مېنى كەچۈرەلەمسەن؟

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 15:32
 

-قىزىم ناشتىلىقىڭىزنى يەپ ئاندىن مېڭىڭ !!!
-بولدى ئاپا ،كېچىكىپ قالىمەن ...) 
-بالدۇرراق تۇرسىڭىز مۇشۇ ئىش يوق ، قىز بالا بۇنداق ۋاقچە قوپسا بولمايدۇ ...بەخىتسىز بولۇپ قالىدۇ،, rئاپامنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرنى ئاڭلىمايلا ماشىنىنى قوزغىتىپ كېتىپ قالدىم .
-ئۇھ !!ھەنېم بولسا دادام يوق، بولمىسا كۆزى بىلەنلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتى مېنى ،،،ئاللاغا چەكسىز شۈكرى ،،،خەپ بۈگۈندىن باشلاپ بالدۇر ئۇخلىمايدىغان بولسام ، يا روزا تۇتالمىدىم ،مەنمۇ ئادەممۇ ئەمدى ...# + y8 N
    شۇ خىياللار بىلەن دۇكانغا قانداق كېلىپ قالغىنىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن، قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىغىمۇ پەرۋا قىلماي ماللارنى ساناپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم . ئاندىن دۇكاندىكى قىزغا رەتلەپ ئېسۋېتىشنى تاپشۇرۇپ قويۇپ بىر نەرسە يېۋىلىش ئۈچۈن سىرىتقا ماڭدىم .تۇيۇقسىز كاللامغا ‹روزا ›دېگەن ئۇقۇم كەلدىدە قەدىمىمنى توختاتتىم 
-روزا تۇتماڭ بىر ، يەنە قانداق خىجىل بولماي سىرىتتا نەرسە يەيمەن ، تويە مانا ھۇرۇنلۇق قىلغانغا يۈر ئەمدى مۇشۇنداق يا روزا ئەمەس يا كوزا ئەمەس ...0 }, Y( K
    شۇنداق جاپا مۇشەققەتتە كەچ قىلدىم . كەچلىك تاماقنى قىزارماي ئولتۇرۇپ يېدىمدە ئاپامنى خاتىرجەم قىلىپ ماشىننى توختىتىش ئورنىغا ئەكىرىۋېتىپ كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم., 
    نېمە قىلشىمنى بىلمەي كوت - كوتۇمنى ئېچىپ ئۇنى - بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ قوشۇۋېلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرى كەلدى .
    ئىسمىنى غەلىتە ھەرپلەر بىلەن يېزۋالغان بۇ كىشىنىڭ ئارخىپىنى كۆرسەم نەلىكلىكىنىمۇ يازماپتۇ،
‹بوپتۇلا قاچىلاپ قوياي ،قارغاندا ماڭا ئوخشاش زېرىكىپ ئولتۇرغان بىرسى ئوخشايدۇ ~~› ئۇنى قاچىلىدىمدە چىشلىرنى چىقرىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسدىن بىرنى ئەۋەتتىم.  
-سەن كىمۇ ؟  سالام-سائەتسىز ھەم قوپال قايىتقان بۇ جاۋاپتىن بەك ھەيران قالدىم ھەم ئاچچىقىم كەلدى ..
-سەن كىمۇ ؟ئۆزۈڭ مېنى قاچىلاپتىكەنسەن ؟يەنە كىمۇ دەيسەنغۇ ؟ئادەممۇ سەن نېمە ؟. 
بۇنداق يەرلەردە ھەرگىز بوش كەلمەيتىم * 
---ئۇنىڭدىن ھىچقانداق جاۋاپ قايىتمىدى ..
‹ھالىنى بۇنىڭ ...نېمە نېرۋامغا تېگىدۇ ،ساراڭ ..› ئۇنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولدۇم ،لېكىن تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالغان توك مېنى ئۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزمىدى ..
    ئامالسىز يېتىشقا مەجبۇر بولدۇم ، "كۈنلىرىمنىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئۇ كۈنكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ..يەنە زېرىكلىشلىك مېنۇتلىرىم باشلاندى .كوت-كوتۇمنى ئاچتىم .تۇيۇقسىز ئەۋەتىلگەن بىر تال قىزىل گۈل دىققىتىمنى تارتتى ..قارىسام ئۆتكەنكى توڭ مۇز ساراڭكەن ..
