مەن ۋە ئوغلۇم

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 19:16
 
مەن ۋە ئوغلۇم
 
 

ماخمۇت يولۋاس



كەچ كىرىپ كېتىۋاتاتتى. بالىلار مەكتەپتىن قايىتقىلى نىكەم. ئوغلۇم تېخىچە يوق. تۇرۇپ ئەنسىرەپ قالاتتىم، تۇرۇپ ئاچچىقىم كېلەتتى. بالا دېگەنغۇ ئويۇنغا ئامراق بولىدۇ. ئەمما، ئويۇننىڭمۇ چىكى بار – دە؟!… ئاخىر سەۋىر قاچام توشتى. ئۇنى ئىزدەپ كوچىغا چىقتىم. خىلى كۈنلەردىن بىرى مەن ئوغلۇم ئۈچۈنلا ئاۋارە بولۇپ يۈرەتتىم. ئۇنىڭ كۆزىگە قارىغانسىرى ئوغلۇم بەڭباش بولۇپ كېتىۋاتاتتى.
ئوغلۇمنى ئاخىر كوچا دوقمۇشىدىن تاپتىم. ئۇ بىر بىليارتخانىنىڭ ئالدىدا بىر نەچچە ئاغىنىلىرى بىلەن ئويناۋاتقانىكەن. ئوغلۇم مىنىڭ كېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قېتىغا ئېلىپ قويماي ئويۇنىنى ئويناۋەردى. تاقەت قىلالماي ۋارقىرىدىم.
_ ھەي، دىليار !
_ نېمە بولدى ؟ _ ئۇ قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ ماڭا چەكچەيدى.
_ قارا، نە ۋاخ بولدى ؟ ماڭ ئۆيگە ؟!
_ نېمە قىلىدىكىنە ئادەمنى، _ ئۇ يەرگە تاشلاپ قويغان سومكىسىنى ئىلىپ، غودۇڭشىپ، ئېرەنسىزلىك بىلەن ئالدىمغا چۈشۈپ ماڭدى. ماڭا ئۇنىڭ قىلىقلىرى ھار كىلىپ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولدۇم. تازا بىر شاپىلاق سالاي دەپ قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆزۈمنى يەنە تۇتۇۋالدىم. نېمىلا دېگەنبىلەن بالا ئەمەسمۇ، يەنە كىلىپ بۇ كوچا تۇرسا، سەتلەشمەيلى دەپ ئۆزۈمنىمۇ، بالىنىمۇ ئايىدىم.
ئوغلۇم ئىككىمىز كوچىدا ئۈن – تىنسىز كېتىۋاتىمىز… كۆڭلۈمدىن ھەر خىل خىياللار ئۇچۇپ چىقاتتى. بەزى خىياللىرىم يىراقلارغا كەسە، بەزى خىياللىرىم ئەتراپىمنى ئەگىيتتى.
بالىلىق چاغلىرىمدا ئاكام نەگە بارسا مەنمۇ ئەگىشىۋىلىپ بىللە ئوينايتتىم. مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا سومكامنى تاشلايتتىم – دە، ئاكامنىڭ كەينىدىن تالاغا قاچاتتىم. بالىلار بىلەن دۆڭمۇدۆڭ، سايمۇ ساي قاڭقىپ ئويناپ يۈرەتتۇق. بەزىدە قانداق كەچ كىرىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيمايتتۇق. ئۆي ئىسىمىزغا كەلگەندە بالىلاردىن ئايرىلىپ، بىر تامنىڭ دالدىسىدا دادامغا نېمە دېيىشىمىز توغرۇلۇق كاللا قاتتۇراتتۇق. دادام رەھمەتلىكنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ئادەم ئىدى.
_ دادامغا نېمە دەيمىز، ئاكا ؟ _ دەپ ئۆي تەرەپكە قورقۇپ قاراپ قوياتتىم.
ئاكام بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ ئامال تاپاتتى.
_ يۈرە، ئورماندىن ئىككى باغلام ئوتۇن تېرىيمىز.
_ نېمىشقا ؟
_ ھويلىغا ئوتۇننى كۆتۈرۈپ كىرسەك دادام بىزنى تىللىمايدۇ.
