مەن سىزگە تىگەي بولامدۇ؟

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 19:05
 

بىر قىز بار ئىدى، كىچىك ۋاقتىدا پۇتى ياخشى ئىشلىمىگەچكە ھەمىشە ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرۇپ باشقا بالىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرەتتى، ئۇلار بىلەن بىرگە ئويناشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى. نىمىدىگەن غېرىپلىق ھە! بىر يىلى يازدا قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە شەھەردىن تۇققىنى كەلدى، ئۇلار بالىسىنىمۇ ئالغاچ كەلگەنىدى، ئۇ بۇ قىزدىن بەش ياشلارچە چوڭ ئوغۇل بالا ئىدى. ئۇ بالىلار بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتى، ئۇلار بىرلىكتە تاغلارغا چىقتى، دەريا بويىغا بېرىپ سۇ چۈمۈلۈپ ئۇلارغا ئوخشاش ئاپتاپتا كۈيۈپ قارايدى، ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى. ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ قوپال گەپ قىلىشنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت مۇشۇ شەھەرلىك بالىلا بۇ مىيىپ قىزغا دىققەت قىلغانىدى.بالا بىرىنچى قېتىم ئۆزى تۇتىۋالغان يىڭناغۇچنى قىزنىڭ ئالقىنىغا قويدى، بىرىنچى قېتىم ئۇنى يۈدۈپ دەريا بويىغا ئېلىپ باردى، بىرىنچى قېتىم بۇ قىزغا ھېكايە ئېيتىپ بەردى، بىرىنچى قېتىم ئۇنىڭغا بۇ ئاغرىق پۇتىنىڭ ساقىيىپ ماڭالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىرىنچى قېتىم، قانچە ئويلاپ باقسا پەقەت شۇ بىرىلا ئىدى. قىز ئاخىرى كۈلۈمسىرىدى. ياز ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىتتا، بۇ شەھەرلىك بالا ئۆيىگە قايتماقچى بولدى. قىز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ ئۇنى ئۇزاتقىلى چىقىپ ئۇنىڭ قولىقىغا پىچىرلاپ:“ مېنىڭ پۇتۇم ساقايغاندىن كېيىن، سىزگە تىگەي بولامدۇ؟“ دېدى، بالا بېشىنى لىڭشىتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە 20يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ شەھەرلىك كىچىك بالا سەبى كىچىك بالىدىن يېتىلگەن ئوغۇل بالىغا ئايلاندى. ئۇ بىر قەھۋەخانا ئاچتى، يەنە تېخى بىر قىز بىلەن توي قىلىشقىمۇ پۈتۈشتى، تۇرمۇشى ناھايىتى ئاددى - ساددا ۋە خاتىرجەم ئىدى. بىر كۈنى ئۇ بىر تېلىفون قۇبۇل قىلدى، تېلېفۇندا بىر قىز ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇلايىم ھالدا ئۆز پۇتىنىڭ ساقايغانلىقىنى ئېيتتى. قىز شەھەرگە كەلدى، دەماللىققا يىگىت قىزنىڭ كىملىكىنى ئەسلىيەلمىدى. ئۇ ئاللىبۇرۇن بۇ يېزىلىق قىزنى، بالىلىقتىكى يېزىدىكى ھېكايىلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدى. قىسقىسى ئۇ بىر قىزغا، ئاجىزە مىيىپ قىزغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى. قىز ئۈندىمىدى. ھەممىنى ئىچىدە بىلدى. ئەمما يىگىت يەنىلا بۇ قىزنى قەھۋەخانىغا قارىشىپ بېرىشكە ئېلىپ قالدى، لېكىن قىز ئاخىرىغىچە سۈكۈت قىلىدىغاندەك قىلاتتى. يىگىت قىزغا ۋاقىت ئاجرىتالمايتتى، ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. تۇيۇقسىز ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى، قىز دوستىنىڭ بويىدىكىسى ئۇنىڭ بالىسى بولماي چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، توينىمۇ بىكار قىلدى، ھەممە قوپقۇرۇق نەرسىگە ئايلاندى، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى. سودىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ بۇ بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بۇ ۋاقىتلاردا ھېلىقى قىز ئۇنىڭغا باشتىن ئاخىر ھەمراھ بولدى. نۇرغۇن جاپالارنى تارتتى، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىمۇ ئۆگىنىۋالدى. لېكىن يىگىتكە بولغان مۇئامىلىسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىتنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، ئەمما قىزنىڭ قىلغانلىرىغا نىسبەتەن بولسا پەقەت رەھمەت ئېيتىش بىلەنلا چەكلەندى. ئۇ قەھۋەخانىسىنى قىزغا سوۋغا قىلىۋەتمەكچى بولدى، لېكىن قىز ئۇنىمىدى، يىگىت باشلىقلىق سالاپىتى بىلەن قىزغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇ بولغاچقىلا قەھۋەخانىنىڭ ئىشلىرى جايىدا مېڭىپ، كېسىلىنىڭمۇ ياخشىلىنىپ، كەيپىياتىنىڭمۇ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ بۇ قىزنى پەقەت بىر يېقىن دوستى ئورنىدىلا كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىز بولسا يەنىلا شۇنداق سۈكۈتتە ئىدى.  