    -كىمۇ سەن ؟  ئەلۋەتتە ئېسىمدە ئۆتكەنكى تاپشۇرۇپ ئالغان ئېچىنىشلىق جاۋابىم ،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇنىڭغا بۇ تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇردۇم ..
-دىلزات مەن ...سىزچۇ ؟
قايىتقان بۇ جاۋاپتىن سەل خىجىل بولدۇم ...
-ھە ؟؟؟؟
-كەچۈرۈڭ ، ئۆتكەندە قوپاللىق قىلىپ قويدۇم ...سەت بولدى ، كەچۈرۈم سورايمەن ..
    ھەي ، شۇنداق ئاق كۆڭۈل قىز تۇرسام مەن . شۇ زامات ھېلىقى ئاچچىقلىرىم نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى ..ئۆچكە يېغىدەك ئېرىدىم شۇ ھامان..
-ھېچقىسى يوق ...
-ئۇخلىماپسىزغۇ ،،مۇشۇ چاققىچە ...
-شۇ ،،زوھورلۇق تاماقنى يەپلا ئۇخلاي دېگەن، سىزچۇ ؟  
-مەنمۇ شۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىچكىرىدە تۇرىمەن . بۇ يەر 2 سائەت ئىلگىرى . 
-ھە ...ئوقۇمسىزما؟؟
-ياق ..بۇ يەردە تىجارەت قىلمەن ...رەختچىلىق قىلىمەن ...
‹رەختچىلىق ..ئىچكىرىدە ~~~ئەجىبا ئاتۇشلۇقمىدۇ ؟؟؟›كاللامغا كەلگەن بۇ خىيالدىن ئۆزۈم بىر خىجىل بولۇپ كەتتىم .
-بارمۇ..سىز  گەپ قىلىڭ .." 
-ھە ...بار مەن ...قەيەردىن بولسىز سىز ..؟
-ئاتۇشتىن ...
    كاللام چاقماق چاققاندەك بولدى ، يۈرىكىمدىكى كونا دەرتلىرىم قاتقېتىدىن بۆسۈپ چىقىپ مېنى ئازاپلاشقا باشلىدى ..
-كەچۈرۈڭ ،،مەن چۈشۈپ كەتتىم ، كۆرۈشەرمىز .
-نېمانداق بالدۇر ئەمدى .نېمە بولدى سىزگە ...
    ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرنى ئوقۇشقا ئامالسىز قالدىم .خۇددى بىرەرسى كۆرۈپ قېلىشتىن قورققاندەك كومپىيوتېرنى ئالمان –تالمان ئۆچۈردۈمدە ئورنۇمغا كېلىپ ياتتىم ...ئاسىي كۆز ياشلىرىم بۇيرۇقۇمغا بوي سۇنمىغان ھالەتتە ئېقىپ چۈشتى ،كۆڭۈل ئېكرانىمدا مەن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرگە مەڭگۈلۈك دەپنە قىلۋەتكەن ئۇنىڭ سىماسى قايتىدىن پەيدا بولدى .
‹بۇنداق قىلما دىلناز ، يەنە نېمىلەرنى ئويلاپ بۇنچە قايغۇرۋاتىسەن ، نېمىشقا ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ ،ئابدۇللا بىلەن بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمگە يىغلايسەن ، بەلكىم ئۇ سېنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەندۇ ؟؟
    شۇ خىياللار بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن .سەھەردە قوپسام بېشىم تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ ..
-دادىڭىز بۈگۈن قايتىدىكەن قىزىم ...
-ھە ...بىلىمەن .تۆنۈگۈن تېلېفون قىپتىكەن ، مەن ئايروپىلان ئىستانىسىغا چىقىمەن ..كېتىپ بارىمەن ..يەنىلا ئاخشامقى بىئارامچىلىقتىن مۇستەسنا ئەمەسمەن ..
    ‹مەيلى ئۇنى سېغنىپ تۇرۇپ ئۇنتامدىم ، تىللاپ تۇرۇپ ئۇنتامدىم ۋە ياكى قان ياش يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنتامدىم قىسقىسى ئۇ ئۇنتۇشقا تېگىشلىك بولغان ئادەم ، چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك ..
    شۇنداق قىلىپ دادام كېلىشى بىلەن تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ئالدىراشچىلىققا تولدى ، كوت-كوتۇمنىمۇ ئاچمايدىغان بولدۇم ..
بۈگۈن نېمىشقىدۇر ئىچىم سىقىلىپ قالدى ، يەنە شۇ كوت-كوتۇمنى ئېچىپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم ..
