مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارىغۇ 1- قىسىم ( ھىكايە )

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 15:21
 
تاغ تەرەپتىن گۈركىرەپ سوقۇۋاتقان سوغوق شامال قەبرىستانلىقتىكى تۇغ - ئەلەملەرنى ئېچىنىشلىق تىترىتەتتى . بۇ يەرگە كېلىپ قالغان ئادەملەرنى ئىختىيارسىز قورقۇنچ بېسىپ يۈرىكىمۇ ئاشۇ تۇغ - ئەلەملەردەك تىترەپ كېتەتتى. ئاشۇ قەبرىستانلىقتىكى توپا يۆلەپ قۇيۇلغان قەبرە ئالدىدا بىر ئانا بۇقۇلداپ يىغلىماقتا. يۈرىكىدىكى ھەسرەتلىرىنى ئاشۇ قەبرىگە سىڭدۈرمەكتە. قەبرە ئاستىدا ياتقان ئوغلىغا قەلبىدىكى بارلىق ھېسىياتىنى ئۆكسىگىنىچە بايان قىلماقتا. شامال گۈركىرىمەكتە، قاياقتىندۇر لالما ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا... ئانىنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ گويا يۈرىكىنى بېسىپ ياتقان پۇشايمىنىنى كۆز يېشى بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلايتتى. يىراقتىن بالا كۆتۈرۈۋالغان بىر ياش چوكان ئانىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنى يۆلەشتۈرگىنىچە قەبرىلەر ئارىسىدىكى تار چىغىر يول بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئانا بارغانچە كەينىدە قېلىۋاتقان قەبرىگە قىيمىغاندەك كەينىگە بۇرۇلۇپ – بۇرۇلۇپ قاراپ قويۇپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتاتتى. يول ياقىسىدىكى دەل - دەرەخلەرمۇ ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك ئاستا لىڭشىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ سىماسى بارا - بارا كۆزدىن غايىب بولدى . 
    ئاۋغۇستنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. شەرقتىن بالقىغان قۇياش كائىناتقا ئۆزىنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى. ئۇنۋېرستىتتىكى كۆل بويىدا بىر قىز جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىۋاتاتتى. كەينىگە تاشلاپ بىرلا بوغۇلغان چېچى ۋە ھالرەڭ ئۇزۇن كۆڭلىكى ئۇنى بەئەينى كېپىنەككە ئوخشىتىپ قويغانىدى. چىرايى خۇددى قاشتېشىدەك سۈزۈك، قاپقارا كۆزلىرىدىن نۇرلار ياغاتتى. چاقناپ تۇرغان كۆز قارىچۇقلىرى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، كاماندەك قاشلىرى جانلارنى مەھلىيا قىلاتتى. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، قىز ئوقۇۋاتقان كىتابىنى قاتلاپ ئورۇندۇق ئۈستىگە قويدى - دە، چىرايلىق بېشىنى سەل قىڭغايتىپ ئۇزاقتىن - ئۇزاق خىيالغا چۆمدى. دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا ئىككى قۇچقاچ تىنماي ۋىچىرلاشماقتا ئىدى. بىر چاغدا قىز ئورنىدىن تۇردى ۋە دەرەخلىك ئارىسىدىكى خىش ياتقۇزۇلغان تار يولدا رىتىملىق مۇزىكا پەيدا قىلىپ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يولغا ئالدى . 
   - سىزنىڭ... كىتابىڭىز ئۇنتۇلۇپ قالدى!
   قىسقا، ئەندىككەندەك ئاۋاز قىزنى توختاتتى. ئۇ نازاكەت بىلەن قايرىلدى ، چىرايىغا قىزىللىق تەپتى . 
   - رەھمەت سىزگە !- قىز شۇنداق دىگىنىچە يىگىتكە قاراپ كۈلۈمسىرىدىيۇ، يىگىتنى نەدىدۇر كۆرگەندەك ھېس قىلدى. يىگىتنىڭ گەدىنىنى يېپىپ تۇرغان قارا چېچى، چېكىلگەن يارىشىملىق بۇرۇتى، چاچراپ تۇرىدىغان قوڭۇر كۆزى ، ئۇچۇپ كېتىۋاتقان سانى ئەسلىتىدىغان ئەگمەچ قاشلىرى قىزغا شۇنچىلىك تۇنۇش بىلىنىۋاتاتتى . 