يىگىت قىزنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، قىسقىسى بەك قىزىقىپ كەتمىدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىر نەچچە يېڭى دوستمۇ تۇتتى، لېكىن بۇ ئىشلار ئۇزۇنغا بارمىدى. قىز بولسا يەنىلا شۇنداق بويتاق ئىدى. يىگىت قىزنىڭ چىرايلىقلىقىنى بىلەتتى، ئۇنى نەزىرى ئۈستۈن دەپ قارايتتى، ئۇنىڭغا قاراپ پەقەت كۈلۈپلا قوياتتى. ئاخىرى بىر كۈنى يىگىت پاسپورت ھەل قىلىپ چەتئەلگە مېڭىش ئالدىدا قىزغا قەھۋەخانىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدى، قىز قارشىلىق بىلدۈرمىدى، پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن قاراپ قويىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يىگىتنىڭ ياققا يۇرتلاردىكى سەرسانلىق تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولدى، ئەمما بۇ جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە ئۇ باشقىچە بىر دۇنيا قارىشىغا ئىگە بولۇپ كۆكسى قارنى باشقىچە كېڭەيدى. ئۆتمۈشتىكى ھەر خىل ئازابلىق ئەسلىمىلەر ئۇنتۇلدى، ئۇ شۇ مەزگىللەردە شۇنى ئويلاپ قالدى:“مەيلى ئاغرىق ۋاقتى ياكى ساق ۋاقتى بولسۇن، نامرات ياكى باياشات ۋاقتى بولسۇن، مەنىلىك ياكى مەنىسىز كۈنلەردە بولسۇن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھەمراھ بولغىنى، پەقەتلا شۇ قىز ئىدى“.ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى نورمالسىزلىشىشقا باشلىدى، قىزنىڭ سىماسى گويا ئۇنىڭغا ئەگىشىۋالغاندەك، ئەتراپىدا ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىۋاتقاندەك، شۇنچىلىك غۇۋا ھەم شۇنچىلىك ئىللىق ئىدى. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ يەتكەندە يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلدى. ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ قىزدىن قاتتىق تەسىرلەندى. مەيلى قەھۋەخانا بولسۇن ياكى ئۆيىدە بولسۇن ئۇنىڭ نەرسە كېرەكلىرى ئۆز جايىدىن قوزغالمىغان ئىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتكەندەك... يىگىت يۇقىرى ئاۋازدا قىزنىڭ ئىسمىنى چاقىردى، ئەمما جاۋاب يوق... قەھۋەخانىدا يېڭى بىر باشقۇرغۇچى خىزمەتچىلەرگە نازارەتچىلىك قىلىپ يۈرەتتى، بۇ نازارەتچى يىگىتكە قىزنىڭ چارچاش سەۋەبلىك ھالىدىن كېتىپ ئاغرىپ ئۆلۈپ قالغىلى يېرىم يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى. قەھۋەخانىنىڭ ئۇنىڭ تاپىلىشى بويىچە باشقۇرۇلغانلىقىنى ھەممىنى قىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى ۋە قىز قالدۇرغان نەچچە يۈز پارچە خەتنى ئېلىپ يىگىتكە سۇندى، خەتتە يېزىلغانلىرى قەھۋەخانىنى باشقۇرۇش ئىشلىرى، ئۆينى قانداق ساقلاش ۋە يىغىشتۇرۇش تەرتىپلىرى، يىگىتنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈش ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن باشقۇرغۇچى قىزنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى يىگىتكە تاپشۇردى، بىر يىڭناغۇچنىڭ ئەۋرىشكىسى يەنە بىر توپ ئۈن ئالغۇ لېنتىسى، بۇ قىزنىڭ ئۈلۈم ئالدىدىكى يۈرەك سۆزلىرى ئىدى... ئۈن ئالغۇ لېنتىسى ئىچىدىن قىزنىڭ تۇنۇش ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى ئاڭلاندى: سىزگە... تىگەي ...بولامدۇ...؟ 27يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ كىچىك بالىلاردەك ئاۋازلىق ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدى. ئۇ ھەممىنى چۈشەنگەندە، بىر قىزنىڭ پۈتۈن ھاياتى بىلەن ئۇنىڭغا بۇنداق ئاددى بىر جۈملە سۆزنى ئېيتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن .

 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315