بەرەڭگە بوتقىسى ئاشقازانغا پايدىلىق

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-07-12 13:01

 ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ناچارلايدۇ، ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم قىلىش ناچارلاش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ. ناۋادا يازدا ئاشقازاننى ياخشى ئاسرىمىغاندا، بىر قىسىم ياشانغانلار كېسەللىكلىرى، يەنى بوغۇم ياللۇغى، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش ھەمدە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بەرەڭگە بوتقىسى ئىچىپ بېرىش ئاشقازاننى ئاسراشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. بەرەڭگىنىڭ ئاشقازاننى ياخشىلاپ، ئاشقازان يارىسى، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، زەھەر ھەم ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار. شۇڭا يازدا بەرەڭگە بوتقىسىنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.

 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315