   - سىز قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇيسىز ھە؟- دەپ سورىدى يىگىت خۇددى قىزنىڭ خىيالىنى بىلىۋالغاندەك.
   - ھەئە، سىز مېنى تونۇمسىز؟
   - شۇنداق ، مېنىڭ بىر يېقىن ئاغىينەم سىلەرنىڭ سىنىپتا ئوقۇيدۇ. شۇنى ئىزدەپ سىنىپىڭلارغا نەچچە قېتىم بارغان. شۇ چاغدا سىزنىمۇ كۆرگەن. 
   - ھەئە ، ئەسلىدە يىگىتنىڭ تۇنۇش چىراي كۆرۈنگىنى بىكار ئەمەسكەن - دە ،- دەپ پىچىرلىدى قىز كۆڭلىدە .
   - ئىسمىڭىزنى بىلسەم بۇلامدۇ؟- دەپ سورىدى يىگىت. 
   - زاھىرە،- دېدى قىز چېچىنى ئۇياتچان قىزلارغا خاس بىر ناز بىلەن تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇپ.
   - مېنىڭ ئىسمىم ئەكرەم، چەتئەل تىللىرى فاكۇلتىتىدا، سىزدىن بىر قارار يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيمەن. سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمغا خۇشالمەن،- يىگىت سۆزلىگەچ قولىنى قىزغا ئۇزاتتى، قىزمۇ تارتىنىپقىنا قولىنى سۇندى. ئاشۇ دەقىقىدە قىزنىڭ يۇمشاق ئالقىنىدىن ئاجايىب بىر ھارارەت تاراپ يىگىتنىڭ يۈرىكىنى جىغىلداتتى. 
ئۇلار ئەنە شۇنداق تونۇشۇپ قالدى. ھەئە،  شۇ ئىشتىن كېيىن پات - پات كۆرۈشۈپ تۇردى. بۇ ئەكرەمنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئاخىرقى يىلى بولغاچقا، زاھىرە دەرستىن چۈشسىلا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، كۈنلىرىنى كۇتۇبخانىدا دەرس تەكرارلاش بىلەن ئۆتكۈزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى. ئەكرەم زاھىرەنى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىشقا پۇرسەت ئىزدەيتتى. شۇنچە پىنھانلىقتا ساقلاپ كەلگەن، يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىقىدا تۇرىۋاتقان تۇنجى سۆيگۈسىنى چىچەكلىتىشنى، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئىستەيتتى.    زاھىرەنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن قانداق ھېسىياتتا بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولاتتى. بىراق، ئۇنىڭ پەرۋاسىز، سېھرىگەر كۆزلىرىدىن ھېچنىمىنى ھېس قىلالماي قىينىلاتتى. ھەرقېتىم ئېغىز ئاچاي دېگەندە ئۇنىڭ مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىگە بىرلا قارىسا ئىشەنچىسىنى يوقىتاتتى . 
   بۈگۈن ئۇلار مۇزاكىرىنى بالدۇرلا تۈگىتىپ ئىككىسى تۇنجى رەت تونۇشقان كۆل بويىغا كەلدى. تولۇنئاي ئەتراپنى سۈتتەك يورۇتۇپ تۇراتتى، يۇلتۇزلار بولسا ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتاتتى. مەيىن شاماللار زاھىرەنىڭ يۈزلىرىگە سۆيۈپ نىمىلەرنىدۇر شىۋىرلىشاتتى. كۆلمۇ جىمجىت ئۇيقۇغا چۆمگەن ئىدى، ئۇلار كۆل بويىدىكى ئۇزۇن تاش ئورۇندۇقتا خېلى ۋاقىتقىچە ئۈن - تىن چىقارماي كۆلگە قارىشىپ ئولتۇرۇشتى. ئاخىرى ئەكرەم غەيرەتكە كېلىپ سۆز باشلىدى: 
   - زاھىرە، سىز ھازىرغىچە بىرەر يىگىتنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ؟
   - سىزچۇ ئەكرەم،- قىز يىگىتنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى . 
