بىلىۋېلىڭ

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 13:09

 

چۈشتە 200 مىللىگىرام قەھۋە ئىچىپ 20 مىنۇت ئۇخلىۋالسا، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن ئادەم تېنىمۇ روھلىنىپ كېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «20 مىنۇت ئۇخلىغاندىن كېيىن، كوفئىن رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇيقۇ باسىدىغان ئادېنوزىن ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىدۇ ۋە سەزگۈرلۈكنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ».

    قورساق كۆپكەندە سۇ ئىچىش پايدىلىق: ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېيىشتى: «قورساق كۆپكەندە سۇ ئىچىش قارىماققا كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئادەم يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكنى يېگەندىن كېيىن، بەدەن تېخىمۇ كۆپ سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، سۇنى كۆپ ئىچكەندە يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ياخشىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سۇنى كۆپ ئىچىش سۇسىزلىنىشتىن پەيدا بولغان قورساق كۆپۈش كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ».

مەنبە . تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315