چېچىڭىز نېمىشقا شۇنچە چۈشىدۇ بىلەمسىز؟

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-10-27 16:31


چاچ چۈشۈش ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ئۇنداقتا نېمىشقا چاچ چۈشىدۇ؟ ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىسلەر بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بەردى:
 
 
1. زىيادە ئورۇقلاش ۋە چاچ ياسىتىش؛
چاچنى بۈدىرە قىلىش ، بوياش ، ئۆرۈش سەۋەبىدىن چاچ مەلۇم دەرىجىدە چاچ فىزىكىلىق سوزىلىدۇ ھەمدە يۇقىرى تېمپىراتۇرا ھەم خېمىۋىيلىك دورىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ-دە چاچ يىلتىزى نابۇت بۇلىدۇ، چۈشكەن چاچ ئەسلىگە كەلمەيدۇ.
 
2. ۋېتامىن A كۆپىيىپ كېتىش؛
بەزىدە ۋېتامىن A كۆپىيىپ كەتسىمۇ چاچ چۈشىدۇ، بىراق ۋېتامىن A نى ئازايىتسا چاچ قايتا ئۆسىدۇ.
 
3. B تۈرىدىكى ۋېتامىن ئازىيىش؛
ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان چاچ چۈشۈشنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ، ئادەتتە بېلىق، ئورۇق گۆش، قاتتىق پوستىلىق مېۋە قاتارلىقلار تەركىبىدە ۋېتامىن B مىقدارى مول ، بۇ يىمەكلىكلەر چاچ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە بەدەن ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق.
 
4. ئاقسىل ئازىيىش؛
ئۇزۇقلۇق تەركىبىدە ئاقسىل ئاز بولسا بەدەندە چاچنى ئاقسىل بىلەن تەمىنلىگۈدەك ماغدۇر قالماي چاچ چۈشىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئاقسىل تولۇقلاپ تۇرغان ياخشى.
 
5. قان ئازلىق؛
تۆمۈر ماددىسى ئازىيىش مەنبەلىك قان ئازلىقمۇ چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، يەنە ئادەمدە چارچاش ، باش قېيىش ، پۇت- قول مۇزلاش، چىراي تاتىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، بۇنداق چاغدا كالا گۆشى ياكى دورا يەپ بەرسە بۇنداق ئەھۋال يوقىلىدۇ.
 
6. جىددىي كەيپىيات؛
كۈتۈلمىگەن ۋەقە بەدەندە يۇشۇرۇن كېسەللىكلەرنى قوزغاپ ، چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا بېسىم ۋە ئەنسىزلىككە دۇچ كەلگەندە ھەرىكەت قىلىش، دوسىتلار بىلەن سىردىشىش، ۋە ھىسىيات جەھەتتە تاۋلىنىش، چاچ چۈشۈنى پەسەيتىدۇ.
 
7. يارىلىنىش؛
ئادەم يارىلانغاندا ۋاقىتلىق چاچ چۈشۈش پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى چاچنىڭ نورمال ئۆسۈش دەۋرى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، بىراق يارىنىڭ ساقىيىشىغا ئەگىشىپ چاچ قايتا ئۆسىدۇ.
 
8. ھامىلدارلىق؛
ھامىلدارلىق بەدەندىكى ھۇرموننى قالايمىقانلاشتۇرۇپ چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلدۇ ، بىراق تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئوبدان دەم ئېلىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرسە، چۈشكەن چاچنىڭ ئورنىغا چاچ چىقىدۇ.
 
9. ئەرلىك ھورمۇننىڭ نورمالسىزلىشىش؛
50 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئەر كىشىدە چاچ چۈشۈش پەيدا بۇلىدۇ، چۈشۈش شەكلى " M" ھەرىپى شەكلىدە بۇلىدۇ، بۇ گېن ۋە ئەرلىك ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا تېرىگە دورا سۈرۈش ۋە دورا يەپ بەرسە قايتا چاچ ئۆسىدۇ.
 
10. ئېرسىيەت؛
ئەگەر جەمەتىدىكى ئاياللاردا مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا ، ئۇنداقتا جەمەتىدىكى ئايال ئەۋلاتلاردا چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
 
11. ئېمۇنىتىت كېسەللىكى؛ ئەگەر ئېمونىت سېستىمىسى زىيادە جانلىنىپ كەتسە ، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش پەيدا قىلىدۇ.
 
چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىرلەر
 
1 . چاچقا نېلون تارغاق ۋە نېلون چوتكا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى تارغاق ياكى چوتكا باش تېرىسىگە قارىتا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
 
2. مايسىزلاندۇرۇشى كۈچلۈك بولغان چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. چۈنكى بۇ خىل چاچ سوپۇنلىرى چاچنى بەكلا قۇرغاقلاشتۇرۇپلا قالماستىن، باش تېرىسىنىمۇ نىكروزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

3. چاچ قۇرۇتقۇنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چاچ قۇرۇتقۇنىڭ چاچ بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 سانتىمېتىر بولۇشى، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا چاچتىكى ئاقسىل ماددىسى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ئېلمېنتلار زىيانغا ئۇچرايدۇ.

4. چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. ئىككى قېتىملىق چاچ يۇيۇش ئارلىقى ئىككى كۈندىن بەش كۈنگىچە بولۇش، چاچ يۇغاندا باش تېرىسىنى ئۇۋلاشقا، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.

5. ۋاقتىدا ئۇخلاش، كېچىدە تاماكا چەكمەسلىك لازىم.

6. ھاراق ۋە باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن ئۆزىنى تارتىش لازىم.

7. روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ئارتۇقچە ئازابتىن خالى بولۇش، كۆپرەك سەيلە- ساياھەت قىلىش، يېنىك گىمناستىكا ئويناپ تۇرۇش لازىم.

8. قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، قەۋزىيەت قان سۇيۇقلۇقىنى بۇلغاپ، چاچنىڭ سۈپىتىنى بۇزىدۇ، چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.

9. ھاۋا تەڭشەشكە دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى چاچنىڭ مۇۋاپىق ھاۋاغا ئېرىشەلمەسلىكى چاچ ئاقىرىش ۋە چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.

10 . باش كىيىملەرنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا چاچنىڭ كۆتەك مۇسكۇللىرى بۇزۇلۇپ، چاچ چۈشۈش پەيدا بولىدۇ.  


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315