يېمەك-ئىچمەك
  • سىز ئىچكەن «مېۋە سۈيى» ساپمۇ؟

    ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ مېۋە سۈيى ئىچىملىكلىرى سودىسى جانلىنىشقا باشلىدى. رېستورانلاردا بولسۇن ياكى يول بويىدىكى ئىچىملىك سېتىش ئورۇنلىرىدا بولسۇن مېۋە سۈيىنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ مېۋە سۈيى لىرى ساپمۇ؟ يېقىندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئىچىملىك دۇكانلىرى، تېز تاماقخانا ۋە تاللا بازارلىرىدىن بوتۇلكا سىرتىغا %100مېۋە سۈيى دېگەن خەت چاپلانغان بەش خىل مېۋە سۈيىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزى

  • باناننىڭ كۆز ئاسراشتىكى رولى

    كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ئارقىلىق خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردە دائىم دېگۈدەك كۆزى قۇرغاقلىشىش، قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. مۇنداق كىشىلەر ھەر كۈنى بىر تالدىن بانان يەپ بەرسە، يۇقىرىقى ئالامەتلەرنى بەلگىلىك دەرىجىدە يەڭگىللىتەلەيدۇ. بانان تەركىبىدە كالىي ماددىسى مول بولغاچقا، كۆز ئاسراشتىكى ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بەدەنگە قوبۇل قىلىنىۋاتقان تۇز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ھۈجەيرىلەردە كۆپ مىقداردا سۇ تەركى

  • بەرەڭگە بوتقىسى ئاشقازانغا پايدىلىق

    ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ناچارلايدۇ، ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم قىلىش ناچارلاش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ. ناۋادا يازدا ئاشقازاننى ياخشى ئاسرىمىغاندا، بىر قىسىم ياشانغانلار كېسەللىكلىرى، يەنى بوغۇم ياللۇغى، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش ھەمدە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بەرەڭگە بوتقىسى ئىچىپ بېرىش ئاشقازاننى ئاسراشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. بەرەڭگىنىڭ ئاشقازان

  • قېنىڭىزنىڭ ياغ تەركىبى ئېشىپ كەتسە، ئۆرۈك مېغىزى يەڭ

    قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر تەركىبىدە ۋېتامىن E، مىس، ماگنىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، نۇرغۇن ئوزۇقشۇناسلار كۈندە بىر سىقىم قاتتىق شاكاللىق مېۋە يەپ بەرگەندە سالامەتلىككە تېخىمۇ پەيدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەنگىلىيە كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى دە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە: ئوخشاش بولمىغان قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان شىپالىق رولى بار، دەپ كۆرسىتىلدى. خولېستېرىن مىقدارى ئېشىپ كەتسە، ئۆرۈك م

  • تاتلىق نەرسىلەرگە ئامراق بالىلار تېز ئۆسەمدۇ؟

    ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارتاتلىق نەرسىلەرنى جېنىدەك كۆرىدىغان بالىلار ئالدىدا ئامالسىز قالىدۇ، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ۋە قەنت تەركىنلىك ئىچىملىكلەرگە ئامراق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر تېز بولىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، بەدەن تېز ئۆسۈش ھالىتىدە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئاشىدۇ. قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەر ئې

  • سامساق ئۆتكۈر خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا داۋا قىلىدۇ

    زۇكامداپ قالغانداچۈشكۈرۈش، گال ئاغرىش، ئۇنى پۈتۈش، يۆتىلىش، يۆتەل ئېغىر بولغاندا كۆڭۇل ئېلىشىش، قۇسۇشئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.ناۋادا قورساق قىسىملىرىدا ئاغرىق پەيدا بولسابۇ ئۆتكۇر خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئالامىتى، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىر قىسىم بىمارلاردا كېسەلنىڭ باشلىنىشىدىلا قاتتىق قىزىش، يۆتىلىش، دەم سىقىش، ساغۇچ بەلغەم كېلىش ياكى بەلغەم قان ئارلاش كېلىشكە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. سوزۇلما خاراكت

  • يازدا بىئارام بولسىڭىز چىلان يەڭ

    يازدىكى ئىسسىق ھەم دىمىق ھاۋادا كەيپىياتىڭىز ياخشى بولماي، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز تۆۋەنلەپ كەتكەندە، بىر نەچچە تال چىلان يېسىڭىز روھىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ، تېتىكلەشتۈرىدۇ. چىلان تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل، قەنت، ۋىتامىن، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت ۋە ھەر خىل فېرمىنتلار بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ سەۋىيەسىنى تەڭشەپ ۋە نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

  • سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان مىۋىلەر

    سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان مىۋىلەر قىزىل ئالما،قىزىل ئۈزۈم دېگەندەك قىزىل پوستلۇق مىۋىلەردە راكقا قارشى تۇردىغان بىر خىل تەبىئىي ماددا بار،بۇ ماددا ئاياللاردا بولىدىغان ئۆسمە ھۈجەيلىرىنىڭ يېتىلىشنى توسۇپلا قالماستىن،ھورمون زىيادە ئېشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،سۈت بېزىنىڭ غىدىقلىنىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ ۋە مىجەزنى تەڭشەپ،سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەنبەھ: ئەنبەھتە ئۇزۇقلۇق ماددىلارمۇ مول بۇلۇپلا قالماستىن،بەلكى سۈت بېزى راكى

  • قېتىق ئىچكەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىپ بېرىڭ

    قېتىق ئىچىپ بولۇپ ئون مىنۇت ئادەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت قىلىپ بەرگەن ياخشى، مەسىلەن: ئاددىي ھالدىكى بەل بۇراش ھەرىكىتى قاتارلىقلار. بۇنداق قىلىش ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە پايدىلىق ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. ـــ ماتېرىيالدىن

  • سامساقنىڭ مۇنداقمۇ شىپالىق رولى بار

    بۇرۇندىن قان ئېقىپ توختىمىغاندا خام سامساقتىن ئىككى چىش ئاقلاپ، سوقۇپ يانجىپ، تاۋا نېنى چوڭلۇقتىكى ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئاۋال سۇ مايدىن پۇت ئالقىنىغا سۈركەپ، ئاندىن تەييارلىغان دورىنى سۈرتۈپ، داكىغا تېڭىپ قويۇلىدۇ . سول بۇرۇن تۆشۈكىدىن ئاققان بولسا، سول پۇت ئالقىنىغا، ئوڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن ئاققان بولسا، ئوڭ پۇت ئالقىنىغا قويۇلىدۇ . قاداقنى داۋالاشتا خام سامساقتىن بىر چىش ( ئاقلىمىغان )، غولپىياز ( ئاقلىغان )، ئىشلىتىش ئۇسۇلى : ئىككىسىنى تەڭ سوقۇپ يا

  • يۇمغاقسۈتنىڭ شىپالىق رولى

    تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق. شىپالىق رولى: باش ئاغرىقىنى، كۆكرەك ئاغرىقىنى توختىتىدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ تاماق سىڭدۈرىدۇ، ئاشقازان كۆپۈش، سېسىق كېكىرىشنى يوق قىلىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، قەينى توختىتىپ، قىزىتما قايتۇرىدۇ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، باش ئاغرىقى، زۇكام، قىزىتما، قورساق ئاغرىقى، ئىچى سۈرۈش، ئۇسسۇزلۇق، يۇقىرى قان ېېسىم كېسىلى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. خىمىبىلىك تەركىبى: ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى، ئاقسىل، قەنتلەر، كالتسىي، تۆمۈر، فوسفو

  • ئېمۇنىت ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان يىمەكلىك

    قارا كۈنجۈت ؛ ھۈجەيرە ئېمۇنىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، رىئاكسىيەگە قارىشى تۇرىدۇ. كىلىنكىدا مۇنداق قارايدۇ، ھەر خىل رادىئاكسىيە خەتىرىنىڭ ئاساسلىق ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ مېڭە ۋە يىلىككە تەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى ئېمۇنىت سېستىمىسنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرىتىدۇ، بۆرەكنى قۇۋەتلەيدىغان نەرسىلەرنى كۆپ يىگەندە ئورگانىزىمدىكى ھۈجەيرە ئېمونىتىنى ، بەدەن سۇيۇقلۇق ئېمونىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ. پ

  • يېمەكلىكنىڭ رەڭگى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى

    يېمەكلىكنىڭ رەڭگى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ ، ھەزىم بولغاندىن كېيىن ھاياتلىق ۋە ھەرىكەتنى قوغدىيالايدۇ . لېكىن ، كۆپىنچە ھاللاردا ئىنسان بەدىنى ئېھتياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتالار كەمچىل بولىدۇ . سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر ئاقسىل كۆپ ، ماي ئاز بولغان يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى ياخشىلىرى بولۇپ ، قېنىدا ماي تەركىبى كۆپ بولغان ئوتتۇرا ياشلىق ، ياشانغان كىشىلەرنىڭ غ

  • تاماقنى خاتا يەپ قويۇش دورىنى خاتا يەپ قويغاندىمۇ خەتەرلىك

    يېقىندا، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەسى بويىچە باش مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور جاۋلىننىڭ مېغىزلىق ھەم قىزىقارلىق لېكسىيەسى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى، لېكسىيە مەيدانىدىن بىردەم-بىردەم كۈلكە ساداسى كۆتۈرلۈپ تۇردى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، تۆۋەندە، پىروفېسسور جاۋلىننىڭ قالتىس سۆزلىرىنى ئۈزۈندە شەكلىدە كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرى

AD
260*220px