    ئېچىشىمغىلا دىلزاتتىن كەلگەن ئۇچۇرلار كۆزلىرىمنى ئالا چەكمەن قىلۋەتتى ..
    -سالام سىزگە ، ئەتىۋا قىز . بەك يوقاپ كەتتىڭىز ، مېنىڭ ئاتۇشلۇق ئىكەنلىكىمنى بىلىپلا نېمە بولدى سىزگە ؟؟ بولمىسا بۇ ئۆمرۈمدە سىزگە يامانلىق قىلغىنىم ھېچ ئېسىمدە يوق .. مەن چەتئەلگە ماڭدىم ، خېتىمنى كۆرسىڭىز ئەمدى ئادىمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولسىمۇ جاۋاپ قالدۇرۇپ قويۇڭ ، ئامان بولۇڭ ..
     -كەچۈرۈڭ ،ئۇ كۈنى سەت بولدى ،تۇيۇقسىز توك ئۆچۈپ قالدى ،شۇڭا تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتىم،تولىمۇ خىجىل مەن ..
    -ھاھا،،باركەنسىز ھە ،،ئەتىۋا ... 
    ئو ..باكەنغۇ بۇ ئاداش ، چالغان دېپىغا ئۇسۇلنى ھەجەپ كەلتۈرۈپ ئويناپتىمەن ،خەپ ..
    -نېمە يالغان سۆزلەيسىز ئەمدى ...
    -مۇشۇنداق دېمىسەم پەقەت گەپ قىلمايدىكەنسىز .ئەمەسمۇ ،،ھە راسىت ئىسمىڭىز نېمە ؟  
    -دىلناز ...ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئىسمىمنى دەپ سالدىم ..
    -ھەجەپ چىرايلىقكەن ..خۇددى ئۆزىڭىزدەك ، ئۈرۈمچىدىنما سىز ..
    -ھە .مېنىڭ چىرايلىق سەتلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز ئەمدى ..- 
    -كوڭجىيەندە رەسمىڭىز باركەن ، قۇلۇپلاپ قويماپتىكەنسىز شۇنىڭدىن كۆردۈم . بەك چىرايلىقكەنسىز ..
    -رەھمەت ...
    -خالىسىڭىز دوسىت بولۇپ قالايلى ،، -ئەلۋەتتە بولىدۇ ،،شۇنىسى سىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ ..
    -ھى ھى ..سەتمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز ...
    -ياق ..شۇ كۆرگۈم كېلىپ ..
    ئۇ بىر پارچە رەسمىنى ئەۋەتتى ،،رەسىمنى ئاچتىميۇ قاراپلا قالدىم ، ئېكراندا شۇنچىلىك چىرايلىق .كىينىشى تۇرقى مەن مەن دېگەن قىزلارنى بىر قىسىم قىلدىغان، يۈزلىرى قىز بالىدەك ئاق ئىشقىلىپ كەم ئۇچرايدىغان بىر يىگىتنىڭ رەسىمى تۇراتتى . قانچىلىك قاراپ تۇرۇپ قالدىم بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئۇنىڭدىن كەلگەن خەت مېنى ئەسلىمگە كەلتۈردى ..
    -بارمۇسىز ھەي ، ئاتۇشلۇقلىقىمنى ئاڭلاپ بىر يوقاپ كېتىپ ئاران تاپقان ..ئەمدى ئۆزۈمنى كۆرۈپ يەنە يوقاپ كەتسىڭىز قانداق تاپىمەن سىزنى ..
    -مەن بار ..بەك قاملاشقانكەنسىز ...ئەزەلدىن ھېچكىمنى بولۇپمۇ ئەر زاتىنى ماختىمايدىغان مەن نېمىشقىدۇر ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ئاساستا شۇنداق دەپ سالدىم .." 
    -ھا ھا ھا  توۋۋا دەڭە ..
    تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ رەسىمى ئەمەس بولسىچۇ دېگەن خىيال كاللامغا كەلدىدە ئۇنىڭغا ئېكرانلىق پاراڭلىشىشنى ئېتتىم ...ئۇمۇ دەرھاللا قوشۇلدى ..
    ئېكراننى ئېچىپلا ئۇنى كۆردۈم . خاتا ئەمەس ، رەسىمدىكى دەل شۇ يىگىت ، شۇنداق ئېغىر بېسىق ھەم يېقىملىق كۈلۈپ ئولتۇراتتى ..
