رەڭدار فارفور قاچىلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-10-18 18:28

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدار فارفور قاچىلار تاماق يېگۈچىلەرگە بىرخىل ھۇزۇر ئاتا قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشى ئۇلارغا يوشۇرۇنغان خېيىمخەتەرنى بىلمەيدۇ.

  مەيلى فارفور قاچىلار ياكى ساپال قاچىلارغا بېرىلگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رەڭلىك سىر ياكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق رەڭلىك سىرلار بولسۇن ئۇلارغا  ئىشلىتىلگەن خام ئەشيالارنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم زەھەرلىك ئېغىر مېتاللار ۋە ئۇلارنىڭ باشقا خىمىيەلىك بىرىكمىلىرىدىن ئىشلىنىدۇ. مەسىلەن، توق قىزىل رەڭلىك سىرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كادمىينىڭ خىمىيەلىك بىرىكمىلىرى بولىدۇ، ئاقۇچ سېرىق سىرلاردا قوغۇشۇن ئوكسىد، يېشىل رەڭلىك سىرلاردا خروم ئوكسىد بولىدۇ.

   بۇ خىل قاچىلارغا مېۋە شەربىتى، ئاچچىقسۇ ۋە ھاراق قاتارلىق ئاجىز كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر ئېلىنسا، سىر بىلەن سىزىلغان گۈللەردىكى زەھەرلىك ئېغىر مېتاللار ئېرىيدۇ ھەم يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە بەدەنگە كىرىپ ئادەمنى زەھەرلەيدۇ، ھەتتا ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   كادمىيدىن زەھەرلەنگەندە، ئۆپكە ۋە سۆڭەك زەخىملىنىدۇ. قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەندە قان ئازلىق، نېرۋا ئاجىزلىشىش، يىلىكنىڭ كۆپىيىشى چەكلىمىگە ئۇچراشتەك كېسەللەر پەيدا بولىدۇ.

   شۇڭا رەڭدار فارفور ۋە رەڭدار ساپال قاچىلارنى ئىشلەتمەسلىك، بولۇپمۇ ئىچكى دىۋارىغا رەڭلىك سىرلار بىلەن گۈل سىزىلغان رەڭدار فارفور ۋە رەڭدار ساپال قاچىلارنى ھەرگىز ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315