   - شۇنداق، ياخشى كۆرۈپ باققان.
   - ئارزۇيىڭىزغا يىتەلىدىڭىزمۇ؟
   - ياق، تېخى ئۇ قىزغا ئاشكارىلاپ باقمىدىم.
   -مەن تونۇيمەنمۇ؟ نىمە ئۈچۈن قىزغا مۇھەببىتىڭىزنى ئىزھار قىلمىدىڭىز؟ 
   -تونۇيسىز زاھىرە، ئۇ قىز مېنىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلەمدۇ- يوق، ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم. ئەمما خېلى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇ قىزنى غايىبانە ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. 
   - ئۇ قىزغا كۆڭلىڭىزنى ئاشكارىلاشقا جۈرئىتىڭىز يوقكەندە ؟
   - ئۇنداقمۇ ئەمەس، پۇرسەت كۈتتۈم شۇ. ئۇنى قايىل قىلىپ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندە ئاندىن ئېغىز ئېچىشنى ئويلاشقانىدىم. 
- قىزنىڭ مايىللىقىنى سۈكۈتتە تۇرۇپ قولغا كەلتۈرىمەن دېسىڭىز ئۇ قىزنى ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ قويىسىز ئەكرەم ، ئوغۇلبالا دېگەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىشى كېرەك . 
زاھىرەنىڭ سۆزلىرى ئەكرەمنىڭ ئەسلىدىنلا تىترەپ تۇرغان يۈرىكىنى تېخىمۇ قوزغىۋەتتى. بۇ سۆزلەر خۇددى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى .قانداق بولۇپ زاھىرەنىڭ قولىنى تۇتىۋالغانلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمەيلا قالدى . 
- بىلسىڭىز ،ئۇ قىز دەل - سىز !سىزنى تۇنجى كۆرگەندىن باشلاپ ياخشى كۆرۈپ قالدىم .بارغانسىرى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن ،مۇھاببىتىمگە جاۋاب بېرىڭ زاھىرە ، مېنى سۆيگۈ قاينىمىدا يالغۇز تاشلىۋەتمەڭ .مەن سىزگە چىن دىلىمدىن شۇنداق ۋەدە بىرىمەنكى ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە بىر سىزنىلا سۆيىمەن ...- ئەكرەم ھاياجانلانغېنىدىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. 
- مەن ...مەن ...- زاھىرە دۇدۇقلىغىنىچە گەپ قىلالماي قالدى .بىراق ئۇ ئەكرەمنىڭ ئالقىنىدىكى قوللىرىنى تارتىۋالمىدى. زاھىرە ئەسلىدە ' مەنمۇ سىزنىڭ پاك -سەمىمىي قەلبىڭىزنى ،ھەققانىيەتنى سۆيىدىغان قەيسەر ئىرادىڭىزنى ، ئۆزگىچە خارەكتىرىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن ' دېمەكچىدى، بىراق قىزلىق غورۇرى بۇلارنى دېيىشكە يول قويمىدى . ئۇ پەقەت جاۋاب تەرىقىسىدە ئەكرەمگە قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى چاقناۋاتقان ئۇچقۇندىن قەلب نىداسى ئايان بولدى . 
- رەھمەت زاھىرە، رەھمەت ! مەن سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىمەن !
ئەكرەم شۇنداق دېگىنىچە زاھىرەنى باغرىغا باستى .ئۇنىڭ يۈرىكى زاھىرەنىڭ يۈرىكى ئۈستىدە سوقاتتى .مەڭزىدىكى ئاتەش يۈزلىرىنى ئۆرتەيتتى . دىماقلىرىغا دىللارنى مەھلىيا قىلغۇچى خۇشپۇراقلار ئۇرۇلاتتى . زاھىرەنىڭمۇ يۇمران ۋە ئىللىق ۋۇجۇدى ئەكرەمنىڭ باغرىدا شىددەتلىك ۋولقان بۇلۇپ ياناتتى ...ئۇلار شۇ تەرىزدە خېلى ئۇزۇن تۇرۇشتى .بىر ھازادىن كېيىن زاھىرە ئۇيقۇدىن چۆچۈگەندەك : 
- قايتايلى ئەكرەم ، ياتاقنى تاقايدىغانغا ئازلا قالدى ،- دېدى .
-يۇلتۇزلۇق كېچە نەقەدەر گۈزەل ھە ! ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ كەلگۈسىمىزمۇ مۇشۇنداق گۈزەل بۇلىدۇ ،-دېدى ئەكرەم ئاستاغىنە پىچىرلاپ . 
-ئاللاھ بەختىمىزنى بېرەر ئەكرەم ...-زاھىرە يەنە نىمىلەرنىدۇ دېمەكچىدى ، بىراق ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ گېپىنىڭ داۋامىنى يۈتۈۋەتتى . 
-تېز بولۇڭ ئەكرەم ، ياتاقنى تاقايدىغانغا ئازلا قاپتۇ ، چاپسان قايتايلى ،- دېدى ئۇ نازۇك بېلىكىدىكى سائىتىگە قاراپ . ئۇلار بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ كۈمۈشرەڭ ئايدىڭلىققا چۆمگەن يولدا گويا بىرى كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك يۈگۈرۈشكىنىچە ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى ... 
قاينام تاشقىنلىق سىتۇدىنتلىق ھاياتىغا يېڭى مەنا قۇشۇلۇپ ، بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھاببىتى تېخىمۇ قۇيۇقلىشىپ بارماقتا ئىدى . ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى . ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ئاساسەن دەرسخانا ، كۇتۇبخانا ، ياتاق ئارلىقىدا ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۈتۈپ كېتىۋاتاتتى . ئۇنۋىرستىت ھاياتى ئۇلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇردى. كىمكى ھاياتنىڭ ئەگرى -توقاي يوللىرىنى راۋان بېسىپ ئۆتىمەن ، ئادەمدەك ياشايمەن دەيدىكەن داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىشى ، توسقۇنلۇقلاردىن ، جەبىر -مۇشاقەتلەردىن دادىللىق بىلەن ئۆتىشى كېرەك . ھەش -پەش دېگۈچە ئەكرەم ئوقۇشىنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تاماملاپ يۇرتىغا قايتماقچى بولدى . زاھىرە يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرەتتى . 
سۆيگەن يىگىتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى ئاشۇ زاھىرەگە ئوخشاش ئايرىلىش ھىجرانىنى تېتىغانلارلا تۇللۇق چۈشىنەر بەلكىم . گەرچە بۇ ۋاقىتلىق ئايرىلىش بولسىمۇ ھەرئىككىلىسىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى . ئۇلار تۇنجى سۆيگۈسىنىڭ باشلىنىش قەدىمى بولغان كۆل بۇيىغا بېرىپ ، بىر-بىرىگە قېنىشماي ، بۇنداق ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغاچقا ، تەقدىرنىڭ ئۇلارغا قىلغان بۇ ئازابىدىن زارلىنىپ تۇراتتى . زاھىرەگە قاراپ ئەكرەمنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بۇزۇلدى.-بولدى يىغلىماڭ جېنىم زاھىرە ...سىز يىغلىسىڭىز مىنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدىكەن ،- دېدى ئەكرەم زاھىرەنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ .-بىلەمسىز ئەكرەم ...مىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم سىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىدى ، سىزدىن ئايرىلىپ قانداق ئوقۇيمەن ، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن....-زاھىرە تېخىمۇ بۇغۇلۇپ كەتتى .- ياق زاھىرە ، بۇ پەقەت ۋاقىتلىقلا ئايرىلىش. بىز پات يېقىندا يەنە كۈرىشىمىز ئەمەسمۇ ، سىز ئوقۇشىڭىزنى پۈتتۈرگىچە مەن سىزنى ساقلايمەن ، ئوقۇشىڭىز پۈتكەن ھامان تۇيىمىزنى قىلىۋالىمىز ، بىزنى ھېچكىم ئايرىۋىتەلمەيدۇ ، مەن سىزنى سۆيىمەن ...ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە سۈيىمەن . ماڭا ئىشىنىڭ گۈلۈم ، مەن سىزنى ساقلايمەن !-ئەكرەم شۇنداق دەپلا زاھىرەنى ئۆزىگە تارتىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.مۇھەببەتلىك لەۋلەر بىر -بىرىگە چىڭ جىسىپلاشتى ، ئاي ئۇلارنى كۈرۈپ خىجىل بۇلۇپ ئۇماق جىلمايدى .شۇنداق قىلىپ ئەكرەم بەش يىللىق ھايات ئىزنالىرى ، نۇرغۇن تاتلىق ئەسلىمىلىرى ، خۇدى چۈشكە ئوخشاش گۈزەل مۇھەببەت كۈيلىرىنى ياڭراتقان مەكتىپىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قاراپ يول ئالدى . زاھىرە كۆز ياشلىرىنى يۇم -يۇم تۈكۈپ ئەكرەمدىن ئايرىلدى ، ئەكرەممۇ ئۇنىڭغا ئەڭ ساپ ، پاك بولغان ۋەدىلەرنى ، بەخىتلەرنى تىلىدى . 
ئەكرەم ئۆزىنىڭ ئوقۇغان كەسپىگە ئاساسەن ساياھەت ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىندى. ئۇ ئىشقا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنىڭ تەشكىللەش جەھەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئىستىقباللىق ياشقا ئايلاندى . 
'بۈگۈن يەكشەنبە ، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكتىم . خۇددى سىز ئۇچراپ قالىدىغاندەك كوچىغا چىقىپ نىشانسىزلا ئايلاندىم . ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ چوڭ شەھەردە ئالدىراش پېتى مىغىلداپ كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا مەن يەككە -يىگانە . ئوقۇشۇم تېزراق پۈتسە دەپ كېچە -كۈندۈز خىيال قىلىمەن . بەزىدە ئوقۇشتىن بىزار بۇلۇپمۇ قالىمەن . بىراق، يەنە تېزلائۆزۈمگە قايتىمەن ، دائىم ئەقىل بىلەن ھىسىيات ئارىىسدا مانا شۇنداق تېڭىرقايمەن. سىز مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم ، سىز بولسىڭىزلا مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن ، سىز مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .'زاھىرە چىن يۈرىكىدىن چىققان ،سېغىنىشلىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان خەتنى يېزىپ بۇلۇپ ، ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى . شۇئان ئۇنىڭ مەمنۇنلۇق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان گۈزەل چېھرىدە چىرايلىق زىناق پەيدا بۇلۇپ ، بۇ گۈزەل قىزنى تېخىمۇ ئوماق تۈسكە كىرگۈزۋەتتى .