    تۇيۇقسىز ئالدىراپ قىلغان قىلىقىمدىن سەل خىجىل بولدۇم . ئۇ ئېكراندا قۇلاق تىڭشىغۇچنى تاقىشىمنى شەرەت قىلدى .. 
-ھە ..گەپ قىلىڭە ..
    ئۇنىڭ ئاۋازى مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم يۈرىكىمگە ئاللىقانداق دەرتلەرنى تاشلاپ كەتكەن ئابدۇللانىڭ ئاۋازىغا شۇنچىلىك بەك ئوخشايتتى ..يۈرىكىم ئاغرىدى .
-ئاللا ،گەپ قىلىڭ دەيمەن ...
-نېمە دەيمەن ،،سىز گەپ قىلىڭە ..
-نېمانداق چىرايلىق ھەم ئوماق سىز ، ئاللا چىراينى ئايىماي بېرىپتىكەن .
-بەك ئاشۇرىۋەتتىڭىز .شۇنداق بولسىمۇ رەھمەت .ئاڭلىغىنىمدەك بەك ئوماقكەنسىز دىلناز ،-دېگەن بۇ گەپتىن ھەيران قالدىم ..
-نېمە دېدىڭىز ،،نېمە ئاڭلىغىنىڭىزدەك ...
-كەچۈرۈڭ ،دەپ سالدىم ،مەن سىزنىڭ ئابدۇللانىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، رەسمىڭىزنى كۆرۈپ بىر ئاغىينەم دەپ بەردى، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەلىلىك ، بىر چاغدا ئانامدىن ئابدۇللا تېگى غۇلجىلىق ئۆزى ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغان بىر قىز بىلەن يۈرۈپتىكەن ئانىسى ئۇنىماي ئايرىۋېتىپتۇ دېگەن، شۇ سىزكەنسىز .
    كۆز ئالدىمدا شۇ ۋاقىتتىكى كۆرنىشلەر تارتقان ئازاپلىرىم ،،تۆككەن كۆز ياشلىرىم پەيدابولدى ..
    -ھەي ھەي ،،يىغلىماڭ ..مەن شۇ بىلدىغىنىمنى دېدىم ..بىلسىز ئاتۇش كىچىك يۇرت ،ھەممىمىز تونۇشىمىز ...خاپا بولماڭ بولامدۇ ...
    -ياقەي ،،نېمىگە خاپا بولىمەن ،،بۇ يا يالغان بولمىسا ، رەنجىمىسىڭىز بۇ گەپلەرنى دېيىشمىسەك قانداق ...
-بولىدۇ ،بولىدۇ ...; 
    ‹بايۋەتچە ،يۈرە تاماققا چىقىمىز، زوھورسىز قالىسەن بولمىسا › تۇيۇقسىز ئۇنى بىر ئاغىينىسى چاقىرىپ قالدى ..
قارسام سائەتمۇ بىر يەگە بېرىپتۇ .
    -دىلناز ،،مەن تاماق يەۋالاي ، بولامدۇ ؟؟
    -بولىدۇ ، بايۋەتچە ،ئامان بولۇڭ ...
    -ئاللا بىلىۋاپسىز ھە قوشۇمچە ئىسمىمنى ، ھە راسىت تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەۋېتىڭە كەچكىچە تورغا چىقىپ ئولتۇرمايمىز ئىككىلىمىز تايىنلىق ..
    -13********    نېمە كارامەت ئەمدى بۇ ...مۇنۇ قوللىرىم كاللامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بېسۋاتامدۇ ياكى .. 
     -ئەمسە خوش تېلېفون قىلىمەن ...جىق ئويلىماي ئۇخلاڭ ھە ..زوھورلۇقنى يەپ بولۇپ ...
    -ماقۇل ،خۇداغا ئامانەت ...
    نېمە بولدۇڭ دىلناز .ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىشلار كۆرۈلۈۋاتىدۇ سېنىڭدا...كاللاڭنى سىلكىۋەت، ئېشەكمۇ بىر قېتىم پۇتى چۈشكەن يەرگە دەسسىمەيدۇ، ھەر قانچە بولسا ئېشەكچىلىك بولارسەن..بۇ بالا ئاتۇشلۇق ، يەنە كېلىپ ئابدۇللا بىلەن بىر مەھەللىدىن ، قانچىلىك ئاتۇشلۇققا ئۆزۈڭنى تونۇشتۇرماقچى سەن ..
  (داۋامى بار )

 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315