ئۈزۈمنىڭ شىپالىق رولى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-03-21 13:26

جىگەر ئىقتىدارى ئاجىز ياكى جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ھەر كۈنى ئۈزۈم يەپ بەرسە ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ. 
ئۈزۈمنىڭ قەنت تولۇقلاش، قان كۆپەيتىش، بولجۇڭ گۆشنى چىڭىتىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، ئاشقازان، تالغا ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش قاتارلىق رولى بار.
ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدىكى گىلوكوزا، ئورگانىك كىسلاتا، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىنلار چوڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇپ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدىكى گىلوكوزا ۋە كۆپ خىل ۋىتامىن پۇتتىكى ئىششقنى ياندۇرۇپ قاندىكى ئاقسىل ماددىسىنى كۆپەيتىدۇ.
ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى ھەزىمنى ياخشىلاپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ. 
150 گىرام ئۈزۈم شىرنىسى بىلەن 100 گىرام نىلۇپەر غولى شىرنىسىگە بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ، سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا سېلىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش، كىچىك تەرەت تېمىپ كېلىش ۋە ئاغرىتىپ كېلىشكە داۋا بولىدۇ.
100 گىرام ياۋا ئۈزۈم پىلىكى بىلەن 50 گىرام كىشمىشنى سۇدا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، رېماتىزىم مەنبەلىك بوغۇم ئاغرىقى ۋە يەللىك ئىشىق، سۈيدۈك ئاز بولۇش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315