يۈگۈرگەندە مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ خەتىرى ھەقىقەتەن چوڭ

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-01-21 10:55

ئەتراپىمىزدا چېنىقىش مەقسىتىدە يۈگۈرگەندە قۇلىقىغا نائۇشنىك تىقىۋېلىپ مۇزىكا ئاڭلايدىغانلار ئاز ئەمەس. بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«بۇنداق ئادەتنىڭ قىلچىلىك ئىلمىيلىقى يوق، ھەتتا نائۇشنىك پەيدا قىلغان ئاۋاز دولقۇنى قۇلاق پەردە ھۈجەيرىسىگە زىيان سالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاڭلاش سېزىمى زىيانغا ئۇچرايدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«يۈگۈرگەن چاغدا مۇزىكا ئاڭلاش يەنە كۆرۈش سەزگۈسىگىمۇ زىيان سالىدۇ، چۈنكى بەزى مۇزىكىلار چوڭ مېڭىنىڭ پەرقلەندۈرۈش رايونىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمى تۆۋەنلەپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلاپ، قارار چىقارغاندا ئاسانلا چاتاق چىقىرىدىغان بولۇپ قالىدۇ».
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315