ئۇچۇر(مىكرو ھېكايە)

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 19:14
 
                                      ئۇچۇر(مىكرو ھېكايە)  


ئاخشام سورۇندىن قايتقاندىن كېيىن مەھمۇد مۇدىرنىڭ كونا كېسىلى يەنە قوزغالدى. ئۇ  ساۋاقدىشى يوللىغان ئۇچۇرنى قول ئاستىدىكىلەرگە يوللاشقا باشلىدى، شۇنداق قىلىپ تۆت -بەش قېتىم ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، تېلېفونىنى ئېتىۋېتىپ ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق بولدى.
ئۇنىڭ بېشى گويا ھازىرلا چېقىلىپ كېتىدىغاندەك زىڭىلداپ ئاغرىشقا باشلىدى، ئاخشامنېمە ئىشلار بولغاندۇ، قانداق قايتىپ كەلگەندىمەن؟دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ئۈستەلدىكى ماتېرىياللىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ خىيال كەپتەرلىرى ئەركىن پەرۋاز قىلاتتى، ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز چېكىلىشى بىلەن، خىيال كەپتەرلىرى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كېتىشتى، ئۇ سەل خۇش ياقمىغان قىياپەتتە:
-كىرىڭ! دېيەلىدى ئارانلا. ئىشىك ئېچىلىپ ئىدارىدىكى قېرى قىز ئايشەم موزاي كىرىپ كەلدى. نىمە گېپى باردۇ؟ بۇ ئايالنىڭ دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ئۇ تەرەپكە قارىدى. ئايشەم تولىمۇ خۇشال كۆرۈنەتتى، بۈگۈن ئۇ باشقىچە ياسىنىۋالغان بولۇپ مانتا ياقىلىق كۆينىكىدىن بىر جۈپ كۆكسى ‹‹مانامەن››دەپلا چىقىپ تۇراتتى، ئۇ كىرسلودا ئولتۇرغاندىن كېيىن.
-ۋۇييەي!مۇدىر ئاخشام سىز ئۇچۇر يوللىغاندا  بەك كەچ بولۇپ كەتتى،قايتۇرۇپ ئۇچۇر قىلسام تېلېفونىڭىزنى ئېتىۋاپسىز.خاپا بولماڭ ،بۇندىن كېيىن ئىشىڭىز بولسا سەل بالدۇرراق تېلىفون قىلارسىز! نازلانغان قىياپەتتە سۆزلىگىلى تۇردى ئۇ ،مەخمۇد مۇدىر نىمە بولغانلىقنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا قالدى. دەل موشۇ پەيتتە يەنە بىرى كىرىپ كەلدى،ئارقىدىنلا يەنە بىرى شۇنداق قىلىپ  تۆت -بەش چوكان كىرىپ كېلىشتى ۋە بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپلا قېلىشتى.
-ۋۇييەي مۇدىر ئاخشام شۇنچە كېچىدە ئۇچۇر يوللاپتىكەنسىز ،نېمە ئىشىڭىز بارئىدى؟ئالتۇن چىشلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى مەريەم چوقۇر.
قالغانلارمۇ  شۇنداق دەپ تەستىقلىشىۋاتقاندەك تېلېفونلىرىنى تۇتۇشقىنىچە ئۇنىڭغا تەلمۈرۈشتى.توۋا مەن قاچانلاردا بۇلارغا ئۇچۇر يوللىغاندىمەن ؟دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ.
-مەن ئۇچۇر يوللاپتىمەنما ؟ سورىدى پاتتىڭىغىچە قىزىرىپ تۇرۇپ.
-شۇنداق بولمايچۇ .
-ئۇنداق ئەمەستۇ ،باشقا بىرىدىن كەلگەن ئۇچۇر بولۇشى مۇمكىن دېدى،- مۇدېر ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە.
ـ ۋېييەي قارىمامدىغان ماۋۇ بالىنى ،نىمىگە خىجىل بولىسىز ،
-قاراڭ قىزىرىپ كەتكىنىڭىزنى بويتاق ئوغۇل-قىزلار بىر-بىرىگە ئۇچۇر قىلىشىدۇ، بۇ دېگەن نورمال ئەھۋالغۇ؟ قاراڭ سىزنىڭ تەمتىرەپ كەتكىنىڭىزنى، مانا بۇ سىز ماڭا يوللىغان ئۇچۇر ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ، چوقۇر ئايال تېلىفونىنى قولىدا تۇتقان پېتى ئۇنىڭغا  يېقىنلاشتى، قالغانلارمۇ شۇنداق قىلىشقا تەمشىلىشتى.
ـ كەچۈرۈڭلار !خاتا يوللاپ قويۇپتىمەن دېدى،- خىجالەت بىلەن ئۇ.
ـ بۇندىن كېيىن ئۇچۇر يوللىغاندا سەل ئويلۇشۇپ ئىش قىلارسىز،-دىگىنىچە ئالدىراپ سىرتقا ماڭدى، قالغانلارمۇ  مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈشكەن پېتى چىقىپ كېتىشتى. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ تېلېفونىنى ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدى. كەلگەن ئۇچۇردىن بىرىگە .
ـ سېغىنغان بولسىڭىز كېلىڭ! ئۇ كوماندىروپكىغا  چىقىپ  كەتتى، بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىدۇ جېنىم دەپ يېزىلغاندى. 

 


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315