ئاپتاپتا كۆيۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئۇسۇللار

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-06-21 12:04

ئاپتاپتا كۆيۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئۇسۇللار

شوخلا شەربىتى: شوخلىدىكى ۋىتامىن س تېرىدىكى تىروزىن ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كونتىرول قىلىپ، قارا پىگىمىنىت ھاسىل بۇلۇشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ ھەم تىرىنىڭ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زەخمىلەندۈرىشىدىن ساقلايدۇ. كۈندە بىر ئىستاكان شوخلا شەربىتى ئىچىپ بەرسە، ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرىشىدىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

تەرخەمەك شەربىتى؛ تەرخەمەكتە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا مول، بۇ ماددا تىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشىغا قارشى تۇرۇپ،ئ اپتاپتا كۈيۈپ قارىداپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇلۇپمۇ تەرخەمەكنى ئىزىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، تىرە قارىداش ۋە يۈزگە سەپكۈن چۈشۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

لىمۇن شەربىتى: لىمۇندا ۋىتامىن س ئىنتايىن مول، يەنە كالتىىسىي، فوسفور، تۆمۈر، بى گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارمۇ ئاز ئەمەس، بۇ ماددىلار ئاپتاپتا كۆيۈپ كىتىش ۋە داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۈندە 30 مىللىلىتىر لىمۇن شەربىتى ئىچىپ بەرسە، ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرىشىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

نەشپۈت شەربىتى: نەشپۈتتە ۋىتامىن س مول، ئۇ تىرىدە ئوكسىدلىنىش يۈز بىرىشنى چەكلەپ، تىرە قارىداپ كىتىش، داغ چۈشۈش ۋە تىرە يىرىكلىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەتتە ئىككى تال نەشپۈتنى ئىزىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، يۇقىرقى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315