دىيابېت بىمارلىرى سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

تەھرىر: xabina   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-12-09 12:13

 

 قىش پەسلىدە كىشىلەرنىڭ سۇ ئىچىش مىقدارى تۆۋەنلەپ، سۈيدۈك ئازىيىپ، سۈيدۈك يولىنىڭ پاكىزلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. دىيابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرى 10 مىللىلېتىردىن يۇقىرى بولسا سۈيدۈكتە شېكەر تەركىبى پەيدا بولىدۇ. بۇ باكتېرىيەنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولغاچقا، ئايال دىيابېت بىمارلىرىنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ياللۇغلىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا قاندىكى شېكەر ماددىسىنى ياخشى كونترول قىلغاندىن سىرت، ھەركۈنى مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا سۈيدۈك يولىنى تازىلايدىغان سۈيدۈكنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياللۇغلىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

مۇھەممەت تۇراپ تەرجىمىسى 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315