زاھىرە تەتىل ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ ، ئەكرەمنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ بىر نەچچە ھەپتىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، ئاخىرى تاقەت قىلالمىدى . خەتنى چىرايلىق قاتلاپ ، كونۋىرتقا سالغاندىن كىيىن كۈندىلىك ئادىتى بۇيىچە ياستۇقنىڭ ئاستىغا سېلىپ قويغان نەرسىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى . بۇ - ئەكرەمنىڭ بەش سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمى ئىدى . زاھىرە رەسىمگە ئۇزۇندىن -ئۇزۇن قارىدى ، رەسىمدىكى كۆزلەر ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك تىكىلىپ تۇراتتى . بۇنىڭدىن سېغىنىش ئوتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كۆزلىرىگە ياش ئەگىدى . بەزىدە گۈزەل ئەسلىمىلەرگە چۈمۈلۈشمۇ ، ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بىرسىنى سېغىنىشمۇ مۇشۇنداق ئازاب ئىكەن . زاھىرە رەسىمگە سىنچىلاپ تىكىلگىنىچە ، رەسىمنى ئىختىيارسىز لەۋلىرىگە ئەكەلدى . خۇددى....خۇددى ئەكرەمنىڭ تۇنۇش ، شىرىن ھىدلىرى كەلگەندەك بۇلۇپ ... زاھىرەنىڭ لەۋلىرى تىترىدى ، ئەمما رەسىم بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە مۇز ئويۇپ قالغاندەك ئەندىكىپ توختاپ قالدى ، ۋۇجۇدى مۇزلىغاندەك بولدى . ئاھ مۇھەببەت ، ئاھ سېغىنىش ...ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى زاھىرەنى ئازابلىق ھەم شىرىن خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقتى . ياتاقدىشى رەنا بىر قۇلىدا تاماق قاچىسى ، يەنە بىر قۇلىدا چايداننى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى .ئۇ زاھىرەگە قاراپ :<<ھەي ،دەردى بار ساراڭ >>دەپ كۈلۈپ قۇيۇپ شىرە يېنىغا باردى . قۇلىدىكى تاماق قاچىسىنى شىرە ئۈستىگە قۇيۇپ ، كۇرۇشكىلارغا قايناق سۇ قويدى .-تاماق يىدىڭمۇ ؟-دېدى ئۇ زاھىرەگە قاراپ ،-كەل ، تاماق يىمىگەن بولساڭ بىللە يەيمىز .زاھىرە پەرىشان ھالدا بېشىنى چايقاپ قويدى ، رەنا ئارتۇق تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى. زاھىرەمۇ ئۆز خىيالى بىلەن ئولتۇرۋەردى.- زاھىرە ،ئۇنداق ئاھ چىكىپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق ،-دېدى رەنا ،-سېنىڭ <<ئاھ>>لىرىڭنى بەرىبىر ئۇ ئاڭلىيالمايدۇ . كېلىپ بۇ بىچارە ھالىتىڭنىمۇ كۆرمەيدۇ. <<سېغىنىشتىن يۈرىكىگە تەسىر قىلىدۇ .>>دەپمۇ ئويلىما . بۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭنى قىيناشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ . ماڭا باشقىچە قارىما ، شۇنداق جاھان بۇ ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ئايرىلىش ھامان بۇلۇپ تۇرىدۇ . بىر يىل ۋاقىت بەك ئۇزۇنمۇ ئەمەس ، مەكتەپكە كىلە -كەلمەي بۇنچە سېغىنىپ كەتسەڭ كىيىن قانداق قىلەرسەن ؟...زاھىرە رەناغا ھەقىقەتەن ھەيران قالدى ، ئەتىدىن -كەچكىچە ئولتۇرۇش دەپ گىرىم قىلىپ يۈرۈيدىغان بۇ قىزنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىشىنى ھەرگىز كۈتمىگەنىدى، ياق ئويلىمىغانىدى. زاھىرە <<بۈگۈن رەناغا نىمە بولغاندۇ ؟..>>دىگەندەك قىلىپ ھەيرانلىق بىلەن بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ئورنىدىن تۇرۇپ شىرە تۈۋىگە ، رەنانىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى .