ساغلاملىق بىلىملىرى قىزارغان شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   يوللانغان ۋاقتى:2016-09-30 17:58


  شوخلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشى شوخلا تەركىبىدە ۋىتامىننىڭ مول ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بىراق شوخلىنىڭ ساغلاملىققا نىسبەتەن قانداق پايدىسى بار؟ قانداق ھالەتتىكى شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ؟ دېگەندەك ئۇقۇم بەلكىم ئانچە ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن.

   شوخلا تەركىبىدە لىكوپېننىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىملار لىكوپېننىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، شوخلا ئۆزىگە خاس ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بەدەندىكى كېسەل بولغان ئەركىن رادىكاللارنى چىقىرىپ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، مەزى بېزىنىڭ راكقا ئۆزگىرىپ كېتىش جەريانىنى كونترول قىلىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، تۈز ئۈچەي راكى، كېكىردەك راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، ئەمچەك راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خېيىم – خەتىرىنى ئۈنۈملۈك كېمەيتەلەيدىكەن.

   شوخلىنىڭ سورتى، رەڭگى، تاتلىقلىق دەرىجىسى، ھەتتا پىشىش مەزگىلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىقلار شوخلا تەركىبىدىكى لىكوپېننىڭ مىقدارىنى بەلگىلەيدۇ. سېرىق سورتلۇق شوخلىدا لىكوپېننىڭ مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ، يەنى ھەر 100 گىرامدا پەقەت 0.3 مىللىگىرام لىكوپېن بولىدۇ، قىزىل سورتلۇق شوخلىدا لىكوپېننىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرامدىكى مىقدارى ئىككى، ئۈچ مىللىگىرام، يۇقىرى بولغاندا 20 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. شوخلىنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا، لىكوپېننىڭ مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، قىزارمىغان ياكى يېرىم قىزارغان شوخلىدا لىكوپېننىڭ مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. بازاردا سېتىلىۋاتقان شوخلىلار ئارىسىدا يەنە بىر خىل ئاچ قىزىل رەڭلىك شوخلا بولۇپ، بۇ خىل شوخلىدىكى لىكوپېننىڭ مىقدارى قىزىل رەڭلىك شوخلىغا قارىغاندا ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. يازدا تېرىغان شوخلىدىكى لىكوپېننىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ياز پەسلىدە قۇياش نۇرى يېتەرلىك، قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا، شوخلا تەركىبىدىكى لىكوپېننىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ؛ ئەمما قىش كۈنلىرى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن شوخلا تەركىبىدە لىكوپېننىڭ مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ.

   قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ھەر كۈنى100~ 200 گىرامغىچە شوخلا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننىڭ لىكوپېنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما بەزى كىشىلەر شوخلىنى خام يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا لىكوپېننىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز، چۈنكى لىكوپېن ياغدا ئېرىشچان ۋىتامىن بولغاچقا، پەقەت قىزدۇرۇش ۋە ياغدا قورۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

   لىكوپېن يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق ۋە ئوكسىگېنغا يولۇققاندا ئاسان پارچىلانغاچقا، تاماق ئەتكەندە شوخلىنى ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قورۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، مۇنداق قىلغاندا شوخلىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قورۇما قورۇغاندا قورۇمىغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ قويۇش كېرەك، مۇنداق قىلغاندا ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315