تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
  • ياشانغانلار كۈزدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    بويۇننى ئىسسىق تۇتۇپ ، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك . چۈنكى كۈز پەسلى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكى ئەڭ كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل ، شۇڭا ياشانغانلار ھاۋا سوۋۇغاندا بويۇننى ئىسسىق ساقلاپ ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك . سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . كۈزدە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا ، كىشلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ ، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئاشىدۇ ، شۇڭا كۆكتات ھەمدە مېۋىلەرنى يەپ ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشى كېرەك . جىددىي خاراك

  • رەڭدار فارفور قاچىلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ

    كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدار فارفور قاچىلار تاماق يېگۈچىلەرگە بىرخىل ھۇزۇر ئاتا قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشى ئۇلارغا يوشۇرۇنغان خېيىمخەتەرنى بىلمەيدۇ. مەيلى فارفور قاچىلار ياكى ساپال قاچىلارغا بېرىلگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رەڭلىك سىر ياكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق رەڭلىك سىرلار بولسۇن ئۇلارغا ئىشلىتىلگەن خام ئەشيالارنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم زەھەرلىك ئېغىر مېتاللار ۋە ئۇلارنىڭ باشقا خىمىيەلىك بىرىكمىلىرىدىن ئىشلىنىدۇ. مەسىلەن، توق قىزى

  • تايلاند مۇتەخەسسىسلىرى: ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرۈشنىڭ سەۋەبى بەلكىم يالغۇزلۇقتىن بولۇشى مۇمكىن

    ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى 7-ئۆكتەبىر خەۋىرى: تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش قېتىم سانى بىلەن ئادەم خاراكتېرىنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولىدىكەن. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللاش قېتىم سانى يۇقىرى بولغانلار يالغۇزسىراپ قالغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇلار شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن. ئەتراپىڭىزدىمۇ شۇنداق ئادەملەر بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار ھەر كۈنى دوستلار چەمبىرىكىگە ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ، ب

  • بانان شۆپىكىدە ئاياغ مايلىغاندا...

    بانان شۆپىكىنى ئاياغقا قايتاقايتا سۈرۈپ، ئاندىن لاتا بىلەن پاكىز سۈرتىۋېتىپ مايلىغاندا، ئاياغ پارقىراق بولىدۇ، باناننىڭ يەنە خۇرۇمنى ئاسراش رولىمۇ بار.

  • خاتىرە كومپيۇتېرىڭىزنى ئاسراشنى بىلەمسىز؟

    سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكران . خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكرانىنى كۈچەپ باسماسلىق، خەت ئۇرۇش كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن كىرىستال لامپا ئېكرانىنىڭ ئارىسىغا نەرسە قويماسلىق لازىم. سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكران يۈزىدىكى ئېلېكتىر سىتاتىك سەۋەبىدىن ئاسانلا چاڭ توزاننى سۈمۈرۈۋالىدۇ. شۇڭا، خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكرانىنى مەخسۇس تازىلاش قەغىزى بىلەن تازىلاش، ھەرگىز قول ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن سۈرتمەسلىك لا

  • ئەسنەش چوڭ مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدىكەن

    كۆپ ئەھۋاللاردا ئەسنەش چارچىغانلىقتىن بولسىمۇ، لېكىن ئادەم ئەسنىگەندە چوڭ مېڭە سەگەكلىشىدىكەن. ئەسنىگەندە يۇتقۇنچاق كېڭىيىپ كۆپلىگەن ھاۋا ئۆپكىگە كىرگەچكە، قان سۇيۇقلۇقىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئادەم سەگەكلىشىدىكەن.

  • كۆكتات ئارقىلىق قاندىكى ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش

    پىدىگەن: پىدىگەننىڭ سۆسۈن رەڭلىك پوستىدا ۋىتامىن E ۋە ۋىتامىن P مول بولۇپ، ۋىتامىن P قىل قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، مىكرو قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمى، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە قان بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار پىدىگەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۇ خىلدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. كەرەپشە: دائىم كەرەپشە ئىستېمال قىلىپ بەرسە قان مېيى، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىپلا قا

  • يازدا چۈشتە ئۇخلاشتىكى تۆت پەرھىز

    يازنىڭ چۈش مەزگىلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، بەدەندىكى قاننىڭ تارقىلىشى تەڭپۇڭ بولماي، چوڭ مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمايدۇ، ئادەم چارچاش ۋە روھسىزلىق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئازراق ئۇخلىۋالسا، سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. بىراق، چۈشتە ئارام ئېلىش مۇۋاپىق بولمىسا، ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قويىدۇ. شۇڭا، چۈشتە ئۇخلىغاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كې

