كۆممىقوناق كۆرۈش قۇۋىتىنىمۇ ياخشىلايدۇ

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-09-18 16:35

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «كۆممىقوناق يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ياغ كۆپىيىش ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، راك كېسىلىمۇ كۆممىقوناقنى كۆپ يەيدىغانلاردىن قورقىدۇ، چۈنكى كۆممىقوناقتا راكقا قارىشى تۇرالايدىغان سېلېن، ماگنىې ۋە كاروتېن مول، يەنە يېمەكلىك تالاسىمۇ ئاز ئەمەس، بۇ خىل يېمەكلىك تالاسى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، قەۋزىيەت بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ».

   كۆممىقوناقتىكى كىسانتوفىل بىلەن كۆممىقوناق سېرىقى ئاكتىپ ماددا، بىراق بۇ ئىككى ماددا بەدەندە بىرىكەلمىگەچكە، بەدەن ئۇنىڭغا پەقەت يېمەكلىكتىنلا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار كۆرۈش پەردىسىنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، كۆرۈش پەردىسىنى نۇر ۋە ئىئونلىنىش رادىياتسىيەنىڭ زىينىدىن قوغداپلا قالماستىن، يەنە كۆرۈش تور پەردىسىدە سېرىق داغ ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا دائىم كۆممىقوناق يەپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315