سىز قان تولۇقلايدۇ دەپ ئويلىغان قارا شېكەردە بەلكىم راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددا بولۇشى مۇمكىن

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-10-18 11:03

تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئۇزاق ۋاقىت قاينىتىپ پىشۇرغان، قورۇلغان يېمەكلىكلەردە بىر خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا: ئاكرىلامىد پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. قارا شېكەرمۇ ئۇزۇن مۇددەت قاينىتىش ئارقىلىق شەكىللىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋالدىن مۇستەسنا بولمايدىكەن. نۆۋەتتە، ئاكرىلامىدنىڭ زىيانلىق تەركىبى يەنىلا تەتقىقات باسقۇچىدا بولۇپ، ئېنىق ئەسكەرتمە بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق «ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلغان» شېكەرنى يەنىلا ئازراق ئىستېمال قىلغان ياخشى ئىكەن. (ئاپتورى فەن لىنلىن، گوللاندىيە ۋاخېنىڭگېن ئۇنىۋېرسىتېتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كەسپىنىڭ ماگىستېرى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك ئوزۇقلۇقشۇناسى، بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك ئوزۇقلۇقشۇناسى)   

يانفۇندا كۆرۈش
    315