دائىم لىمون سۈيى ئىچىپ بەرسە بۆرەككە تاش چۈشمەيدۇ

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 13:09

 ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق لىمون سۈيىنىڭ بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە لىمون سىتراتى سۈيدۈكتىكى كالتسىينى سۈزۈۋېلىپ، كالتسىينىڭ چۆكۈپ بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدىكەن.

    لىمون تەركىبدىكى سىتراتنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول بولۇپ، دورا ئىچىشنى خالىمايدىغان بىمارلار لىمون سۈيىنى دورا ئورنىدا ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدىكەن، كۈندە 120 مىللىلىتىر لىمون سۈيى ئىچىپ بەرگەندە ئۈنۈمى تېخمۇ ياخشى بولدىكەن.

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315