قويمىچى(ھېكايە)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 19:15
 

يېقىندىن بېرى  ئۇنىڭ تاپاۋىتى ياخشى بولمىدى ،قانداق قىلىش كېرەك ؟ئۇيان ئويلاپ –بۇيان ئويلاپ ئۇ ئاخىرى بىر ئەقىل تاپقاندەك بولدى-دە،پۇزۇر كىيىنگەندىن كېيىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان سومكىسىنى مۆرىسىگە ئاسقان پېتى ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىگە قاراپ يول ئالدى.بېكەت ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ بېلەتچىلەرنىڭ قەشقەر،خوتەن،ئاقسۇ،كورلىغا بارىدىغانلار بارمۇ ؟دەپ سۈرەن-چۇقان سېلىشلىرى كىشىنىڭ مىڭىسىنى يەيتى.ئۇ ماشىنا كۈتۈش زالىغا كىرىپ ئۇيان –بۇيان كۆز يۈگۈرتۈپ ئولجا ئىزدەشكە باشلىدى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى ئالسدىنقى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان  ئوتتۇرا ياش  برىگە چۈشتى،مانا بۇ سەھرالىقنى تازا بىر قويىدىغان بولدۇم دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى .ئۇ تۇرپ-تۇرۇپ يېنىدىكى كىشىگە سەپ سالاتتى،قارىغاندا پۇلى باردەك قىلىدۇ دىگەنلەرنى خىيالىغا كەلتۈرەتتى .  بىر پەستىن كېيىن   ئۇ يانجۇقىدىن تاماكا قېپىنى ئالدى ۋە بىر تال تامكىغا ئوت ياققاچ.
_چېكەمسىز ؟  سورىدى يېنىدىكى كىشىدىن.
_رەھمەت ئۆزۈمدە بار دىدى جاۋابەن .
_تۈزۈت قىلماڭ بۇنى چىكىڭ .
_رەھمەت سىزگە ھېلىقى كىشى تاماكىنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇرغاچ :
- سىز نەگە بارىسىز؟ دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن.
_قەشقەرگە بارىمەن.
-  ياخشى  مەنزىلىمىز بىر ئىكەن دىدى  چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ. 
-شۇنداقمۇ؟ دىدى روزى قىزىل كۆز.شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىردەمدىلا چىقىشىپ قېلىشتى . مانا ماشىنىنىڭ قوزغۇلىدىغىنىغا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت قالدى روزى قىزىل كۆز ئورنىدىن قوزغالدى ۋە ئۇنىڭغا .
_مەن بېرىپ بېلەت ئېلىۋالاي دىدى .
_بىرگە بارايلى مەنمۇ ئالمىغاندىم دىدى ھېلىقى كىشىمۇ .ئىككىيلەن بېلەت سېتىش ئورنىغا كەلگەندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا روزى قىزىل كۆز چىرايى ئۆچكەن ھالدا :
_ئاپلا ھەميېنىمنى ئوغرى ئېلىۋاپتۇ ئەمەسمۇ قانداق قىلارمەن،مىڭ بىر جاپادا تاپقان پۇلۇمنى ئوغرى ئېىۋالغانلىقىنى قارىمامدىغان دىدى پەرىشان ھالدا.
_ئوبدانراق ئىزدەپ بېقىڭ چىقىپ قالار دىدى ھېلىقى كىشى   .
_روزى قىزىل كۆز ئۇيان ئاختۇرۇپ –بۇيان ئاختۇرۇپ ھەميېنىنى تاپالمىدى.ئورۇندۇقتا -چۈشۈپ قالمىغاندۇ دىدى ھېلىقى كىشى.
  ــ بېرىپ باقاي روزى ئورۇندۇق تەرەپكە قاراپ ماڭدى ،ھېلىقى كىشىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.لېكىن ھەميان كۆرۈنمەيتتى ...
_ئىسىت دادام –ئاناملارنى يوقلىيالمايدىغان بولدۇم قارىمامدىغان ماۋۇ كىلىشمەسلىكنى دىدى روزى قىزىل كۆز ئازابلانغان قىياپەتتە. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ يېنىدىن تلىفونىنى ئالدى-دە،مەن بۇ تېلىفوننى سېتىۋېتىپ  بوولسىمۇ چوڭلارنى يوقلاپ كەلمىسەم بولامىغۇدەك  دىدى  بىچارە قىياپەتتە.
_ئەكىلىڭ مەن كۆرۈپ باقاي ھېلىقى كىشى تېلىفوننى قولىغا ئالدى ۋە" نوجىيا ماركىلىق'ئىكەن ھە دەپ سورىدى؟ .
ــ شۇنداق مەن تېخى ئالدىنقى ھەپتىدە 2000سومغا ئالغاندىم ئامال يوق ساتاي ئەمدى دىدى.
