تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
  • شوخلا ۋە يېشىل چېچەكسەي راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ھازىر راكقا تاقابىل تۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ھەم مۇرەككەپ . ئەمما نۇرغۇن يېمەكلىك ئارىسىدا شوخلا بىلەن چېچەكسەينىڭ ئىستېمال قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ . بېيجىڭ گۇاڭئەنمېن دوختۇرخانىسى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا شوخلا بىلەن چېچەكسەينىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى مۇئەييەنلەشتۈرۈل

  • كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان نەرسىلەر

    گۈل: پىسخولوگلار مۇنداق دىيىشتى:گۈل ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار سەھەردە گۈلگە قارىسا ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، خىزمەتتىمۇ غەيرەتكە كېلىدۇ. ئاپلېسىن شەربىتى: ئاپلېسىننىڭ رەڭگى خۇددى سەھەردىكى قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ئادەمگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ، ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن B6 ۋە فولىك كىسلاتاسى بەدەنگە ھوزۇر بېغىشلاپ، تەشۋىشلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپېلسىننىڭ ھىدىنى پۇراپ بەرس

  • يېنىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئۈنۈمى تاماق يېمەسلىككە قارىغاندا ياخشى بولىدۇ

    ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى تاماق يېمەسلىك خىيالىدا بولماسلىق كېرەك. ئەگەر تېز يۈگۈرسىڭىز، بىر سائەت ئىچىدە 700 كالورىيە ئېنىرگىيە سەرپ بولىدۇ، ياغلار پەقەت 200 گىرام ئازىيىدۇ. بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، لېكىن ھەرىكەتتىن كېيىن ناھايىتى كۆپ نەرسە يېسە، نەتىجىدە يەنىلا ئورۇقلىغىلى بولمايدۇ. ھەر كۈنى تۆت سائەتتىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ھەقىقەتەن يېنىكلەيدۇ. لېكىن كەسپىي تەنھەرىكەتچى بولمىسا، بۇ

  • ياشانغانلار كۆپ يېسە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇزلۇق يېمەكلىكلەر: ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا ، بەدەندىكى نايرىي ئىئونى ۋە سۇنى چىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ . ئەگەر ياشانغانلار ئۇزاق مەزگىل تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم ، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىشىشى قاتارلىق ھەرخىل يۈرەك قان تۆمۈر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تاتلىق يېمەكلىكلەر : ياشانغانلار دىئابىت كېسىلى ، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ . بولوپمۇ

  • ئالىيۇمىندىن زەھەرلەنگەن بالىلارنىڭ مىجەزى چۇس بولۇپ قالىدۇ

    تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بالىلارنىڭ مىجەزىنىڭ چۇس بولۇپ قېلىشى ئاليۇمىندىن زەھەرلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.بەزى ئاتا-ئانىلار مىجەزى چۇس، ھەرىكىتى كۆپ بالىلارنى پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرسىتىپ مەسلىھەت سورايدۇ. ئىگىلىنىشچە، بۇنداق بالىلارنى قېنىدىكى ئاليۇمىننى تەكشۈرگەندە، %80 بالىنىڭ ئاليۇمىندىن زەھەرلەنگەنلىكى بايقالغان.بالىلار ئاليۇمىندىن زەھەرلەنگەندە ھەرىكىتى كۆپ بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، مىجەزى چۇس بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆ

  • پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئەر-ئاياللار سەمىگە

    ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش مەزگىلى: تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ئاياللارنىڭ 25ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ھامىلدار بولۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بەدەن ھەر قايسى جەھەتتە يېتىلگەن بولۇپمۇ كۆپىيىش ئەزالىرى پىشىپ يىتىلگەن ۋاقىت.ھامىلدارلىق يېشى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولسا ھامىلىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىش ، ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىش، تۇغۇت قىيىن بولۇش قاتارلىقلار نىڭ نىسبىتى يۇقىرلايدۇ. ئەڭ ياخشى

  • كېكەچلەپ قالىدىغان بالىلارنى ئائىلىدە پەرۋىش قىلىش

    بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچار بولغان بالىلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ رەڭگى ئاق سېرىققا مايىل بولىدۇ. گەپ قىلغاندا قىينىلىپ سۆز بوغۇملىرىنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلايدۇ. بەزى ھەرىپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدۇ. گەپ قىلغاندا ئېغىز ئىچىنىڭ نەملىكى ئىشىپ شۆلگەي يېغىلىپ قالىدۇ. بەزى مۇشۇ خىلدىكى بالىلاردا كېچىسى ئۇخلىغاندا سىيىپ قويىدىغان ئەھۋاللار قوشۇلۇپ كىلىدۇ. بۇ خىلدىكى كېكەچلىك بەلغەم-ھۆل سوغۇقلۇق ئىشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. يەنە بىرسى روھىي ئامىللار تەس