_ ھە، بىلدىم. ئوتۇن تەرگىلى باردۇق  دەيدىكەنمىز – دە؟! سەن بەك ئەقىللىق جۇمۇ ئاكا.
_ دادام ئەمگەك قىلغان ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ.
_ بىراق، ئاكا…
_ ھە، نېمە بولدى ؟
_ دادامنى ئالدىساق قانداق بولىدۇ ؟
_ ئۇكام بۇ ئالداش ئەمەس.
_ قانداقسىگە ؟
_ بۇ دېگەن… ھە، بىر خىل ئەپۇ سوراش، گۇناھىمىزنى تونۇش.
ئاكام ماڭا ئەنە شۇنداق چۈشەندۈرەتتى. مەنمۇ ئاكام دېگەن ئەقىللىق، ئۇنىڭ دېگىنى توغرا دەپ ئويلايتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئاكام ئىككىمىز تەرگەن ئوتۇنلىرىمىزنى دۈمبىمىزگە ئارتىپ، دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ ماراپ تۇراتتۇق. ھويلىدا دادامنىڭ قارىسى كۆرۈنگەن ھامان ھېرىپ كەتكەندەك ئىنجىقلىشىپ ئوتۇننى كۆتۈرۈپ كىرىپ كىلەتتۇق. دادام ئۈستىبىشىمىزغا قاراپ كىتەتتى – دە، تۈرۈلگەن قاپاقلىرىنى سەل بوشىتىپ، يىقىملىق كۈلۈمسىرەپ قوياتتى.
_ ئىشچان بالىلىرىم، ھېرىپ قورسىقىڭلار ئىچىپ كەتكەندۇ. قىنى، ئۆيگە كېرىپ تامىقىڭلارنى يەڭلار، _ دەپ ئۆز ئىشى بىلەن بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاكام ماڭا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قوياتتى. كېيىنچە مەنمۇ ئاكامدەك ” ئەقىللىق ” بولۇپ قالدىم.
داداممۇ ئاكا – ئۇكا ئىككىمىزنىڭ ئۆزىدىن ناايتى تەپ تارتىدىغانلىقىمىزنى چۈشەنسە كېرەك، ئارتۇق گەپ قىلمايتتى. مانا، ھازىر ئويلىسام ھەقىقىي دانىشمەن دادام رەھمەتلىك ئىكەن. ئاشۇنداق چاغلاردا بىزگە ئۆزىنى بىلىشنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل پەزىلەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان ئەمەسمۇ ؟! بالا دېگەن مەڭگۈ ئاتىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى مەنمۇ ئاتا بولغاندىن كېيىن بىلىپ يەتتىم. ئەمما بۇ يۈرەك سۆزلىرىمنى دادامغا دېيىشكە ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ھازىر بەكمۇ ئۆكۈنىمەن. يۈرىكىمدە بىر ئارمان قالغاندەك بوغۇزۇم ئاچچىق بولىدۇ.
ئوغلۇم ئىككىمىز كوچىدا ئۈن – تىنسىز كېتىۋاتىمىز… ئۇنىڭ ئەپتىگە قاراپ خىياللىرىم قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. شۇ تاپتا ئۇ مەندىن بەتتەر خاپا. ئۆزىنى بىلمەكتە يوق تۇرۇپ – تۇرۇپ بوينىنى تولغاپ ماڭا سەت ھۆمىيىپ قويىدۇ. مەن تېخى ئۇنىڭغا بىرەر ئېغىز قاتتىقراق گەپ قىلماي تۇرۇپ بۇنداق قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنى بىرەر شاپلاق سالسام ئۇ ماڭا يانىدىغان ئوخشايدۇ. تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، گەپ مىنىڭ تەربىيەمنىڭ كەملىكىدىمۇ ياكى دەۋىر ئوخشىمامدۇ…
 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315