4-پەسىلدە ئالما ۋە سامسۇڭنىڭ پايدا پەرقى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:cnbeta.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:49

بېتا تورى خەۋىرى،  

كورىيە تاراتقۇلىرى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سامسۇڭ شىركىتى ئېلان قىلغان 4-پەسىللىك كەسپىي نەتىجە مۆلچەر دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بۇ پەسىلدىكى تىجارەت پايدا نىسبىتى %17كە يېتىپ، ئاساسلىق رىقابەتچىسى ئالما شىركىتىنىڭ تىجارەت پايدا نىسبىتى بىلەن بولغان پەرقى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن.

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دىيىشىچە، 4-پەسىلدىكى تىجارەت مۆلچەرى كىرىمى 44 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن، تىجارەت پايدىسى بولدا 7 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بۇ  پەسىلدىكى تىجارەت پايدا نىسبىتى %17 پىرسەنتكە يېتىپ، ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان. 

Galaxy Note 7 يانفونىنى يىغىۋېلىش ۋەقەسى سامسۇڭ شىركىتىنى 3-پەسىلدە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي سامسۇڭ شىركىتىنىڭ 4-پەسلىدە مۇشۇنداق ياخشى پايدا نىسبىتىنى يارىتىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇنداق ياخشى نەتىجىنىڭ يارىتىلىشى Galaxy S7 نۇسخىلىق يانفونلارنىڭ ياخشى سېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، ئېكران كەسپىنىڭ سېتىلىشىنىڭ ياخشى بولۇشى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدىكى تىجارەت پايدا نىسبىتى %20 بولغان. بۇ ئالما شىركىتى بىلەن سامسۇڭ شىركىتى ئارىسىدىكى تىجارەت پايدا نىسبىتى پەرقىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كىچىك نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى، تەڭلەشكىلى پەقەت ئۈچ نۇقتا قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

نۆۋەتتە ئالما شىركىتى بىلەن سامسۇڭ شىركىتى پۈتۈن يەرشارى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرماقتا. ئەمما ئالما شىركىتى  بۇرۇندىن تارتىپ سېتىش پايدىسى نىسبىتى جەھەتتە سامسۇڭ شىركىتىنى بېسىپ چۈشكەن، ئىككى شىركەت ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ پايدا نىسبىتى پەرقى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا يارىتىلغان. 2015- يىلى تۆتىنچى پەسىلدە ئالمىنىڭ سېتىش پايدا نىسبىتى %31كە يەتكەن ئەمما سامسۇڭنىڭ پايدا نىىبىتى بولسا ئاران %11 كە يەتكەن.

2015-يىلى ئالمىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئالما شىركىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بازار ئۈلۈشىگە تايىنىپ ئەڭ زور پايدا ياراتقان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىشتا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئالما شىركىتىنىڭ يىللىق مەھسۇلات سېتىش مىقدارى ۋە ساپ پايدىسىدا 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. iPhone 7 نۇسخىلىق يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا، ئالما شىركىتى يېقىندا ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى %10 تۆۋەنلەتكەن.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315