تۆمۈر تولۇقلاشتىكى تەبىئىي يېمەكلىك ــــ قارا قېرىنقۇلاق

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-09-23 11:15

تۆمۈر تولۇقلاش تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر كۆپىنچە پالەك ياكى ھايۋانات جىگىرىنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، يېمەكلىكلەر ئىچىدە قارا قېرىنقۇلاقنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، تۆمۈر تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تەبىئىي يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

    ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر 100 گىرام قارا قېرىنقۇلاقتىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى 98 مىللىگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ، ھايۋانات جىگىرىدىكى تۆمۈر مىقدارىغا قارىغاندا بەش ھەسسە، پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىغا قارىغاندا 30 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قارا قېرىنقۇلاق ئوزۇقلۇقشۇناسلار تەرىپىدىن ‹‹كۆكتاتلار پادىشاھى›› دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. جۇڭيى تېبابىتىدە قارا قېرىنقۇلاق بەدەننى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاش، ئۆپكىنى نەمدەش، قان توختىتىش رولىغا ئىگە، دەپ قارىلىدۇ.

    تۆمۈر ماددىسى قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قان قىزىل ئاقسىلى قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئوكسىگېننى ھەرقايسى ئەزا ۋە توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ. قېنىدا تۆمۈر كەمچىل بولغانلار يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ئاجىزلىشىش، باش قېيىپ كۆز تورلىشىش، ئىچى تىتىلداش، ئۇنتۇغاقلىق، چىرايى سارغىيىش، ھەتتا نەپەس ئېلىشى جىددىي بولۇش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئالامەتلەر تېببىي ئىلىمدە تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى دەپ قارىلىدۇ.

    ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قارا قېرىنقۇلاقنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قان پىلازمىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇۋېلىشىنى تىزگىنلەپ، قان سۇيۇقلۇقىدىكى خولىستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىش، مېڭە – يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدىكەن ھەم بەلگىلىك دەرىجىدە راكقا قارشى تۇرۇش ۋە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش خەتىرىنى يەڭگىللىتىش رولىنى ئوينايدىكەن. قارا قېرىنقۇلاقنىڭ تەركىبىدە يەنە، بەدەنگە پايدىلىق بولغان لېتسىتىن ۋە سېفالىن قاتارلىق ماددىلار بار. بىراق ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار قارا قېرىنقۇلاقنى ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك، چۇنكى قارا قېرىنقۇلاق نەمخۇش، سىلىق بولغاچقا، ئۈچەينى سىلىقلاش رولىنى ئويناپ ئىچى سۈرۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، پاختىلىشىپ قالغان ۋە سېسىپ قالغان قارا قېرىنقۇلاقنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا قارا قېرىنقۇلاقتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315