يېمەك-ئىچمەك
  • كۈندە ئۈچ پىيالە چاي ئىچسە، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچتە بىر پىيالىدىن چاي ئىچكەندە يەنى چاينى دەملەپ بەش مىنۇتتىن كېيىن ئىچكەندە، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قىزىل چايدا ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرىدۇ، كۆپ ئىچىپ بەرسە، سەكتە ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يېشىل چايدا ئوكسىدلىغۇچى رېئاكتىپلار مول بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يېشىل چاي ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي،

  • سىز قان تولۇقلايدۇ دەپ ئويلىغان قارا شېكەردە بەلكىم راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددا بولۇشى مۇمكىن

    تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئۇزاق ۋاقىت قاينىتىپ پىشۇرغان، قورۇلغان يېمەكلىكلەردە بىر خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا: ئاكرىلامىد پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. قارا شېكەرمۇ ئۇزۇن مۇددەت قاينىتىش ئارقىلىقشەكىللىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋالدىن مۇستەسنا بولمايدىكەن. نۆۋەتتە، ئاكرىلامىدنىڭ زىيانلىق تەركىبى يەنىلا تەتقىقات باسقۇچىدا بولۇپ، ئېنىق ئەسكەرتمە بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلغان شېكەرنى يەنىلا ئازراق ئىستېمال قىلغان ياخشى

  • ساغلاملىق بىلىملىرى قىزارغان شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ

    شوخلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشى شوخلا تەركىبىدە ۋىتامىننىڭ مول ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بىراق شوخلىنىڭ ساغلاملىققا نىسبەتەن قانداق پايدىسى بار؟ قانداق ھالەتتىكى شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ؟ دېگەندەك ئۇقۇم بەلكىم ئانچە ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن. شوخلا تەركىبىدە لىكوپېننىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىملار لىكوپېننىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ

  • يېشىل كۆكتاتلار چاچنى قارايتىدۇ

    چاچ ئېھتىياجلىق بولغان ماي، ئاقسىل، ۋىتامىن A ، ۋىتامىن B6 ۋە يود قاتارلىق ماددىلار ئاساسلىقى يېشىل كۆكتات، بەرەڭگە، پۇرچاق ھەم دېڭىز يۇسۇنى تۈرىدىكىلەردە مول بولىدۇ. يېشىل كۆكتاتلار قارا ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. پۇرچاق چاچنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ۋە پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇپ، چاچ ئۇچى يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قىزىل دېڭىز يۇسۇنى، لامنارىيە(خەيدەي)قاتارلىق دېڭىز يۇسۇنى تۈرىدىكىلەر تەركىبىدە كالتسىي، كالىي، يود مول بولۇپ، چاچقا ئاق

  • تاتلىقياڭيۇ يېگەندە مېۋە-چىۋە بىلەن بىللە يەڭ

    تاتلىقياڭيۇ ـ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاللاپ چىققان 10 ئەڭ ياخشى كۆكتات نىڭ چېمپىيونى بولدى. تاتلىقياڭيۇدا ئاقسىل ۋە لىپوزما كەمچىل، شۇڭلاشقا مېۋە، كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېيىش لازىم. تاتلىقياڭيۇنى ئەڭ ياخشىسى چۈشتە يېگەن ياخشى. بۇنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي ئادەم بەدىنىدە تۆت، بەش سائەت سۈمۈرۈلىدۇ. چۈشتىن كېيىن، كۈن نۇرى چۈشكەندە ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما تاتلىقياڭيۇ ئارقىلىق كۈتۈنۈش ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، ئەگەر ئىچى

  • تۆمۈر تولۇقلاشتىكى تەبىئىي يېمەكلىك ــــ قارا قېرىنقۇلاق

    تۆمۈر تولۇقلاش تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر كۆپىنچە پالەك ياكى ھايۋانات جىگىرىنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، يېمەكلىكلەر ئىچىدە قارا قېرىنقۇلاقنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، تۆمۈر تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تەبىئىي يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر 100 گىرام قارا قېرىنقۇلاقتىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى 98 مىللىگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ، ھايۋانات جىگىرىدىكى تۆمۈر مىقدارىغا قارىغاندا بەش ھەسسە، پ

  • جىگەر يېگەندە...

