ھەرىكەت قىلىش ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ

تەھرىر: xabina   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-11-22 19:18


 شۋېتسىيەنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېنىقىپ تۇرىدىغان ئەرلەرنىڭ كۆپ ئولتۇرىدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى خېلى ئاز بولىدىكەن.

 تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەرىكەت سىجىللىقى بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن، ھەر كۈنى بىر سائەتكىچە ۋېلىسىپىت مىنىدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ھەر كۈنى 20 مىنۇتتىن 40 مىنۇتقىچە ۋېلىسىپىت مىنىدىغان ئەرلەرنىڭكىدىن %14 ئاز بولىدىكەن.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315