  • سەل قارىلىدىغان ناچار ئادەتلەر

    . ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقان يىغىش. 2. ناشتا قىلماسىلىق . 3. تاماق يەپ بۇلۇپلا كەمەرنى بۇشتىش. 4. تاماق يەپ بۇلۇپلا ئۇخلاش. 5. تاماقىنى زىيادە كۆپ يىيىش. 6. ئاچ قۇرساققا تاتلىق يىمەكلىك يىيىش. 7. تۇزلۇق يىمەكىلىكلەرنى كۆپ ئىستمال قىلىش. 8. ھەمىشە پۇتىنى ئالماشتۇرپ ئولتۇرۇش. 9. ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلماسلىق . 10. ئۇستەلگە بېشىنى قۇيۇپ ئۇخلاش. 11. ئېڭىشپ ئۇخلاش. 12. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈز يۇيماسلىق . 13. ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلماسلىق . 14. كۆپ ئۇخلاش. 15. تاماق يەۋىتىپ كىت

  • بوۋاقلارنىڭ تامىقىغا تۇزنى بەك كۆپ ئىشلەتمەڭ

    تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاققا تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ بەرسە، كېيىنمۇ ئامراق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىشچە، بوۋاق مەلۇم خىل يېمەكلىك ياكى تەم بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، كاللىسىدا بىر خىل سەزگۈر كۆزنەك شەكىللىنىپ، كېيىن چوڭ مېڭە شۇ خىل تەمنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بوۋاقلار تۇغۇلۇشىدىنلا تاتلىققا ئامراق بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇز تەمىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئىنكاسى بولم

  • بەدەندە غەيرى پۇراق پەيدا بولۇپ قىلىشنىڭ سەۋەبى

    پۇراشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئېغىز پۇراش ھەققىدە 1) يېگەن تائامدىكى پۇراق بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن: ئاچچىقسۇ، سامساق، پىياز، كۈدە، يۇمغاقسۇت قاتارلىقلارنى يېگەندە ئېغىزدا بۇ پۇراق قېلىپ قالىدىكەن. بىزنىڭ مەكتەپتە چۈشلۈك تاماقتا سالاتادا پىياز، قېتىقتا سامساق بولۇپ قالسا، كۆپىنچە خانىملار گەرچە بۇنىڭغا ئامراق بولسىمۇ ئېغىزىمىز پۇراپ قالىدۇ دەپ يېمەيدۇ. 2) چىشنى ھەر تاماقتىن كېيىن چوتكىلىمىسا، يېمەكلىك قالدۇقلىرى چىش ئارىلىقىدا قېلىپ قالسىمۇ ئېغىز پۇر

  • قانداق ئۇخلاش كېرەك؟

    تولىمۇ ئەپسۇسكى، كۆپىنچىلەر قانداق ئۇخلاش كېرەكلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ياكى ئۇخلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلارغا دىققەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، كېسەللەرگە مۇپتىلا بولىدۇ. ئۇيقۇ ئىنسان ھاياتىدا تولىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ساغلام ئۇيقۇ بىزگە ساغلام ھايات سۇنسا، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ يامان بولۇشى تۇرمۇش سۈپىتىنىڭمۇ يامان بولۇشىغا يول ئاچىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇخلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئىزدەندۇق. سىزگە

  • ناشتىلىق ھەققىدە

    چوڭلاردىن ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ ئىنتايىن موھىملىقى ھەققىدە ئاڭلايتتىم. لىكىن يەنىلا خىزمەت جىددىيچىلىكى دەپ تولا ھاللاردا ناشتا قىلمايلا ئۆيدىن چىقىپ كىتەتتىم. تويدىن كىيىن بۇ ئادىتىمنى سەل ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولساممۇ لىكىن كىچىككەندەك قىلىمەن. ئۆتكەندە تەكشۈرتۈشتە ئۆتتە ياللۇغ، قۇمسىمان تاش پەيدا بوپتۇ دەيدۇ. ئانچە-مۇنچە ئاشقازىنىم يېقىمسىز بولىدىغان ئالامەتلەر بار. ئۇندىن باشقا تۇرۇپلا بېشىم قايغاندەك، ئولتۇرغان ئورنۇمدىن تېزلا تۇرسا

  • كالىتسىيلىق يېمەكلىكلەر يۈرەكنى قوغدايدىكەن

    كورېيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 40 ياشتىن ھالقىغان 4589 ئەر بىلەن 5042 ئايالنى تاللاپ ئۇدا 13 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى:ئەگەر ياشانغانلار يېمەكلىكلەردىن يېمەكلىك تالاسى ۋە كالتسىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كۆپەيتسە، ئۇلارنىڭ يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا مۇنداق دېيىشتى:ياشانغانلار قوبۇل قىلغان كالتسىينىڭ مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا،

  • ئىشخانا رايونىدىكى پاكىز بولمىغان ئورۇنلار

    كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە، ئىشخانا ھەر كۈنى تازىلانغانلىقتىن، پاكىزلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىشخانا رايونىدىكى بۇلۇڭ پۇچقاقلار كېسەللىكلەرنى تارقىتىدىغان ئورۇن. ئىشخانىدىكى باكتېرىيەلەر ھاجەتخاندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ 400 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى ياخۇ تورىنىڭ ساغلاملىق قانىلى ئىشخانا رايونىدا پاكىز بولمىغان ئورۇنلارنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى. لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسى ئەگەر، ئىشخانا ئېگىز قەۋەتل

AD
260*220px