پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-08-12 13:24

ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدە مېتىئونىن مول بولۇپ، مېتىئونىن ئىنزىمنىڭ تەسىرىدە سىستىن كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ.ئۇ ئارتېرىيە تومۇر دىۋارى ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   يود كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدىكى گلېدىفىيە گىلۇكوزىسى يودنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىنى تېزلىتىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت پۇرچاق ئويۇتمىسى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندە يودنىڭ كەملىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ياشانغاندا بۆرەكنىڭ كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا پۇرچاق ئويۇتمىسىنى كۆپ يېگەندە، بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بەدەندىكى ئازوتلۇق كېرەكسىز ماددىلارنى كۆپەيتىپ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    ئىسپىرمىغا زىيانلىق. ئەنگىلىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئىسپىرمىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئەرلەرنىڭ بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315