ئوقۇتقۇچىلار يېڭى دەرس ئەندىزىسى بويىچە تەربىيەلەندى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:uy.ts.cn   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:44

10-يانۋار، ئۈچئۆستەڭ يېزا ئارامەھەللە مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى دەرس ئەندىزىسى بويىچە ئۆتۈلگەن ئوچۇق دەرس


تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى:   

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزا ئارامەھەللە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى تەشكىللىگەن، ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسى ماسلاشتۇرغان «122» ئەندىزىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 10-يانۋار ئارامەھەللە كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئېچىلدى.

كۇرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئارامەھەللە كەنت باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچى «122» يېڭى دەرس ئەندىزىسى بويىچە ئۈلگىلىك دەرس ئۆتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزا ئارامەھەللە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ، پەن-تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاكادېمىك ئىساقجان ئىبراھىم «دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى»، «ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش» قاتارلىق سەككىز تېمىدا يېڭى دەرس ئەندىزىسى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى. لىن جىلۇ ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى، خانىقاتام يېزا، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن 150 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى كۇرسقا قاتنىشىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەندى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-01/11/content_578611.htm?lang=uy



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315