__مەن ئېلىپ قوياي نەچچە پۇلغا ساتىسىز؟
__1200سومغا ساتاي ئىككىيلەن بىر ھازا باھا تالاشقاندىن كېيىن ئاخىرى تېلىفوننىڭ نەقىنى 600سومغا كېلىشتى.
ھېلىق كىشى يېنىدىن بىر باغلام پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا 600سومنى ئۇزارتتى،ئۇ پۇلنى ئالغاچ نىمانداق پۇلى كۆپ ئاداش بۇ <<خۇدايىم بەرسەپەيغەمبەر غىڭ قىلالماپتۇ>> دىگەن مانا شۇ بۈگۈن ئامىتىم كېلىدىغان بولدى،ئەمدى بۇ سەھرالىقنى بىر باپلايدىغان بولدۇم دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردى.ئۇ پۇلنى ساناپ ئالغاندىن كېيىن.تۇيقسىز ئۇ بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك بولدى  ۋە :
  ــ  ئېسىم قۇرۇسۇن،ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن تۇغقانلارغا بىر نەچچە دانە تېلىفون ئېلىۋالغاندىم دادام-ئاناملارنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول بارغاندىن كۆرە شۇلارنى زىيىنىغا بولسىمۇ سېتىپ بارغىنىم تۈزۈك ئەمەسمۇ؟دىدى :
ــ  قانداق تېلىفونلارتى ئۇ؟ سورىدى تېلىفون سېتىۋالغان كىشى .
ــ ئۇلارمۇ شۇ<< نوجىيا>> ماركىلىق تېلىفونلار دىدى جاۋابەن قىزىل كۆز.
ــ نەچچە دانە 
_ئون دانە .
ــ كۆرۈپ باقايمۇ ؟
_مانا كۆرۈڭ دىگىنىچە بىر دانە تېلىفوننى قېپى بىلەن سومكىدىن چىقاردى ۋە قالغانلىرىنىڭمۇ پېچىتى بۇزۇلمىغان تېلىفونلار دەپ قىستۇرۇپ قويدى.تېلىفونلار ھەقىقەتەن شۇ ماركىلىك ئىدى،قارىمامدىغان تەلىيىمنىڭ ئوڭلۇقىنى ئەگەر ئۇ ھاجەتمەن بولمىغان بولسا بۇ باھادا ھەرگىزمۇ ساتمىغان بولاتتى بۇنىڭدىن خېلى كۆپ پايدىغا ئېرىشىدىغان بولدۇم توۋا ماۋۇ ئىشنىڭ ئوڭدىن تارتقانلىقىنى ،ئىچىدە ئويلايتى ئۇ ئويلىغانسېرى ھاياجانلىناتتى.
_ھېلىقى باھادا بېرەمسىز ؟
ــ كەم بۇلار.
_يۈز سومدىن قوشاي بولامدۇ ؟شۇنداق قىلىپ ئون دانە تېلىفوننىڭ باھاسىنى 7000سومغا پۈتۈشتى. پۇل روزى قىزىل كۆزنىڭ قولىغا ئۆتتى كۆڭلىدە ھەجەپمۇ باپلىدىم بۇ سەھرالىقنى دىگەنلەرنى ئويلىغىنىدا ھاياجانلىناتتى ئۇ.شۇنۇڭ بىلەن ئۇ مانا سومكىنىمۇ سىزگە بېرىۋېتەي دىدى ۋە ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كېيىن مېنىرال سۇ ئەكىلەي دىگىنىچە سىرتقا قاراپ چاپتى .  
_نەدىن تاپتىڭىز بۇ ساختا پۇللارنى؟ بانكا خادىمى شۇنداق دىگىنىچە پۇللارنىڭ ئۈستىگە تامغا ئۇرۇشقا باشلىدى...ھەي... ئىسىت...
تېلىفون سېتىۋالغان كىشى خالىي جايدىن بىرنى تاللاپ سومكىدىكى تېلىفونلارنى بىر –بىرمۇ بىر كۆرۈشكە باشلىدى تۇيۇقسىز بىر دانە تېلىفون قېپىغا سېلىنغان بىر پارچە خەت ئۇنى چۆچىتىۋەتتى" ئۇنىڭغا  بىر دانە تېلىفوندىن باشقا ھەممىسى ساختا "دەپ   يېزىلغاندى.ھوي !بەچىغەر مىنى قويغىنىنى قارىمادىغان دىگىنىچە زال تەرەپكە يۈگۈردى ئۇ .لېكىن تېلىفون ساتقۇچىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇبېشىنى  سىللاپ  تۇرۇپ قانداقلا بولمىسۇن ئازدۇر-كۆپتۇر نەپكە ئېرىشىپتىمەن دەپ پىچىرلىدى ئۆز 
–ئۆزىگە.


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315