ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بېلىق مېيى ئىشلەتمەڭ

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 13:06

 

 بەزى ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بېلىق مېيى ئىشلەتسە بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىكەن. ئاۋستىرالىيەلىك تەتقىقاتچى ئۈچ يىلدىن بۇيان 300 دىن ئارتۇق ھامىلدارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، بۇ ئاياللار كۈنىگە 800 مىللىگىرام بېلىق مېيى ئىشلەتكەن. بۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچ-تۆت ياشقا كىرگەندە، تەتقىقاتچى بۇ بالىلارنى ھامىلە ۋاقتىدا بېلىق مېيى ئىشلەتمىگەن بالىلارنىڭ تىلى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ھەم مەسلىنى ھەل قىلىش جەھەتتە سېلىشتۇرغاندا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىنى بايقىمىغان. دېمەك، ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولمىغان نەرسىلەرنى ئاز يېيىشى، بېلىق مېيىنىمۇ قارىغۇلارچە ئىشلەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.  

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315