زەھەرلىك‹‹گۈل››

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-16 12:17
                                                                      <<نەسىر>> 

جېنىم سەن ئاشۇ مېھىرلىك كۆزلېرىڭنى بۈگۈن مەندىن تۇيۇقسىزلا ئۈزۈپ كېتىپ قالدىڭ.مەن سېنىڭ شۇ شېرىن سۆزلېرىڭگە،شۇ جامالىڭغا تەشنا ئىدىم.لېكىن مېنىڭ بۇ يۈرۈكۈم تارىسى يوق مۇزىكىغا ئوخشاش مۇزىكا چالالماي قالدى.چنكى سەن بۇ نازۇك تارىمنى چېكىپ قويۇپ 
ئۈزۈپ تاشلىدىڭ.<<ۋايجان!>>دەپلا كەينىڭدىن قاراپ قالماقتىن باشقا ئامال مەندە بولمىدى. 
سەن كۆڭلۈمنى ئالمىچىلىك كۆرگەن بولساڭ ئىدىڭ،مەن ئۆلۈش ئالدىدا ھەممىدىن رازى بولغان ھالەتتە بۇدۇنيادىن خوشلاشقان بولاتتىم. 
لېكىن سەن ئەمدى ئۇنداق قىلمايسەن،ھەم مەڭگۈ،مەڭگۈ ئۇنداق قىلالمايسەن.چۈنكى سەن يەنە بۇرۇنقى ئوسۇلۇڭ بويىچە يەنە باشقىلارنىڭمۇ يۈرەك تارىنى چەككىلى كەتتىڭ.كىم بىلىدۇ،ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئازاپلىق ئوكيانىدا لەيلەپ يۈرەمدۇ. 
سەن قاچانمۇ شۇنداق<<زۇلمەتلىك>>ئىشلاردىن قول ئۈزەرسەن؟باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش گۈلگە تەشنا بۇلبۇلدەك،سۇغا تەشنا گۈلدەك،يۇرۇقلۇققا ئۆزىنى ئاتقان پەرۋانىدەك....تەشنا بولۇپ ئازاپتا قالارمۇ؟ 
سەن ھەقىقەتەن رەزىل ئىكەنسەن،مەن ئويلىغاندىنمۇ بەك رەزىللىككە تولۇپسەن. 

جېنىم سەن مېنى تاشلاپ كەتكەندە،مېنىڭ گۈلخان يېنۋاتقان قەلبىمنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ياق<<جېنىم>>ئويلىمىدىڭ. 
ياق،ياق سېنى ئەمدى جېنىم دىمەسلىكىم كېرەك.چۈنكى سەن مېنى خاراپلىق كوچىسىغا ئىتىرۋەتتىڭ.ياق!مەن خاراپلاشسام بولمايدۇ. 
ئەكىسچە خوشال بولۇشۇم كېرەك.چۈنكى شەن ئۇنداق قىلىشقا ئەرزىمەيسەن. 
ئەرزىگەن بولساڭ ئۇنداق قىلمايتتىڭ. 
            
                                                              *        *       *   
بۇ ئەتتىرگۈل نىمدىگەن چىرايلىق.رەڭگىمۇ،شەكلىمۇ،پۇرۇقىمۇ كىشىنى شۇنچىلىك مەسىت قىلدۇ.لېكىن سەن ئۇنۇڭدىن ئېھتىيات قىل! 
چۈنكى ئۇنۇڭ زەھەرلىك نەشتىرى بار.سەن شۇ پاك بىغۇبار قەلبىڭ بىلەن قولۇڭنى گۈلگە ئۇزاتساڭ.ئۇ ساڭا<<نەشتىرىنى>>سانجىپ 
ھەقىقىي رەزىللىكىنى ئاشكارلايدۇ. 
ئەلۋەتتە بارلىق گۈللەر ئوخشاش ئەمەس!مەن شۇنۇڭ ئۈچۈن خوشال ھەم مەمنۇن! 
شۇڭلاشقا مەن ئازاپلانسام بولمايدۇ.ھەقىقىي ئازاپلاشقا تىگىشلىكى مەن ئەمەس،شەيتان ئازدۇرغان شۇ <<زەھەرلىك>>گۈلنىڭ رەزىل قەلبى 
ھەقىقىي ئازاپلىنىشقا لايىق! 

ئاپتور:ئاچچىق

 


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315