چاياننىڭ شىپالىق رولى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-01-13 11:37

چاياننى ئەتىياز، ياز ۋە  كۈز پەسىللىرىدە تۇتۇپ ، سۈزۈك سۇ ياكى تۇز سۈيىدە يۇيۇپ ، قازانغا چايان چۆككىچە سۇ قۇيۇپ ، بىر جىڭ چايانغا 50-60 گىرام تۇز سېلىپ ، چاياننىڭ دۈمبىسىدە سېرىقلىق پەيدا بولغىچە ۋە بەدىنى قاتقۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ ئېلىپ سالقىنجايدا قۇرۇتۇپ (ئاپتاپتا قۇرۇتماسلىق لازىم )ساقلاپ دۇرا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ .
تەبىئىتى. ئۈچىنجى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى . چايان بالىلارنىڭ دۈلىنىشىنى تۈگۈتۈش ، قان بېسىمىنى تۈۋەنلىتىش، سىپازمىنى قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش ، يەلنى تارقىتىش ، بۆرەك ، دۇۋسۇندىكى تاشلارنى پارچىلاش ، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
ئىشلىتلىشى. پالەچ ، لەقۋا ، ئەزالار  بۇشىشىش ، بۇغۇم ئاغرىقى ، كۆز ئاغرىقى ، سۈيدۈك يوللىرىدىكى يىرىڭلىق جاراھەتلەرنى داۋالاش  ، چاچ چۈشۈش ، ئاق كىسەل ، بۇۋاسىر  ... قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .
چاياندىن ياغ چىقىرىپ ياغلانسا ، پالەچ ، ئەزالار بۇشىشىش ، بۇغۇم ئاغرىقلىرىغا شىپا بۇلىدۇ .
چاياننى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى قارىمۇچ زەنجىۋىللەرگە ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە تارتسا ، كۆزنىڭ ھەرخىل كىسەللىكلىرىگە شىپا بۇلىدۇ .
چاياننى كۈشتە قىلىپ سۇفۇف تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ . دۇۋسۇندىكى تاشلارنى ئىزىپ چۈشۈرىدۇ .
چاياننى كۆيدۈرۈپ ياكى ئىزىپ سىركە بىلەن يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا ، تىرىدىكى قارا داغلارنى يۇقىتىدۇ . ئاق كىسەلگە شىپا بۇلىدۇ . چاچنىڭ چۈشۈشىنى توختىتىدۇ .
چاياننى كۆيدۈرۈپ زەيتۇن يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ ، يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا ، چاچ ئۈندۈرىدۇ . چاچ چۈشۈشنى توختىتىدۇ .
چايان چاققان ئۇرۇنغا چاياننى تۇتۇپ ئىچ - قارنىنى ئېلىۋىتىپ تاڭسا زەھەرنى قايتۇرىدۇ .
چايان يېغى ، جىگدە چىچىكى ، كۆيدۈرۈلەەن زەمچە ، ئوسما يىلتىزى ياكى ئۇرۇقى ، كاكىنەچ ، شوخلا ، سىمىز ئوت ئۇرۇقى ، گۈل يېغى ، بابۇنە يېغى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 100 گىرامدىن ئېلىپ ، سۇقۇشقا تىگىشلىكلىرىنى سۇقۇپ تاسقاپ ھەممىسىنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ شامچە تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا بىر دانىدىن جىنسى يولغا كىرگۈزسە ، بالىياتقۇ ياللۇقى ، بالىياتقۇ ئىششىقى ، بالىياتقۇ تۈۋەنلەش ، ئاق خۇن كۆپ كىلىش ، جىنسى يول ياللۇقى قاتارلىق ئاياللار كىسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ  .
  چايان ، بەدىيانلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن ئوىشاش مىقداردا ئېلىپ ، قۇرۇتۇلغان پىلە تۈرۈلمىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قۇشۇپ سۇقۇپ ، تاسقاپ سۇفۇف تەييارلاپ ، زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلسا ، يۈز پارالىچى كىسەللىكلىرىگە شىپا بۇلىدۇ .
چاياندىن 10 گىرام ، زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كۇچۇلىدىن 20 گىرام ، يىلاندىن 70 گىرام ، مامۇرانچىن ، چۆپچىنلاردىن 20 گىرامدىن ، ئادىراسممان ئۇرۇقىدىن 30 گىرام ، ھەسەلدىن 540 گىرام ئېلىپ ، ھەسەلدىن باشقا دۇرىلارنى ئۇششاق سۇقۇپ ، تالقانلاپ ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ تەييارلاپ ، كۈندە ئۈچ ۋاخ 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلسا ، راك ، يامان خاراكتىرلىك يەل ، سىل قاتارلىق كىسەللىكلەرگە شىپا بۇلىدۇ .
 قۇرۇتۇپ تەييارلانغان چاياننى سۇقۇپ ، ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
چاياننى سۇفۇف قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ، مىڭىگە قان چۈشۈشتىن بولغان پالەچكە شىپا بۇلىدۇ .
چاياننى چاشقان مايىقى بىلە ئارىلاشتۇرۇپ سۇقۇپ ، سۇفۇف قىلىپ كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتسا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ، ناماز شام قارىغۇسىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .
چاياندىن 10گىرام ، پاقىدىن 3 دانە ، سۆرۈنجاندىن توققۇز گىرام ، دانىكاردىن ئالتە گىرام ، قوغۇشۇن پاراشۇكىدىن سەككىز گىرام ، قوينىڭ بۆرەك مېيىدىن 250 گىرام ئېلىپ ، پاقا ، چاياننى سۇس ئوتتا سارغايغۇچە قورۇپ ، قالغان دۇرىلار بىلەن سۇقۇپ تاسقاپ ، ياغنى ئىرىتىپ ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ ئاغرىغان بۇغۇملارنى ، بۇۋاسىرنى ياغلاپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .
زەھەرسىزلەىندۈرۈلگەن چايان ، يىلان ، سازاڭ ۋە سۆئىلەپ چىنىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ ، ھەر كۈنى 3 - 7 گىرامنى ئىككىگە بۆلۈپ ئەتىگەن ، كەچتە ئىچىپ بەرسە ، لىمفا سىلىغا شىپا بۇلىدۇ .
قۇرۇتۇلغان چاياندىن ئىككى دانە ئېلىپ سۇفۇف قىلىپ ، 10 دانە ياڭاق مېغىزىنى سۇقۇپ ئارلاشتۇرۇپ ،ئۇنىڭغا ئازراق سۇ ۋە ئۇن قېتىپ ، قاچىغا سېلىپ سۇس ئوتتا سارغايغۇچە قورۇپ ، ئازراق شىكەر ئارلاشتۇرۇپ ، ئۇنى يەتتىگە بۆلۈپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم ، -بىر قېتىمدا بىر ئۈلۈشتىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە چاشقان يارىسىغا شىپا بۇلىدۇ .
چاياندىن 15 دانىنى 250 گىرام كۈنجۇت يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ ، ئاپتاپتا ئۇزۇنراق قۇيۇپ ، كۆيۈك يارىسىنى تازلىۋىتىپ چېپىپ بەرسە ، كۈيۈككە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .
چاياندىن بەش ئالتە دانىنى 100گىرام ئىسپىرىتقا چىلاپ قۇيۇپ ، چايان چاققان ، ھاشارەت چاققان ئورۇنغا سۈرتۇپ بەرسە ، ئۇنىڭ زەھىرىنى يۇقىتىدۇ ۋە شىپا بۇلىدۇ .   

يانفۇندا كۆرۈش
    315