ياشانغانلار كۈزدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-10-20 17:58

بويۇننى ئىسسىق تۇتۇپ ، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك . چۈنكى كۈز پەسلى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكى ئەڭ كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل ، شۇڭا ياشانغانلار ھاۋا سوۋۇغاندا بويۇننى ئىسسىق ساقلاپ ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك .

   سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . كۈزدە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا ، كىشلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ ، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئاشىدۇ ، شۇڭا كۆكتات ھەمدە مېۋىلەرنى يەپ ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشى كېرەك .

   جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك . بۇرۇن ياللۇغى ئاساسلىقى زۇكامدىن كېلىپ چىقىدۇ ، شۇڭا دائىم تۇز سۈيىدە مەز-مەزە قىلىش ، بۇرۇن ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

   ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك . يېمەكلىككە دىققەت قىلماسلىق ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇڭا غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315