  • تۇخۇم شاكىلىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش

    توخۇ تۇخۇمىنىڭ شاكىلىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال پايدىلانغىلى بولىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە پايدىلىنىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك: 1. تۇخۇم شاكىلىدىن چارۋا ماللار ئۈچۈن سۈپەتلىك يەم-خەشەك تەييارلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ، تولۇق قۇرۇتۇپ، ئۇندەك سوقۇپ ھەر 25 كىلوگىرام شاكال تالقىنىغا سىنىك سۇلفاتتىن 50 گىرام، تېررامىتسىندىن 250 گىرام، ماگني سۇلفاتتىن 40 گىرام، مىس سۇلفاتتىن 40 گىرام، سىنىك يودتىن 15گىرام، ناترىي خلوردتىن

  • دەزمالدىن ئەپچىل پايدىلىنىش

    1. يوتقان-كۆرپە كىرلىكلىرىنى دائىم دەزماللاپ تۇرغاندا، بۈرگە ۋە قۇرت تۇخۇملىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. 2. مەددە قۇرت كېسلىگە گىرىپتار بولغاندا، دورا ئىستېمال قىلىش ۋە شەخسىي تازلىقىنى ياخشى قىلغاندىن تاشقىرى، يەنە ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن كارىۋات ياپقۇچى ۋە يوتقان كىرلىكلىرىنى دەزماللاپ تۇرغاندا، مەددە قۇرت تۇخۇملىرىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. مۇنداق قىلىغاندا ئۆز كېسلىنى داۋالاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باشقىلارغا يۇقۇشىنىڭ ئالدى

  • ئېشىپ قالغان پىۋىنىڭ ئەپچىل ئىشلىتىلىشى

    ئېشىپ قالغان پىۋىنى ئىچكىلى بولمايدۇ. تاشلىۋەتسە ئىسراپچىلىق بولىدۇ، ئەمما تۆۋەندىكىدەك پايدىلانسا ھەم ئىسراپچىلىقتىن ساقلانغىلى ھەم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ: 1. گاز ئوچاق سۈرتۈش. يۇمشاق لاتىنى پىۋىگە تەگكۈزۈپ گاز ئوچاق ياكى بۇستارتقۇنى سۈرتكەندە ماي داغلىرى ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ. 2. گۈل سۇغىرىش. پىۋىدە كۆپ مىقداردا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى بولىدۇ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ھەر خىل ئۆسۈملۈك ۋە گۈل گىياھلارنىڭ مېتابولىزمىدا كەم بولسا بولمايدىغان م

  • دورا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىگەر ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

    گو خانىم قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن بۇيان دامېيكاڭ دورىسىنى ئىچىپ، بەدىنىدىكى قەنت مىقدارىنى تەڭشەپ كېلىۋاتاتتى. يېقىندا شامالداپ، زۇكامداپ قېلىپ، ئاسپىرىن ئىچكەن. ئويلىمىغان يەردىن، بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا، ھالسىزلىنىپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، قورسىقى كۆپۈپ، جىگەر قىسمى ئاغرىغان. دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەندە، دورىدىن ياللۇغلانغانلىقى ئېنىقلانغان. بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسى جىگەر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دىدى: يېقىندا كىلىنىكىدا دور

  • مېۋە-چېۋىلەردىكى ماركا چاپلانغان جاينى يېمەڭ

    قىسمەن مېۋىلەرگە ماركا ياكى سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى ماركا چاپلىنىدۇ، نۇرغۇن كىشى بۇنىڭغا دىققەت قىلماي، ماركىنى سويۇۋېتىپلا يۇيۇپ يېسە ھېچنىمە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ماركا چاپلانغان جاينى يېيىشكە بولمايدۇ. ماركا چاپلاشتا ئىشلىتىلگەن چاپلىغۇچ تەركىبىدە بېنزول، مېتىل بېنزول ھەم دى مېتىل بېنزول قاتارلىق زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار بولۇپ، مېۋىگە چاپلانغاندىن كېيىن يېمەكلىككە سىڭىپ كىرىدۇ، شۇڭا ماركا چاپلانغان م

  • ماي تېجەشنى بىلەمسىز؟

    1. كەڭتارلىقى مۇۋاپىق بولغان بالوننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. بالون بەك كەڭ بولسا قارشىلىق كۈچى چوڭ بولۇپ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ. 2. يېپىشقاقلىقى ئەڭ تۆۋەن ئاپتولنى ئىشلىتىش كېرەك. ئاپتولنىڭ يېپىشقاقلىقى قانچە تۆۋەن بولسا، موتور ئۇچرايدىغان قارشىلىق شۇنچە كىچىك، ماي سەرپىياتىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. 3 . موتورنى ياخشى ئاسراش، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان رېمونت قىلىش كېرەك. كۆرۈلگەن مەسىلە ۋاقتىدا ئوڭشالمىسا موتورنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ، ماي سەرپىياتى ئې

AD
260*220px