مۇنچىدا يۇيۇنغاندا تامچە قۇرۇت كېسىلىدىن ساقلىنىش كىرەك

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 13:06

 جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى جىنسىي يول مويلۇق تامچە قۇرت كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئاياللار كىسەللىكى . ياش قۇرامىغا يەتكەن ، ياتلىق بولغان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ .لىكىن ، توي قىلمىغان ياش قىزلاردىمۇ دائىم مويلۇق تامچە قۇرۇتتىن يۇقۇملىنىش بولىدۇ .بەزى ياش قىزلار كۆپىنچە بۇ كېسەل ئۈچۈن ئېغىز ئېچىشقا خىجىل بولۇپ ئازابلىنىدۇ .

جىنسىي يول مويلۇق تھمچە قۇرتى بىر خىل ناھايىتى كىچىك پارازىت مەنبەلىك قۇرت بولۇپ ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ . بەدەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن ، جىنسىي يولدا پارازىت ھالدا ياشاپ جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ، جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى تامچە قۇرت خاراكتېرلىق جىنسىي يول ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . دائىم كۆرىلىدىغان ئالامەتلىرى - سىرىتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىدۇ ۋە ئاق خۇن كۆپىيىدۇ . ئاق خۇننىڭ رەڭگى ئاق ، قىزىل بولىدۇ ، شەكلى ماغزاپسىمان ، يىرىڭسىمان ۋە سۇغا ئوخشاشمۇ بولىدۇ .

تامچە قۇرت ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ . تارقىلىش ئۇسۇلى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى ۋاستە ئارقىلىق يۇقىدۇ . مەسىلەن ، ئاممىۋى مۇنچىلاردىكى ۋاننا ، لۆڭگە ، سۇ ئۈزۈش كىيىمى قاتارلىقلار .يۇيۇنۇش لۆڭگىسى ، يۇيۇنۇش ۋاننىسى تامچە قۇرت تارقىلىشىنىىڭ ياخشى ۋاستىسى . يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ،بىۋاستە تارقىلىدۇ ، يەنى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ . تامچە قۇرت كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئەڭ موھىمى تازىلىققا دىققەت قىلىش ، بولۇپمۇ ھەيىز مەزگىلىدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش كىرەك . ئاياللار مومكىنقەدەر ئۆزلىرىنىڭ لۆڭگە ۋە يۇيۇنۇش داسلىرىنى ئىشلىتىشى ،ئاممىۋى لۆڭگە ، داسلارنى ئىشىلتىشتىن ساقلىنىشى لازىم . مۇنچىدا يۇيۇنماي دۇشتا يۇيۇنۇش كىرەك . تامچە قۇرت كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى بايقىغان ھامان دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش لازىم .

مەنبە . ئاياللار سىردىشى . 

 

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315