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: ھازىر كۆرۈلۈۋاتقان قان ئازلىق كېسىلىنىڭ كۆپىنچىسىگە تۆمۈر ماددىسى كەملىك سەۋەب بولىۋاتىدۇ، ھايۋان جىگىرى تۆمۈر ماددىسى كەم مەنبەلىك قان ئازلىققا پايدا قىلىدىغان ئېسىل يېمەكلىك، لېكىن ھايۋانات جىگىرى يېگەندە ئازراق ۋىتامىن C يەۋەتسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: جىگەر يېگەندە بىر تالدىن ئۈچ تالغىچە ۋىتامىن C تابلېتى يەپ بەرسە، بولمىسا 150گىرام پالەك ياكى 150 گىرامدىن مايلىق يېسىسى

  • كۆممىقوناق كۆرۈش قۇۋىتىنىمۇ ياخشىلايدۇ

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: كۆممىقوناق يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ياغ كۆپىيىش ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، راك كېسىلىمۇ كۆممىقوناقنى كۆپ يەيدىغانلاردىن قورقىدۇ، چۈنكى كۆممىقوناقتا راكقا قارىشى تۇرالايدىغان سېلېن، ماگنىې ۋە كاروتېن مول، يەنە يېمەكلىك تالاسىمۇ ئاز ئەمەس، بۇ خىل يېمەكلىك تالاسى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، قەۋزىيەت بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆممىقوناقتىكى كىسانتوفىل بىلەن كۆممىقوناق سېرىقى ئا

  • سامساقنى ئېزىپ يېسە ياخشى

    سامساق تەركىبىدىكى ئاللىئىن بىلەن ئاللىئىنزادىن ئىبارەت ئىككى ماددا ئارقىلىق بەدەن ساغلاملىقىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ. شۇڭا سامساقنى ئەڭ ياخشىسى توغرىماستىن ئېزىپ ئىشلەتكەندە، بۇ ئىككى ماددا ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ، سامساقنىڭ ساغلاملىقنى ئاسراش ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئامال بولسا يەنە سامساقنى ئېزىپ 1015 مىنۇت قويۇپ، ئاللىئىن بىلەن ئاللىئىنزادىن ھاۋادا تولۇق بىرىككەندىن كېيىن يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  • تۈنىگەندە ئالما يەڭ

    تۈنىگەندە ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرى ئاسانلا تەڭپۇڭسىزلىنىپ، قەۋزىيەت، سەمىرىپ كېتىش ۋە تېرىسى ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ. ئالما تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋېتامىن ۋە ئالما كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ ئادەم تېنىگە يىغىلىپ قالغان ياغلارنى پارچىلاپ، سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھىموگلوبىننى كۆپەيتىپ تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ. ئالما تەركىبىدىكى مول مېۋە يىلىمى ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ

    بەزىلەر بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچسىلا روھلىنىپ قالىدۇ، بەزىلەر 5 ئىستاكان ئىچسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ. بىر تۈرلۈك بىرلەشمە تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنى گېن بەلگىلەيدىكەن. ئەنگلىيە ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىتالىيەدىكى تىرىئېستې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار گوللاندىيە ۋە ئىتالىيەدىكى 3000 قەھۋە ھەۋەسكارى نىڭ DNA سىنى تەھلىل قىلغان ھەمدە ئۇلارغا كۈندىلىك قەھۋە ئىستېمال مىقدارى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تولدۇرغۇزغان، نەتىجىدە PDSS2 گېن ئۆز

  • چامغۇرنىڭ شىپالىق رولى

    چامغۇر تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شىپالىق رولىنى ئاۋام: نامراتنىڭ گۆشى چامغۇر ياكى نامراتنىڭ دورىسى چامغۇر دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ئاتاپ، تۆت پەسىلدە تامىقىدىن ئۈزمەي، شورپا، لەڭمەن قورۇمىسى، سۇيۇقئاش، يوبدان، ئۇماچ قاتارلىق تاماقلارنىڭ مۇھىم خۇرۇچلىرى سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىپ كەلمەكتە. چامغۇرنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئسسىق بولۇپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەي

  • زەنجىۋىلنىڭ مۇنداقمۇ پايدىسى بار

    كۈندە ئىككى، ئۈچ قېتىم زەنجىۋىل سۈيىدە ئېغىز چايقاپ بەرسە، ئېغىز يارىسى ۋە چىش ئەتراپى ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغاندا، ئىككى قولنى ئسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە 15 مىنۇت چىلاپ بەرسە، ئاغرىق پەسىيىدۇ ياكى يوقايدۇ. ئاۋال باشقا زەنجىۋىل سۈركەپ، ئاندىن ئسسىق زەنجىۋىل سۈيىدە باشنى چايقىسا، چاچقا چۈشكەن كېپەك يوقايدۇ؛ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرسا، چاچ ئۆستۈرىدۇ. ئسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە تۇز ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا لۆڭگىنى چىلاپ ئاغرىغا

  • پالەك كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    كۆزگە ئاق چۈشۈش ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى قېرىلىق، ئىرسىيەت، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، سىرتقى زەخمە، رادىياتسىيەنىڭ تەسىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ، ھازىر بۇ كېسەللىكنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىككە دىققەت قىلىش ئارقىلىقمۇ بۇ خىل كېسەلنى داۋالىغىلى ھەمدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە، پالەك قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكت

AD
260*220px