ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى ...

تەھرىر: xabina   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-11-30 12:19

 1. تاختاي سۈرتۈش

 ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى سۈزۈك سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، تاختاي ئۈستىگە چېچىپ تاختاي سۈرتۈڭ. سۈت كىسلاتاسى بىر خىل تەبىئىي كىر چىقارغۇچ، ئۇنىڭدىن باشقا، سۈت تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ياغ قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، تاختاي ئۈستىدە بىر قەۋەت قوغداش قەۋىتى پەيدا قىلىپ، تاختاينى پارقىراق، يېڭى ھالىتىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، سۈركىلىشتىن ساقلاپ، تاختاينىڭ سىرتقى يۈزىنى قوغدايدۇ.

 2. خۇرۇم ئاياغنى سۈرتۈش

 ئاياغنىڭ ئۈستىدىكى مەينەتلەرنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتى ئۆتكەن سۈتتە ئاياغ سۈرتۈڭ، قۇرىغاندىن كېيىن قۇرۇق داكىدا ئاياغنى بىر ئېيتىۋەتسە ئاياغ پاقىراق، يېڭى ھالىتىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەنە ئاياغ خۇرۇمىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 3. خۇرۇم ئائىلە سايمانلىرىنى سۈرتۈش

 ۋاقتى ئۆتكەن سۈتكە چىلانغان لاتا بىلەن خۇرۇم ئائىلە سايمانلىرىنى سۈرتكەندە يېڭى ھالىتىگە قايتىپلا قالماي، خۇرۇمنىڭ يېرىلىپ كېتىش، بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 4. كىيىمدىكى قارا داغلارنى يوقىتىش

 پاكىز سۇ بىلەن كىيىمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى تۆكۈپ ئاستا ئۇۋىلىغاندا كىيىمدىكى قارا داغلار يوقايدۇ.

 5. ماي دېغىنى يوقىتىش

 ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى قولىمىز ماي دېغى، توپا-چاڭدىن ناھايىتى مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سۇلۇ بىلەن ۋاقتى ئۆتكەن سۈت ئارىلاشمىسى ئارقىلىق قولىمىزنى يۇيساق، قولىمىزدىكى ماي دېغى ناھايىتى تېزلا چىقىپ كېتىدۇ ھەمدە قولىمىزنىڭ تېرىسى تېخىمۇ يۇمران ھالەتكە كېلىدۇ.

 6. دات چىقىرىش

 ئۇيۇپ قالغان سۈتكە (سۈتكە ئازراق ئاچچىقسۇ قېتىۋەتسەكمۇ بولىدۇ) كۈمۈشنى چىلاپ قويغاندا كۈمۈشتىكى دات ۋە داغلار ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.

 7. چاچ ئاسراش

 ۋاقتى ئۆتكەن سۈت بىلەن سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، چاچ ئاسراش مەلھىمىدەك ھۆل چاچقا سۈرتۈپ، ئۇۋىلىغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە چاچ پارقىراق، سىلىق بولۇپ كېتىدۇ.

 8. بېلىق يەمچۈكى ياساش

 ئۇيۇپ قالغان سۈت بېلىق يەمچۈكى ياساشتىكى ئەڭ ياخشى خۇرۇچ. بېلىق تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار ئۇيۇپ قالغان سۈتنى بېلىق يەمچۈكىگە ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ.

 9. گۈل سۇغىرىش

 ئۇيۇپ قالغان سۈت بىلەن گۈل سۇغارسا گۈللەر ياخشى ئاينىدۇ. ئەمما سۈت مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئايدا بىرەر قېتىم بولسا بولىدۇ.

 

مەۋلۇدە ئابلىز تەرجىمىسى

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315