ھازىرغىچە ئېلان قىلىغان 15 نۇسخا iPhoneنىڭ ئىچ زاپچاسلىرىغا نەزەر

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:cnbeta.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:49

cnbeta تورى خەۋىرى،

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پەن-تېخنىكا تاراتقۇلىرى ئىزچىل ھالدا iPhoneنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلدى. چۈنكى 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىۋ جوبىس «مەك دۇنياسى» (MacWorld) چوڭ يىغىنىدا تۇنجى قېتىم iPhoneنى نامايەن قىلغانىدى. مەزكۇر يېڭى مەھسۇلات خۇددى جوبىس ئېيتقاندەك يانفونغا قايتا تەبىر بەردى. گەرچە ئالما شىركىتى تۇنجى قېتىم ئەقلىيفون ئىشلەپچىقارغان شىركەت بولمىسىمۇ، بىراق ئەقلىيفونلار ئالما شىركىتى بولغاچقىلا توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلالىدى.

1-ئەۋلاد iPhone ئېكرانى پەقەت 3.5 دىيۇملۇق، گەۋدىسى ھازىرقىدىن خېلىلا قېلىن مەھسۇلات ئىدى. بىراق 2007-يىلى ئۇ بازاردىكى ئاز ئۇچرايدىغان نېپىز چوڭ ئېكرانلىق ئەقلىيفون ئىدى. 10 يىللىق تەدرىجىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن نۆۋەتتىكى iPhone بارغانسېرى نېپىزلىدى، ئېكرانىمۇ بارغانسىرى چوڭايدى. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى؟ داڭلىق يانفون چۇۋۇش ئورگىنى iFixit يېقىندا iPhoneنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىگە ئاتاپ، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى 15 نۇسخا iPhoneنىڭ ئىچكى قۇرۇلما رەسىمىنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆرسەتكۈچىنىمۇ بېكىتتى.

2007-يىلىدىكى iPhoneلارنى ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئالما شىركىتى ئۇنى لايىھىلىگەن ۋاقىتتا باتارىيە بىلەن يانفۇن گەۋدىسىنى بىر-بىرىگە كەپشەرلىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ سىرىتقى قېپىنى بۇزۇش لازىم. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆرسەتكۈچى پەقەت ئىككى نومۇر (تولۇق نومۇر 10 نومۇر). بىراق iPhone 3Gدىن باشلاپ iPhoneنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان. تۆۋەندە بىز مۇكەممەل رەسىملەر توپلىمىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.

 

 


iPhone : ئىككى نومۇر 



  iPhone 3G : يەتتە نومۇر



iPhone 3GS : يەتتە نومۇر



iPhone 4 : ئالتە نومۇر


iPhone 4s : ئالتە نومۇر


iPhone 5 : يەتتە نومۇر


iPhone 5c : ئالتە نومۇر


iPhone 5s : ئالتە نومۇر


iPhone 6 : يەتتە نومۇر 


iPhone 6 Plus : يەتتە نومۇر


iPhone 6s : يەتتە نومۇر


iPhone 6s Plus : يەتتە نومۇر


iPhone SE : ئالتە نومۇر


iPhone 7 : يەتتە نومۇر


iPhone 7 Plus : يەتتە نومۇر 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315