۇرۇڭ! بۇمىنىڭ كۇندىلىك خاتىرەم ئىدى.شۇڭا مىنىڭ شەخسىيتىمگە ھۆرمەت قىلسىڭىز. راس ،قاچان پىچانغا قايتىسىز؟
-ئەتە،ئاچامنىڭ ئوغلىنىڭ خەتنە توينى تۈگىتىپ، بىر-ئىككى كۇندىن كىيىن،قايتىمەن. سىزچۇ؟ راسلا ئەتە قايتامسىز؟ بولسا يەنە ئىككى-ئۇچ كۇن تۇرۇپ ماڭساڭلارمۇ بولاتتىغۇ؟
-ئەتە قۇمۇلدىن ،ياتاقداشلىرىم قايتىدۇ،بىرلىكتە قايىتمىساق بولماس،ھەپتىنىڭ ئۈچى دەرس باشلىندۇ.  شۇ كۇنلىكى مائارىپ نازارىتىدىن  تەكشۇرگىلى تۇردۇ،شىدىنمۇ تەكشۇردۇ تېخى.
-بىز يىقىن دوسلاردىن بولۇپ قالدۇق،بۇندىن كىيىن ئىزدىشىپ،ئەھۋاللىشىپ ،بىر-بىرمىزنىڭ ھالىغا يىتىپ ،ئاكا-سىڭىلدەك ئوتەيلى، مەنمۇ  قەشقەرگە بارغاندا سىز بىلەن كۆرشۇپ،يولدىشىمنى سىزگە تونۇشتۇرۇپ قويمەن. سىزلەر ياخشى دوسلاردىن بولۇپ قالامسىزلەر تېخى.
ئۇلار پاراڭلىشىپ،ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بىرىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالدى، ئەكبەر باياتىن يېگەن تاماق تەسىردىن ھاجەتخانغا بېرىشنى خىيال قىلىپ ئوزرە قۆيۇپ، ھاجەتخانغا ماڭدى.
-ئاكاش، قىنى بىرە پىيالە چاي ئىچەيلى، ئاندىن مەن ماڭاي،-دىدى،باھارگۇل چىرايىغا كۈلكە يۇگۇرتۇپ، نازلانغان ھالدا،چاي ئىستاكاننى ئەكبەرگە تۇتۇپ. ئەكبەرمۇ تەكەللۇپسىزلام، ئىستاكاننى ئىلىپ، غۇت-غۇت قىلىپ،چاينى ئىچىپ،كەيپىياتى تېخىمۇ جاللانغاندەك تۇيغۇغا كەلدى.ئۇ شۇندىن كىيىن، بىر نىملەرنى سۆزلىگەندەك قىلدى-يۇ، شىرىن ئۇيقۇ  قايناملىرىغا غەرىق بولدى.
ئەتىسى ئەكبەر تولىمۇ ھاردۇقى چىققان ھالدا كىچىكىپ ئورۇندىن تۇردى. تۇرۇپلا بىشىغا قويۇپ ياتقان ئامراق كىتاۋىنىڭ ئورۇندا بىر نەچچە ۋاراق قەغەز نىڭ ئۇستىدە ئۆزى ئېشلىتۋاتقان كۆكۈش رەڭلىك قەلەم تۇراتتى.
