ئۇرۇقلاش شورپىسىنىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلى

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 13:09

 ئورۇقلاش شورپىسىنىڭ خۇرۇچلىرى:

چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس ئالتە باش پىياز، بىر نەچچە تال پەمىدۇر ياكى ئۈچ قۇتا پەمىدۇر قىيامى، بىر تۈپ يېسىۋېلەك، ئىككى تال كۆكمۇچ، بىر نەچچە تال كەرەپشە تەييارلىنىدۇ.

 

تەييارلىنىش ئۇسۇلى:

كۆكتاتلارنى يۇيۇپ، توغراپ سۇغا سېلىپ،لازا ياكى باشقا تەم تەڭشۇگۈشلەر سېلىنىدۇ.ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئوتتا 10مىنوت پىشۇرلىدۇ.ئاندىن سۇس ئوتتا داۋاملىق قاينىتىپ، سەيلەر پىشقاندا ئاندىن توختىتىلىدۇ.پىشۇرۇلغان شورپىنى خالىغان ۋاقىتتا ئىچىشكە بولىدۇ لىكىن شورپا ئىچىگە باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ.

 

تەييارلىغۇچى:قەدىريە

 

(ZUMAR)ئۇندىدار دوستلار سۇپىسىدىن ئېلىندى.

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315