ئائىلىلەردە ئەڭ ئاددىي چىش ئاقارتىش ئۇسۇللىرى

تەھرىر: gulxan   مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   يوللانغان ۋاقتى:2016-02-25 11:39

   ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىقسۇ يەنى كونا ئاچچىقسۇ، ئاق ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ، ئەمما كۈچلۈك ئاچچىقسۇ بولمايدۇ. ئاچچىقسۇنى ئېغىزغا بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتكىچە ئېلىپ تۈكۈرۈۋېتىپ، ئاندىن چوتكىلىسا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، ئەمما چىش بەك ئاچچىق بولۇپ، ئۇيۇشۇپ قالغاندەك سېزىم بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇدا بىر قانچە قېتىم قىلىشقا، دائىم قىلىشقا بولمايدۇ، تەخمىنەن ئىككى ئايدا بىر قېتىم قىلسىلا كۇپايە. ئۇنداق بولمايدىكەن چىشقا پايدىسىز بولىدۇ، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن:ئۇچرىشىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى چىشنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، ھەم ئېغىز پۇراپ قالغاندا قوللانسا بولىدۇ.

    ئاپېلسىن پوستىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ ئۈن قىلىپ، چىش پاستىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چىشنى چوتكىلىسا، چىشنى بەك تېز ئاقارتقىلى بولىدۇ.

    چىش چوتكىلايدىغان ۋاقىتتا، چىش چوتكىسىغا ئازراق ئېچىتقۇ سۈركىسە چىشنىڭ ئاقىرىشىغا ياردىمى بولىدۇ

    چىشنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن، ھەر بىر تال چىشقا لىمون شەربىتى سۈركەپ ئېيتىۋەتسە چىش ئاقىرىدۇ. خام يەر ياڭىقىنى چايناپ ئېزىپ يۈتۈۋەتمەي يەر ياڭىقى كېپىكىنى چىش پاستىسى ئورنىدا چىشنى چوتكىلىغاندا، چىشنى ئاقارتقىلى بولىدۇ.

 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315