تاماكا چېكىدىغان كىشلەر سۈتنى كۆپ ئىچىپ بېرىشى كېرەك

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-11-08 10:22

تاماكا چېكىش ئاستا خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. تاماكا چەككۈچىلەر سۈت ئىچىش ئارقىلىق كېكىردەك ياللۇغىنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتەلەيدۇ. تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئاستا خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى بولغان كىشلەرنىڭ %31.7 سۈت ئىچمەيدۇ، لېكىن ھەر كۈنى سۈت ئىچىۋاتقان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئىچىدە كېكىردەك ياللۇغى بار كىشلەر %20 گىمۇ بارمايدۇ، چۈنكى سۈت تەركىبىدە ۋىتامىن A بار بولۇپ، ئۇ ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    بۇنىڭدىن سىرت ئۇزاق مەزگىل چاڭ-توزان ئىچىدە ئىشلەيدىغان، مەسلەن، قاتناش ساقچىسى، ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشچىسى قاتارلىقلار سۈتنى تېخىمۇ كۆپ ئىچىپ بېرىشى كېرەك. سۈت يەنە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315