يەتتە خىل دادا پەرزەنتىگە سەلبىي تەسىر بېرىدۇ

تەھرىر: xabina   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-12-02 16:32



بىرىنچى، توردا ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولغان دادا.

 دادا توردا ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولغان بولسا، پەرزەنتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى، ئاتا-ئانا قانداق قىلسا، بالىلارمۇ شۇنى ئۆگىنىدۇ. بولۇپمۇ، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئۆگىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنداق چاغدا دادىسى ئويۇنغا خۇمار بولسا، پەرزەنتلەر قانداقمۇ ئۆگەنمەي تۇرالىسۇن؟

 ئىككىنچى، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان دادا.

 بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئائىلىسىنىڭ كەيپىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق ئۆتۈشى بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر دادىسى بىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا كۆڭلىدىكىدەك بولماي قالسىلا ئاچچىقلانسا، بۇ چاغدا بالىلارمۇ شۇنى دورايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسى بىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئاكتىپلىق، سوغۇقچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بۇ پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بايلىق بولۇشى مۇمكىن.

 ئۈچىنچى، تاماكا چېكىدىغان دادا.

 تاماكا چېكىش تاماكا چەككۈچىگىلا زىيانلىق بولۇپ قالماي، تاماكا ئىسىنى سۈمۈرگۈچىلەرگىمۇ ئىنتايىن زىيانلىق، تاماكا چەككەن دادا بىلىپ بىلمەي ئۆز پەرزەنتىنى ئىسلاندۇرىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالا ئاسانلا كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەكلەر بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

 تۆتىنچى، پەرزەنتىگە ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىدىغان دادا.

 پەرزەنتىگە ھەددىدىن زىيادا ئامراقلىق قىلىش ياخشى ئەمەس. بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالا تۇرمۇشتا ھورۇن بولۇپ قالىدۇ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان بولىدۇ. بولۇپمۇ، خىراجەت پۇلنى بەك كۆپ بەرگەندە، بالىلار پۇل تېپىشنىڭ قىيىنلىقىنى، پۇلنى تېجەپ ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرگەندە، بالىلار ئاسانلا تۇرمۇشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتمايدىغان، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

 بەشىنچى، خورەك تاتىدىغان دادا.

 دادىنىڭ خورەك ئاۋازى بالىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر قىلىدۇ.

 ئالتىنچى، دائىم ئۆيدە تۇرمايدىغان دادا.

 ئاتا تەربىيەسى ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدۇ. ئانا ئاتىنىڭ رولىنى ئوينىيالمايدۇ. بولۇپمۇ، ئاتىنىڭ ئەرلەرگە خاس مىجەز-خۇلقىنى ئانىلار بالىلارغا ئۆگىتەلمەيدۇ. ئاتا تەربىيەسىنى جىق كۆرمىگەن بالىلاردا ئەركەكلەرگە خاس مىجەز-خۇلق بولماي قالىدۇ، ياكى سىرتقى كۆرۈنۈشىدە باتۇر، قەيسەر كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «تېشى پال-پال، ئىچى غا-غال» بولۇپ قالىدۇ.

 يەتتىنچى، سىرتقا قاراپ قالغان دادا.

 ئۆز كۆزى بىلەن ئائىلىسىدىكى جەڭگە-جىدەلنى كۆرۈپ چوڭ بولغان بالا بۇ خىل مۇھىتتىن قورقىدۇ. ھەتتا، توي قىلماسلىقنى، ئەر كىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەسلىكنى ئويلايدۇ.

زۆھرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315