يۈەنتۇڭ تېز يوللانمىسى «كۆرۈنمەس يوللانما تالونى» چىقاردى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:cnbeta.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-12 00:00

بېتا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى،

تۈنۈگۈن شەھەر ئاممىسى چېن خانىم بىر تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پوسۇلكا ئۈستىدىكى تېز يوللانما تالونىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدى. تالون ئۈستىدە ئىسىم-فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى ۋە ئادرېسى تولۇق كۆرۈنمەستىن قىسمەن مەزمۇن «*» شەكلىدە كۆرۈنگەنىدى. «مۇشۇنداق بولسا ياخشى، تېز يوللانما ئورالما خالتىسىنى تاشلىۋەتكەن ۋاقىتتا شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتمىسەكمۇ بولىدۇ.» بېيجىڭ سەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىچە، بۇ يۈەنتۇڭ تېز يوللانما شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىقارغان «كۆرۈنمەس تالون» ئىكەن، بۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلار ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن، ئىستېمالچىلارمۇ ئەسكەرتمە بويىچە بۇ مۇلازىمەتنى تاللاش-تاللىماسلىقنى ئۆزى قارار قىلسا بولىدىكەن. 


پوسۇلكا ئورالما قېپىنى تاشلىۋېتىشتىن بۇرۇن شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىش لازىم

چېن خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەڭ دەسلەپتە پوسۇلكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئورالما قېپىنى بىۋاستە تاشلىۋەتكەن، ئەمما كېيىن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن دائىم ئەندىشە قىلىپ يۈرگەن. كېيىن ئۇ پوسۇلكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئورالما قېپىنى تاشلىۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۇچۇرلارنى «بىرتەرەپ قىلىۋېتىدىغان» بولغان، مەسىلەن: قەلەمدە سىزىۋەتكەن ياكى يىرتىۋەتكەن. 

چېن خانىمنىڭ سەھەر گېزىتى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئولتۇراق رايون ئەتراپىدىكى ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىرىنىڭ دائىم ئەخلەت ساندۇقىدىن كىشىلەر تاشلىۋەتكەن تېز يوللانما پوسۇلكىسىنىڭ ئورالما خالتىسىنى ئاختۇرىدىغانلىقىنى، يوللانما تالونىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئولتۇراق رايوندىكى كىشىلەرنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە ئادرېس ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۆزىمۇ دائىم ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىرىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان. «ھازىر تېز يوللانما تالونىدا قىسمەن ئۇچۇرلار كۆرۈنمەيدىكەن، شۇڭا شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمىساقمۇ بولىدىكەن» دېدى ئۇ. 


ھالقىلىق ئۇچۇرلار مەخپىي نومۇر سېلىپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ

بېيجىڭ سەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئىشلەتكۈچىلەر ئەۋەتكەن تېز يوللانما تالونىدىن تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى ۋە ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ «*» بەلگىسىگە ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى، يانفون نومۇرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆت خانىسى يوشۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. بۇنىڭغا قارىتا يۈەنتۇڭ تېز يوللانمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باش نازارەتچىسى تەن شۇخۇانىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆرۈنمەس تالوندا ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفون نومۇرى، ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى مەخپىي نومۇر سېلىنىپ بىرتەرەپ قىلىنىدىكەن. گەرچە تالوندا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرى مۇكەممەل كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما تېز يوللانما خادىمى شىركەتنىڭ ئىچكى قىسم سىستېمىسى ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالغۇچىغا بىۋاستە تېلېفون ئۇرۇپ، تاپشۇرۇۋالغۇچى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشالايدىكەن. 

بېيجىڭ سەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەمەلىي تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىستېمالچىلار تېز يوللانمىنى ئاچقاندىن كېيىن ئورالما خالتىسىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپى كېلىپ چىقىدىكەن. بېيجىڭ تېز يوللانما جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېز يوللانما تالونىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇرى، مال سېتىۋېلىش ئادىتى قاتارلىقلار قانۇنسىز سودىگەرلەرگە نىسبەتەن «قىممەتلىك بايلىق» ھېسابلىنىدىكەن. مەسىلەن: سودىگەرلەر بۇ ئۇچۇرلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىستېمالچىنىڭ ئىستېمال ئادىتىگە ئاساسەن مال تونۇشتۇرۇپ ساتىدىكەن، بەزىدە ئىستېمالچىلارنى بىزار قىلىۋېتىدىكەن؛ بۇ ئۇچۇلار قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئىستېمالچىغا زور يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن. شۇڭا ئىستېمالچىلار شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ئۆزلۈكىدىن قوغدايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ، پوسۇلكىلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئورالما قاپنى خالىغانچە تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم. 


ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇش-يوشۇرماسلىقنى خېرىدار ئۆزى تاللىيالامدۇ؟

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە «كۆرۈنمەس تالون» يۈەنتۇڭ تېز يوللانمىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق تالونىغا قارىتا سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خېرىدارلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بۇ تۈرنى ئىختىيارىي تاللىسا بولىدىكەن. تەن شۇخۇا مۇنداق دېدى:«بۇ مۇلازىمەت پۈتۈنلەي ھەقسىز، ھېچقانداق ئارتۇقچە ھەق ئېلىنمايدۇ. خېرىدارلار تېز يوللانما يوللىغان ياكى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا بۇ مۇلازىمەتنى تاللىيالايدۇ، ئەگەر ئېلېكترونلۇق تالون ئىشلىتىلگەن بولسا، تېز يوللانما خادىمى تېخنىكىلىق بىرتەرەپ قىلىش ئارقىلىق ‹كۆرۈنمەس تالون›نى تەييارلاپ چىقىدۇ.»

دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پوچتا كەسپى ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىزچىل تۈردە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تېز يوللانما كەسپىدە شەخسىي ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن، بۇ قېتىملىق «كۆرۈنمەس تالون»نىڭ چىقىرىلىشى كارخانىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئۈمىدىگە قايتۇرغان بىر خىل جاۋابى ھېسابلىنىدىكەن. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315