تايلاند مۇتەخەسسىسلىرى: ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرۈشنىڭ سەۋەبى بەلكىم يالغۇزلۇقتىن بولۇشى مۇمكىن

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-10-18 11:06

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 7-ئۆكتەبىر خەۋىرى: تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش قېتىم سانى بىلەن ئادەم خاراكتېرىنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولىدىكەن. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللاش قېتىم سانى يۇقىرى بولغانلار يالغۇزسىراپ قالغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇلار شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن.

   ئەتراپىڭىزدىمۇ شۇنداق ئادەملەر بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار ھەر كۈنى دوستلار چەمبىرىكىگە ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەر «ئۆزىنى ئۆزى سۈرەتكە تارتىش تەلۋىلىرى» بەلكىم كىشىلىك مۇناسىۋەت بىر تەرەپ قىلىشتا ياكى روھىي جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەنلەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۆزىنى ئۆزى سۈرەتكە تارتىش پىسىخىكىلىق كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلغان، لېكىن باشقىلار بۇنى پەقەتلا بىر خىل بېسىم يېنىكلىتىش ئۇسۇلى خالاس، دەپ قارىغان.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315