سەۋزىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-03-22 11:59

سەۋزە تەركىبىدە مول ۋىتامىن B1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC، ۋىتامىنD، ۋىتامىنE، ۋىتامىنK، يۇپۇرماق كېسلاتاسى ھەمدە فوسفور، كالتسىي قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ ۋىتامىنلىق بىرىكمە تابلېتكىلاردىن قېلىشمايدۇ. ھەر 500 گرام سەۋزە تەركىبىدە 140 گرام فوسفور، 305 گرام كالتسىي بولىدۇ.
   سەۋزىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، «يەل ماڭدۇرۇش، دېمى سىقىلىشنى، بەلغەم بوشىتىش، تاماق سىڭدۈرۈش، قورساق ئېسىلىشنى يوقىتىش، يەللىك ئاغرىقنى توختىتىش» قاتارلىق رولى بار.
سەۋزە ئورگانىزمنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاش، نامازشام قارىغۇسى كېسىلى ۋە كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنى داۋالاش قاتارلىق روللارغا ئىگە.
   سەۋزە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار ھەمدە كۆپ خىل ئەزالارنى قوغداش رولى بار.
   سەۋزە قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا قارىتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.
   سەۋزە تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەمنى قېرىتىۋېتىدىغان ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ يەنە تېرىنى سىلىقلاش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
   سەۋزىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگانىزىمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رولى بار.
   ئاياللار سەۋزە ئىستېمال قىلىپ بەرسە تۇخۇمدان راكى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. سەۋزىنىڭ خۇش پۇرىقىنىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار.
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315