جەسەت ئوغرىسى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 15:24
 

جەسەت ئوغرىسى

بىر قىز ئىشتىن چۈشكىچە كەچ بولۇپ كېتىپتۇ . قاراڭغۇدا قورقۇپ مېڭىۋاتسا ،
كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قىز نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە 
قاراپ يۈگۈرۈپتۇ ، ھېلىقى كىشىمۇ كەينىدىن تەڭ يۈگۈرۈپتۇ . قىز بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ - دە :
- دادا قەبرە ئىشكىنى ئاچە ، ئاچقۇچ ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن - دېيىشىگە ،
ھېلىقى كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان كىشى بەدەر قېچىپتۇ . قىز 
ئۇھ دەپ تۇرىشىغا ، قەبرىدىن :
- يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن - دە ، كىرە ئۆيگە - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ .
قىز ئالدى  - كەينىگە قارىماي بەدەر قېچىپتۇ . ئەسلىدە قەبرىدىكى جەسەت 
ئوغرىسى ئىكەن . ئۇ قولىغا گۈرجىكىنى ئېلىپ قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا ،
ياندىكى قەبرىدىن :
- كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقىچە تىزراق ئىشىڭنى قىلە گۇي ، ما قەبرىدە
ياتقىلى 80 يىل بولاي دېدى . سېنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى . - دېگەن
ئاۋاز كەپتۇ . قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن ھوشىدىن كېتىپتۇ . قەبرىدىن بىرى
كىيىملىرىدىكى توپا - چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنىچە چىقىپ :
مەندىن ئىش تالاشقانغا توي - دەپ ، ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا ،
يىراقتىن دوڭ ، دوڭ ، دوڭ... قىلغان ئاۋاز كەپتۇ.قورققۇنىچە بېرىپ قارىسا
بىر قېرى بوۋاي قەبرە تېشىدىكى خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ .
ھېلىقى جەسەت ئوغرىسى لاغىلداپ تىترەپ تۇرۇپ : 
- بوۋا ، نېمە ئىش قىلىۋاتىلا ؟-دەپ سوراپتۇ.بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇقويماي : 
- ماۋۇ بەغرەزلەرنى يىمەي - ئىچمەي باقساممۇ ، قەبرە تاشقا ئىسمىمنى 
خاتا يېزىپ قويۇپتۇ . شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كېلىپ تۈزىتىپ قويمىدى .
بۈگۈن ئاچچىقىمدا تۈزىتىۋېتەي دەپ قەبرىدى چىقىشىم - دەپتۇ.
ھېلىقى جەسەت ئوغرىسى تىكلا چۈشۈپتۇ.


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315