ئەكبەرئىچىدە: «بۇ نىمە خەتتۇ؟! باھارگۈل قايتقىچە مىنى ئۇيغىتالماي،خەت قالدۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ. ئۆقۇپ باقاي، نېملەرنى يازغاندۇ؟» دېگەنلەرنى خىيالدىن ئۈتكۈزۇپ، خەتكە كۆز يۇگۇرتىشكە باشلىدى.خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى:
<<ئەكبەر،مىنى كۆچۇرۇڭ.مەن سىز ئويلىغاندەك پاك،ساداقەتمەن، ۋاپادار ئايال ئەمەس. مەن يولدىن چىققان، پۇل ئۇچۇن ھەممە نەرسەمنى ساتىدىغان، نۇمۇسسىز ئايال. مىنىڭ ئېسمىم باھارگۇل ئەمەس،بۇرۇنمۇ،سىزگە راس گەپ قىلمىغان،ھېلمۇ-ھەم شۇنداق. مەن يېزىدا چوڭ بولغان، بۇرۇنلا  ئاتا-ئانام  مىنى مەجبۇرىي ھالدا، مەن تونمايدىغان بىر ئادەمگە ياتلىق قىلدى،يولدىشىم قىمارۋازكەن، ئويدىكى ھەممە نەرسىنى سېتىپ،ئۇتتۇرۋەتتى.يېغلىدىم،يىلىندىم،ئاھۇ-زارىمغا ھېچكىم يەتمىدى. ھەتتا بىر قانچە قىتىم يولدىشىم، ئويدە قىمار ئويناپ، مېنىمۇ ساتتى.مەن يولدىشىمدىن يامانلاپ كەتسەم،ئاتا-ئانام ،يەنە قوشۇپ بەردى.نەچچە قىتىم،ئولگۇدەك تاياق يېدىم،ئىككى قىتىم قاتتىق تاياقتىن بالام يورۇق دۇنياغا كۆزئاچماي باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى. جان قېينالدى،ھېچكىم ماڭغا ئىچ ئاغىرىتىمدى.شۇنىڭ بىلەن ھەممىگە ئوچ بولدۇم،ئەڭ  ئاخىرى بىشىمنى ئىلىپ چىقىپ كەتتىم.مەندەك قولد اھۇنەر يوق،يەنە كىلىپ كۈچسىز بىر ئايال نىمە قىلالايتىم،تېنىمنى سىتىپ جان بېقىشقا مەجبۇر بولدۇم.جاھاندا ھاراقكەش، قىمارۋاز، نامەرت، ئىمانسىزلارنىڭ كىشلەرنىڭ كوپىيىپ،ساپ دىل كىشلەرنىڭ بارغانچە ئازلىشى،مەككار،قىزىل كۆز،شەخسيەتچىلىكنىڭ ئەۋجى ئىلنىشى مەندەك ھارامدىن،ئاللاھدىن قورقىمايدىغان بۇزۇق ئاياللارنى ۋۇجۇتقا كەلتۇردىكەن.سوزلىسەم سوز جىق،ئاللاھ مىنى مۇشۇنداق بىتەلەي ياراتقان ئوخشايدۇ،ھاياتلىقىمنى قامداش ئۇچۇن،ۋاستە تاللىمايمەن،بۇ ۋاپاسىز دۇنيادىن ژېركىنىمەن... .
ئەكبەر،سىزنىڭ ياخشى ئادەملىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۋاتىمەن،تەقدىر ئېگەم ماڭغىمۇ سىزدەك ئىمانلىق،مەسئۇلىيەتچان ئەرنى بەرگەن بولسىچۇ؟!سىزنىڭ ئايالىڭىزغا مەسلىكىم كىلدۇ،نىمە دېگەن بەخىتلىك،پىشانسى ئوڭ ئايالدۇ-ئۇ.
كەچۇرۇڭ،مەن چاي ئىستاكانىغا ئۇخلىتىش دورىسى سىلىپ سىزگە بەرگەندىن كىيىن، مەن ئوزەمنىڭ ئولجىسنى ئالدىم، يېنىڭىزدىكى436يۇەن پۇلدىن300يۇەننى ئالدىم،ھەمدە، سىزنىڭ بىركىتاپ، بىر كۇندىلىك خاتىرىڭزنى ئوزۇمگە ھەمرا قىلىپ ،سىز بىلەن قەغەز يۇزدە خوشلاشتىم. مەن سىزگە مۇنداق بىر جۇملە سوز قالدۇراي:"بەكمۇ ئاق كوڭۇل بولماڭ،مۇشۇ خۇيڭىز ئوزگەرمىسە مەڭگۇ ئالدىنىپ ئوتىسىز".مەندەك،بىر يولدىن چىققان ئايالدىن يەنە نىمىنى كۇتەتتىڭىز. سىزگە ئامەت،بەخىت تىلەيمەن.
   سىزدىن ئەپۇ سوراپ<<چولپان>> 
ئەكبەر يا يېغلاشنى ۋەي ياكى كۇلۇشنى بىلمەي تۇرغان جايىدا ھەيكەلدەك تۇرۇپلا قالدى.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315