مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-14 18:50

 ئوزۇقلىنىش قانچە ساغلام بولسا، بەدەن ھاسىل قىلىدىغان ئازوت چالا ئوكسىدىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ساغلام ئوزۇقلىنىش دېگەن نېمە؟
      ئالدى بىلەن زور مىقداردا ئوخشىمىغان تۈردىكى كۆكتات ۋە مېۋە يېيىش كېرەك، چۈنكى كۆكتات بىلەن مېۋىدە زور مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپلار بولىدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ بەدەننىڭ ئوكسىدلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان پايدىلىق ماددىلار بولۇپ، ئۇ كۆپ خىل مېخانىزىم ئارقىلىق زۇپېر ئوكسىدقا ئوخشاش ئوكسىگېن ئەركىن رادىكاللىرىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئوكسىدلىنىشىدىن قوغداپ، بەدىندىكى ئازوت چالا ئوكسىدىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ.
      ئۇندىن قالسا، سېمىز گۆش، تاتلىق پىرەنىك، ئىرىمچىك، ياڭيۇ قەلەمچىسى قاتارلىقلار تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، تەتۈر ياغ كىسلاتاسى ۋە خولېستېر بولغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئەركىن رادىكاللارنىڭ بەدەندە ھايات كەچۈرۈشىنى ئازايتىپ، ئازوت چالا ئوكسىدىنىڭ ئەركىن رادىكال سانىنى مەنبەدىن كونترول قىلىش كېرەك.
      مەن ( مۇراد ) كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تامىقىمدا كۆپ مىقداردا كۆكتات ۋە مېۋە، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىك، ئىرىمچىك، بېلىق ۋە قاتتىق پوستىلىق مېۋە قاتارلىق ئارگىنىن مول يېمەكلىكلەرنى يەيمەن، بىراق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يىمەيمەن.   

يانفۇندا كۆرۈش
    315