ساغلاملىق كۆزنىكى
  • يەر ياڭىقى ئالتە خىل ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ

    1. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى دېگىنىمىز پۇرىن مېتابولىزمى قالايمىقانلاشقان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بىمارلارنىڭ قېنىدىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى ئەسلىدىلا يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرى ياغلىق يېمەك-ئىچمەكلەر سۈيدۈك كىسلاتاسىنى چىقىرىپ تاشلاشقا توسقۇنلۇق قىلىپ كېسەللىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. 2. ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىلگەنلەر. ئۆت سۇيۇقلۇقى ياغنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. يۇقىرى ئاقسىللىق ۋە يۇقىر

  • قورساق ئاچقاندا پۇراش سېزىمى ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدۇ

    قورسىقىڭىز ئاچقاندا پۇراش سېزىمىڭىز بۇرۇنقىدىن ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلامسىز؟ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، ئاشقازان ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، پۇراش سېزىمىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقى بايقالغان. تەتقىقاتچىلار بۇ خىل ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى ئالدى بىلەن چاغشقانغا ئۇرغان، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، چاشقاننىڭ پۇراش سېزىمىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلاپ، ناھايىتى ئاجىز پۇراقنىمۇ پۇرىيالىغانلىقى مەلۇم بولغان. ك

  • ھامىلىگە زىيانلىق خىزمەتلەر

    1. قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىق مېتاللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار. بۇنداق ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ . سىماب ھامىلىنى غەيرىي يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ، قوغۇشۇن بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى، كىسلېن، فېنېل، بېنزىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ . 2. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىد

  • ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا...

    ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئاياللار ھاياتىدا بىر قېتىم مۇكەممەل ھامىلىدار بولۇش ۋە تۇغۇش مۇساپىسىنى تاماملىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى 10 يىل ئۇزىرايدۇ. بۇ خىل ئىممۇنىتېت كۈچى ئاساسەن سۈت بېزى راكى، تۇخۇمدان راكى قاتارلىق ئاياللار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇپ باقمىغان ئاياللار ھامىلە ھورمۇنىنىڭ دەل ۋاقتىدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە ھورمۇنغا تايىنىپ

  • بوۋاقلارنىڭ ھۆل تەمرەتكە بولۇشى ئانىلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

    ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانىلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تېنىدىكى بىر خىل ئالاھىدە ۋىتامىن B3نىڭ ھاسىلات مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولسا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يېشىغا توشۇشتىن بۇرۇن ھۆل تەمرەتكە (疹湿) بولۇش خەۋپى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. نىكوتىنامىد ۋىتامىن B3 نىڭ ھاسىلاتى بولۇپ، كىشىلەر ئادەتتە بېلىق، توخۇ گۆشى، گۈمبەمەدەك (موگۇ)، قاتتىق پوستلىق مېۋە ۋە قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق نىكوتىنا

  • چىش چىرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە

    چىش ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولۇپ، كالتسىي، فىتور، بور قاتارلىق ماددىلاردىن تۈزۈلگەن. چىش يېمەكلىكلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە مېخانىكىلىق ھەزىم قىلىپ، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. چىشنىڭ سىرتقى گۈزەللىككە بولغان تەسىرىمۇ چوڭ بولۇپ، چىش رەتلىك، ساغلام بولسا، ئادەم جۇشقۇن كۆرۈنىدۇ. چىشنىڭ نورمال تاۋۇش چىقىرىشتىمۇ رولى چوڭ. ھەممە ئادەم چىشلىرىنىڭ رەتلىك، چىرايلىق، ساغلام بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. چىش ساغلام بولمىسا ئېغىز بوشلۇقى يەللىكى

  • سۇ تولۇقلايدىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلار

    تۇرۇپ قالغان قورۇما بىركېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىلارنىلا كۆرسەتمەستىن، يەنە تۇرۇپ قالغان ۋاقتى سەككىز، ئون سائەتتىن ئاشقان قورۇمىلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ. تۇرۇپ قالغان يېشىل يوپۇرماقلىق قورۇمىلار. ئادەتتە نىترات كىسلاتا تۇزلىرى پېلەكلىك كۆكتاتلاردا مول، كاۋا قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلاردا ئازراق، يىلتىز غوللۇق كۆكتاتلار ۋە چېچىكى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلاردا ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق بولىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن چوڭ يېسىۋىلەك ۋە پالەك قاتارلىق يوپۇرماقلىق ك

  • ئامېرىكا تەتقىقات خادىملىرى: ئېرىمچىكنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار

    پىشلاق شۇنداق تۇزلۇق، ئۇنداقتا ئۇنىكۆپ يېسە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتاربولامدۇ؟ ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات خادىملىرىئەنگلىيە ئوزۇقلۇق ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىدە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ناترىي تولۇقلىسا قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداش رولى بارلىقىنى ئېيتتى.تەتقىقاتچىلار بەش قېتىمغا بۆلۈپ، ھەر قېتىمدا ئۈچ كۈن ئارىلىقتاشلاپ پىدائىيلار

  • چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت مېڭىپ بەرگەن ياخشى

    ئەگەر چۈشتىن كېيىن ئۇيقۇڭىز كېلىپ، دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلمەي، چارچىغاندەك ھېس قىلسىڭىز، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن مېڭىپ بېرىڭ. يېقىندا تەيۋەن ساغلاملىق ژۇرنىلىغا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا قارىغاندا، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت مېڭىپ بەرگەندە خىزمەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار 300 نەپەر ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئۇدا 10 ھەپتە چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت م

  • دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم يان تېلېفوننى ‹‹راك پەيدا قىلىدۇ›› دەپ بېكىتتى

    يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) غا قاراشلىق خەلقئارالىق راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى (IARC) يان تېلېفوننى تۇنجى قېتىم راك پەيدا قىلىدۇ دەپ بېكىتتى ھەم نېرۋا يىلىم ئۆسمىسى (بىر خىل مېڭە ئۆسمىسى) نى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يان تېلېفون رادىياتسىيەسىگە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. IARCنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى كرىستوف. ۋالدنىڭ ئېيتىشىچە، يان تېلېفون ئانتېنناسىنىڭ رادىياتسىيەسى ئەڭ كۈچل

  • سالامەتلىككە زىيانلىق بەزى ئادەتلەر

    سالامەتلىككە زىيانلىق بەزى ئادەتلەرتۇرمۇشتا نورمال دەپ قارىلىۋاتقان بەزى ئىش ھەرىكەتلەر سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ھەر كۈنى ھۆل قەغەز بىلەن شىرەنى سۈرتۈش، كىر يۇغاندا ئازراق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قوشۇش قاتارلىق ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارالغان ئىش ھەرىكەتلەر سالامەتلىككە زىيانلىق. ئەسنىگىسى كەلسىمۇ ئەسنىمەسلىكئەسنەش يۆتىلىش ۋە خورەك تارتىشقا ئوخشاش بولۇپ، ئادەملەرنىڭ بىر خىل نەپەسلىنىشنى تەڭشەش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن ئى

  • پۇتىڭىز پۇرىسا ، ئەھۋالغا قاراپ دورا ئىشلىتىڭ

    كۈز پەسلىدە ھۆل - يېغىننىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، بەزى كىشىلەردە پۇت پۇراش كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ . كۆپىنچە كىشى پۇت پۇراشنى ئۆزى داۋالاپ سېسىق پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش . پۇت پۇراش ئادەتتە شەلۋەرەش خاراكتېرىدىكى پۇت پۇراش ، سۇلۇق قاپارتما ھەمدە كىچىك قاسراق شەكىلدىكى پۇت پۇراش قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا پۇت پۇراش كېسەللىكىگە ئوخشاشمىغان تەدبىر قوللىنىش كېرەك . شەلۋەرەش خاراكتېر

  • قىشتا پۇتىنى ئىسسىق ساقلىغان ياخشى

    پۇتنىڭ ئالقىنى بىلەن ئۈستۈنكى نەپەس يولى شىلمشىق پەردىسىنىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، بىراق نېرۋا يوللىرى ئارقىلىق ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر پۇت مۇزلىسا، ئۈستۈنكى نەپەس يولى شىلىمشىق پەردىسىگە تارقالغان قىل قان تومۇرلار قىسقىراپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى ئازىيىدۇ. نەتىجىدە باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكروبلار ۋاقتىدا تازىلانماي قېلىپ ھەم كۆپىيىپ، زۇكام، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، نەپەس يولى

  • ئۇزۇنغا يۈگۈرەيدىغانلار دىققەت: ھەر ھەپتىدە تۆت سائەتتىن كۆپ چېنىقىش ئويلىغىنىمىزدەك ساغلاممۇ ئەمەس

    يېقىندا مارافونچە يۈگۈرۈشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيانلىق تەرەپلىرى توردا قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان.تۆۋەندە بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى مۇشۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ. يۈگۈرۈش بولسا بارلىق تەنھەرىكەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ،تېخنىكىنى ئاز تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە ئېنېرگىيەنى ئەڭ كۆپ خورىتىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، يۈگۈرۈش ئارقىلىق يۈرەك ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ۋەمېتابولىزمنى ياخشىلىغ

AD
260*220px