- بەللى ئاداش ،-دېدى رەنا يەۋاتقان تاماق قاچىسىنى زاھىرەنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ،-بىر ياتاقتا ياتقىنىمىزغىمۇ بەش يىل بۇلاي دېدى . ئەكرەم يۇرتىغا كەتكەندىن بېرى قاچانلا قارىسام شۇنداق مەيۈس يۈرۈيسەن ،بۇنداق يۈرۈپ نىمىگىمۇ ئېرىشەلەيتتىڭ ، تېخى تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپسەن ....زاھىرە شۇندىلا قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ تازا ئوخشىغان پولونى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى.-ئاداش ،-دېدى زاھىرە تاماقنى يەپ بۇلۇپ ، ئەينەككە قاراپ چاچلىرىنى تاراۋاتقان رەناغا قاراپ .-ئوۋ...-رەنا ، سەنمۇ مۇھەببەتلەشكەنمۇ ؟-قويە ئاداش مۇھەببەتلىشىش دىگەننى ، بىلسەڭ مەن ئىككى قېتىم يۈرۈپ ، ئوغۇللاردىن جىق زەربە يىگەن . يىگىتلەردىن ئاسانلىقچە ۋاپا كەلمەيدۇ . بىرىنچىسى بىلەن ئارلىشىپ بىر يىل بۇلاي دىگەندە ، باشقا بىرىنى تېپىۋىلىپ كۆڭلۈمگە ئازار بەردى ، يەنە بىرسى ، ئۇنى سەنمۇ تۇنۇيسەن . ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىكى كېرەم . ئارلىشىپ بىر ئاي ئۆتە -ئۆتمەيلا يۇرتدىشى زۆھرە بىلەن يۈرىۋالدى . ۋاي ، نىمە دەي ...سەتلىكىنى ئۇ نىمىنىڭ . شۇ ۋاقىتتا قانداق بۇلۇپ يۈرۈپ قالغان بولغىيتتىم ؟!...تازا غەلىتە ئىكەنغۇ ، بۇنداق ئادەملەردە ھەقىقىي مۇھەببەت ھىسىياتى نىمە ئىش قىلسۇن ،-دەپ ئويلىدى زاھىرە ، ئۇنىڭ يىگىتلەر ھەققىدىكى گېپىگە رەددىيە بەرمەكچى بولدىيۇ ،-شۇنداق ئىكەن ،ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەننىڭ نىمە پايدىسى ...-ھەي ،-دېدى رەنا ئېغىر خۇرسىنىپ ،-ساڭا ھەيرانمەن ، ئەكرەمنى بەكلا ياخشى كۆرىسەن ، دەردىڭنى ئوبدان بىلىمەن . بەزى كېچىلىرى تېخى<<ئەكرەم >>دەپ جۆيلۈيسەن ...لىكىن ئالىمادىس بىر ئىش بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلالمىساڭ قانداق قىلىسەن ؟؟بۇ گەپ زاھىرەنىڭ يۈرىكىگە ۋاششىدە تەگدى . ھەي مۇھەببەت ، ھەي مۇھەببەت ، ھەر يۈرەكتە بايرىقىڭ ئۆزگىچە لەپىلدەر ...<<يامان ئاغزىڭغا خۇدايىم بالا بىرە ، نىمانداق گەپلەرنى قىلىدۇ بۇ ساراڭ . بۇنداق ئادەملەرگە دەرت تۈكۈپ ئۆزۈممۇ ساراڭ >>زاھىرە كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ ، رەناغا ئاچچىقى كىلىپ ئالىيىپ قاراپ قويدى . رەنا پەرۋاسىز ھالدا گىرىم قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى .زاھىرە ئەكرەمگە يازغان خەتنى تېزراق سېلىۋىتىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا قاراپ ماڭدى . ئەكرەم يادىغا كىلىۋىدى ، بايا رەنا دىگەن گەپلەرنى ئويلاپ يۈرىكى ئېچىشتى .' بولدى ، ئەمدى مۇھەببەت قاينىمىغا چۈكۈپ يۈرمەي ياخشى ئوقۇيمەن .' دەپ ئويلاپ باشقا نەرسىلەرنى خىيال قىلىشقا تىرىشتى . بىراق ، ئەكرەم ئۇنىڭ خىيالىغا يەنە كىرىۋالدى . ئەكرەم بىلەن ئۆتكەن گۈزەل مىنۇتلارنى ئويلاپ ، تۇرۇپلا يىغلىغۇسى كەلدى ، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىشىپ ئايرىلىشقاندىمۇ نەملەشمىگەن بۇ كۆزلەرگە لۆممىدە ياش كەلدى ... 
كۈنلەر بىر -بىرنى قوغلاپ ئۈتۈشكە باشلىدى 
داۋامى بار....
ئاپتۇرى؛ئەزىز ئىمىر يانغىن 
مەنبە:ئىز تورى
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315